تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتلاتقۇچ بوغچىسى ئالدىدا ئۆلۈمدىن قورقمىدى

جاۋ شىنمىن:

پارتلاتقۇچ بوغچىسى ئالدىدا ئۆلۈمدىن قورقمىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

«ئەينى يىلى ئادەم توپلاشقان قايناق شەھەر رايونىدا، جاۋ جياۋداۋيۈەن پارتلاتقۇچ بوغچىسىنى پارتلاتقان قارا نىيەتنى بەدىنى بىلەن توسۇۋېلىپ، شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى، ئاممىدىن بىر ئادەممۇ تالاپەتكە ئۇچرىمىدى.» 2021 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى جاڭ ۋېنشيەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەن جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە يېڭى قاتناشقان ۋاقتىمدا دەل جاۋ شىنمىن جياۋداۋيۈەن تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا تەقسىم قىلىندىم. مۇشۇ يىللاردا جاۋ شىنمىننىڭ قەھرىمانلىق روھى ماڭا ئىزچىل تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى.

جاۋ شىنمىن، ئىنقىلابىي قۇربان، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، ھايات ۋاقتىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى شىمېن ساقچىخانىسىنىڭ جياۋداۋيۈەنى بولغان. 1976 ـ يىلى 11 ـ ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان. 26 يىلدا جاۋ شىنمىن خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى پاش قىلىشقا قاتنىشىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان.

2002 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، بىر قارا نىيەت بەدىنىگە پارتلاتقۇچ بوغچىسىنى تېڭىۋېلىپ، ئادەم توپلاشقان قايناق شەھەر رايونىدا ۋەقە سادىر قىلىشقا ئۇرۇندى. دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جاۋ شىنمىن خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا، ئەقلىدىن ئازغان قارا نىيەت جاھىللىق بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى سودا سارايغا كىرمەكچى بولدى. «مەن مەسئۇل خادىم، قانداق گېپىڭ بولسا ماڭا دە!» جاۋ شىنمىن قارا نىيەتنىڭ يولىنى توسۇپ، تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن قارشى تەرەپنى تۇتۇپ تۇرۇپ، سەپداشلىرىنىڭ ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇشى ۋە بىخەتەر جايلاشتۇرۇشى ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەقىل ـ پاراسىتى، باتۇرلۇقىنى ئىشقا سېلىپ، بىر مەھەل ھەپىلىشىپ، ئاخىر قارا نىيەتنى بوش جايغا ئېلىپ باردى.

سەپداشلىرى تەييارلىنىپ بولغان، ئامما ئاساسىي جەھەتتىن بىخەتەر جايغا تارقاقلاشتۇرۇلغان چاغدا، تۇيۇقسىز كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازى ئاڭلىنىپ، ئوت يالقۇنى پەلەككە يەتتى، قارا نىيەت پارتلاتقۇچ بومبىنى پارتلاتقانىدى. بۇ دەل شۇ كۈنى سائەت 11دىن 52 مىنۇت ئۆتكەن چاغ ئىدى.

پارتلاشتىن كېيىن، سەپداشلىرى پارتلاش يۈزبەرگەن جايدىن ئۈچ مېتىر يىراقلىقتىكى بىر ئاپتوموبىلنىڭ ئاستىدىن جاۋ شىنمىننى بايقىدى، ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى ساقچى فورمىسى پارتلاشتا پارە ـ پارە بولۇپ كەتكەنىدى. شۇ كۈنى سائەت 14تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋ شىنمىننىڭ يارىسى ئېغىر بولغاچقا، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، 46 يېشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولدى. خەلق ئاممىسىدىن بىرىمۇ تالاپەتكە ئۇچرىمىدى، يېقىن جايدىكى سودا ساراي خەۋپ ـ خەتەردىن ئامان قالدى.

2002 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى جاۋ شىنمىنغا «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 ـ دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دەپ نام بەردى. ئۇ «2002 ـ يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن ئون چوڭ شەخس» بولۇپ باھالاندى.

«پارتلاتقۇچ بوغچىسى پارتلىغاندا، جاۋ شىنمىن جياۋداۋيۈەن خېيىم ـ خەتەرگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم، چۈنكى مۇشۇنداق جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئۇ ھەمىشە بىرىنچى بولۇپ ئېتىلىپ چىقاتتى» دېدى جاڭ ۋېنشيەن.

جاۋ شىنمىن ساقچى بولغان 26 يىلدا، «مەن ئالدىدا ماڭاي» دېگەن سۆز خەتەرلىك، جىددىي پەيتتە ئۇ دائىم دەيدىغان سۆز بولۇپ قالغانىدى. 1994 ـ يىلى جاۋ شىنمىن ئەترەتنى باشلاپ بىر جىنايەتچى ئۇنسۇرنى تۇتۇشقا ئاتلاندى، ئەھۋال جىددىي بولغاچقا، خەلق ساقچىلىرى ئوق ئۆتمەس كىيىمنى يېتەرلىك ئېلىۋالمىغانىدى، جاۋ شىنمىن ئوق ئۆتمەس كىيىمنى ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي سەپدىشىغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، خەتەرگە قارىماي، باشلامچىلىق بىلەن قارا نىيەتنىڭ ئۇۋىسىغا بۆسۈپ كىردى.

ئىلگىرى جاۋ شىنمىن تۇتقان جىنايەت گۇماندارى ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ: «پەخەس بول، ھامان بىر كۈنى ئۆچ ئالىمەن!» دېگەندە، جاۋ شىنمىن: «مەنمۇ ساڭا دەپ قوياي، ئۆلۈمدىن قورقسام ساقچى بولمايتتىم!» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.

بىر قېتىم، ئۆيىدە ئارام ئېلىۋاتقان جاۋ شىنمىن بىرسىنىڭ ئوغرىنى تۇتۇڭلار، دەپ ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلاپ دەرھال ئۆيىدىن ئېتىلىپ چىقتى، ئەسلىدە ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى ئوغرىلىغان ئوغرىنى ئامما بايقاپ قالغاندا، ئوغرى پىچىقىنى چىقىرىپ ئەتراپتىكى ئاممىغا تەھدىت سالغانىدى، جاۋ شىنمىن قىلچە ئىككىلەنمەي ئېتىلىپ بېرىپ، پىچاقنى تارتىۋېلىپ، ئوغرىنى تۇتتى.

جاۋ شىنمىننىڭ قۇربان بولغىنىغا شۇنچە يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خالىس، باتۇر قەھرىمانلىق روھى ۋە خەلقنى سۆيۈش، خەلقنى كۆزلەش ھېسسىياتى تۈركۈم ـ تۈركۈم سەپداشلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

ھەر يىلى 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدە، چىڭمىڭ بايرىمى ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى شىمېن ساقچىخانىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىكى باتۇرلارچە قوربان بولغان قەھرىمان جاۋ شىنمىننى ياد ئېتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جاۋ شىنمىننىڭ قەھرىمانلىق روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد خەلق ساقچىلىرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ داۋاملاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.