تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2021 - يىلى شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك سېتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20كە يېقىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2021 - يىلى شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك سېتىش مىقدارى 150 مىليارد 691 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.19 ئاشقان. بۇ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك سېتىش مىقدارىنىڭ تۇنجى قېتىم 150 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىشى بولۇپ، كۆلەم جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئىستاتىستىكا ئۆلچىمىدىكى توك ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۈتۈن ساھەلەر بويىچە توك ئىشلىتىش مىقدارى 136 مىليارد 247 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئومۇمىي توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ %90.41ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.9 ئاشقان؛ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى 14 مىليارد 444 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئومۇمىي توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ %9.59ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.9 ئاشقان.

ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ توك ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، 1 - كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 2 مىليارد 33 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، پۈتۈن كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ %1.49ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.95 تۆۋەنلىگەن؛ 2 - كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 89 مىليارد 765 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، پۈتۈن كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ %65.88ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.52 ئاشقان؛ 3 - كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 44 مىليارد 450 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، پۈتۈن كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ %32.62ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.75 ئاشقان.

توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقىنى 2 - كەسىپ بولغان. 2021 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2 - كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىدا سىجىل يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە كانچىلىق كەسپىنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 11 مىليارد كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشقان؛ ياسىمىچىلىقنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 59 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27 ئاشقان؛ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىدە توك ئىشلىتىش مىقدارى 18 مىليارد 800 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئاشقان؛ باشقا ساھەلەردە توك ئىشلىتىش مىقدارى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاشقان.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ماركېتىڭ مۇلازىمەت مەركىزى توك ھەققى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې خۇيمېي مۇنداق بىلدۈردى: 2021 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېنېرگىيە سانائىتى تېز سۈرئەتتە قايتا جانلاندى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش كەسپىدە توك ئىشلىتىش مىقدارى 4 مىليارد 641 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %86.44 ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېقىلغۇ گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىمۇ كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، كۆلىمى 1 مىليارد 551 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر قاتلاندى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىش سەۋىيەسىنىڭ يەنىمۇ ئۆسكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.