تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

ناھىيە خەۋەرلىرى | شىنجاڭ چەرچەن: بۆلجۈرگەن قىزاردى، تۇرمۇش گۈزەللەشتى

2021-يىلى 12-ئ‍‍اينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى سالۋادۆڭ تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان بۆلجۈرگەن پارنىكىغا كىرگىنىمىزدە، قىر-قىرلاردا رەتلىك ئۆسكەن بۆلجۈرگەن مايسىلىرى قىپقىزىل بۆلجۈرگەنلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئېغىزغا سېرىق سۇ كەلتۈرەتتى. تېرىقچى زو جۈنتىڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تۆت پارنىكتىن 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەسى پارنىك قاتارلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ بازىرى ئىتتىك كۆكتات، مېۋە-چېۋە سورتلىرىنى پائال كىرگۈزۈپ ۋە كېڭەيتىپ، دېھقانلارغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى.

ئاپتورلار: رېشىت ئىمىن، جياڭ لىڭ
(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: چەرچەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.