تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ پولشا زۇڭتۇڭى دۇداغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى پولشا زۇڭتۇڭى دۇداغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، دۇدانىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭدىن ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىڭىزدىن خەۋەر تاپتىم، سىزدىن سەمىمىي ھال سورايمەن، سالامەتلىكىڭىزنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن ھەم پولشا خەلقىنىڭ بالدۇرراق يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن پولشا ئىككى دۆلەت ئۆزئارا قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى. مەن جۇڭگو ـ پولشا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن پولشانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.