ئاپتورلار: زوۋ رۇڭنيەن، لى رۇيشەن
2021-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بىر چۆللۈكتە، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى موڭغۇلىيە قۇلۇنى تۈر توپىنى سۈرەتكە ئېلىۋالدى. ئۇلار بەزىدە ئېڭىشىپ ئوزۇق ئىزدىسە، بەزىدە ئەتراپتىكى مۇھىتنى سەگەكلىك بىلەن كۆزىتەتتى، يۆتكەلگەندە قاتارلىشىپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ساغلام ھالىتى قىش پەسلىدىكى چۆللۈككە چەكسىز ھاياتىي كۈچ قوشقانىدى.
موڭغۇلىيە قۇلۇنى دۆلەت 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان بولۇپ، دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغاچقا، موڭغۇلىيە قۇلۇنى تۈر توپى يىلدىن-يىلغا كۆپەيدى.
(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك فوتوگرافلار جەمئىيىتى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى