تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرەيلى

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە. ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بۇ خىزمەتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

كەڭ كۆلەمدە تەشكىللەش، قوزغىتىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنى مەركەزلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللەش، تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتى قوللانمىسىنى تۈزۈپ بېسىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىدىكى سىياسەت - بەلگىلىمىلەر، تەرتىپ - ھالقىلارنى چۈشىنىش، ئىگىلەش، مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىش، ۋەكىل نامزاتلىرىنى كۆرسىتىشكە پائال، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قاتنىشىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزالىرى، ياشانغان، تېنى ئاجىز پارتىيە ئەزالىرى قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، تېلېفون، خەت ئالاقىسى، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ پىكىر ئېلىپ، ئۇلارنى نامزات كۆرسىتىشكە قاتنىشىشقا تەشكىللەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە دىققەت قىلىپ، تىرىشىپ بارلىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنى نامزات كۆرسىتىشكە قاتناشتۇرۇش كېرەك.

پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. تەشكىلىي تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، نامزاتلارنىڭ سىياسىي ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋەكىللىك سالاھىيىتى شەرتىنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئۆلچەمنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامزاتلارنى دەل جايىدا، پۇختا تەكشۈرۈپ باھالاپ، كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، دەرىجىمۇدەرىجە تاللاپ، ياخشىلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاپ، ۋەكىللەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ۋەكىل نامزاتلىرىنى تەكشۈرۈش ماتېرىيالى، ۋەكىللەرنى تىزىملاش جەدۋىلىدىكى ئۇچۇرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق ئىپادىلىرىگە قارىتا، قاتلاممۇقاتلام ئۆتكەلنى ئىگىلەپ مەسئۇل بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، مەزمۇنى دەل جايىدا بولۇش، ئوبيېكتىپ ئورۇنلۇق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇبالىغىلەشتۈرۈپ كۆتۈرۈش، بىر تەرەپلىمىلىكنى بىر پۈتۈنلۈك دەپ قاراش، ئەينەن بولماسلىق، ھەقىقىي بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. نامزاتلارنىڭ پاكلىق ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، «تۆت جەزمەن» تەلىپى ۋە پاكلىق پىكرىگە «قوش ئىمزا قويۇش» بەلگىلىمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۆتكەلنى بىرلىشىپ ئىگىلەشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار ئۇچۇر ئالاقىسى قىلىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ماسلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش، قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، سالاھىيىتىنى بېكىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا ئۆتكەلنى ئىگىلەش كېرەك. ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ مەسىلىسى ئىنكاس قىلىنغان بولسا، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، يەكۈن خاراكتېرلىك ئېنىق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. تەرتىپ ئۆتكىلىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامزات كۆرسىتىش، تەشكىلىي تەكشۈرۈش، نامزاتلارنى بېكىتىش، يىغىندا سايلاش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقا، قەدەم - باسقۇچلاردا تەرتىپنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەشغۇلاتنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك، ئۆزگەرتىشكە، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، قېيىپ ئۆزگىرىپ كېتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.

سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە سايلام ئىنتىزامىنى چىڭىتىش كېرەك. ئىنتىزامنى چىڭىتىش ۋەكىللەرنى سايلاشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. باشتىن - ئاخىر ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاگاھلاندۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىنتىزامنى چىڭىتىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرى، بولۇپمۇ «ئوننى قاتتىق چەكلەش» ئىنتىزام تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، خۇنەن خېڭياڭ، سىچۇەن نەنچۇڭ، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئاۋاز توپلاش، پارا بېرىپ سايلىنىش، سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلولىرىنى تولۇق تەتبىقلىغان ھالدا ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنتىزام ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىنتىزام، قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. باشتىن - ئاخىر يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، نازارەتچىلىكنى چىڭىتىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاۋاز توپلاش، پارا بېرىپ سايلىنىش، ئارىغا ئادەم قويۇپ سەمىگە سېلىش، ئالدىن ئاشكارىلاپ قويۇش، شەپە بېرىش، ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللار ۋە سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا، ئاخىرغىچە تەكشۈرۈپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، ھەرگىز كەڭ قورساقلىق قىلماسلىق، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق كېرەك. بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇشنى يولغا قويۇپ، مەسىلە كۆرۈلسە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ كەسكىن تەدبىر ئارقىلىق، ۋەكىللەرنى سايلاشتا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى ۋە ۋەكىللەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈش، پارتىيە ئىشلىرى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى مۇھىم بىلىش، دېموكراتىيە ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈش، نامزات كۆرسىتىش ۋە سايلام نەتىجىسىگە توغرا مۇئامىلە قىلىش، سايلىنالماي قالغان يولداشلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك، نامزاتلىققا كۆرسىتىلمىگەن ياكى سايلانمىغان يولداشلارنى تەشكىلگە توغرا مۇئامىلە قىلىش، يولداشلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىش، ئىدىيەۋى يۈكنى چۆرۈپ تاشلاپ، داۋاملىق تىرىشىپ خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتى تەشۋىقاتىنى پائال، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۇسۇل، ۋاسىتىلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، تەسىرلىك، جانلىق، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، ياخشى ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى يارىتىپ، ئىدىيەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، نۆۋەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە مەركەزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىدە ۋەزىپە ئېغىر، مەسئۇلىيەت زور، تەلەپ يۇقىرى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەزمەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەخسۇس خىزمەت ئاپپاراتى قۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولغان، ئادىل، دۇرۇس بولغان، كەسىپكە پىششىق بولغان، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان يولداشلارنى بۇ خىزمەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تاللىشى كېرەك. پارتىيە كومىتېتى (خىزمەت كومىتېتى، پارتىيە گۇرۇپپىسى) سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاساسلىق رەھبەرلەر ئۆزى تۇتۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە تەشكىلات، تەشۋىقات قاتارلىق فۇنكسىيەلىك تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ماسلىشىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئەستايىدىل، ئىنچىكە بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلى بىلەن بۇ مۇھىم، زور ۋەزىپىنى ھەقىقىي ياخشى ئورۇندىشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.