تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلقنىڭ ياخشى ساقچىسى دەۋر قەھرىمانى

زوۋ ۋېي:

خەلقنىڭ ياخشى ساقچىسى دەۋر قەھرىمانى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

يېقىندا، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ دۆربىلجىن بازىرى چياۋدۇڭ مەھەللىسىدە بىر ئالاھىدە ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى − «زوۋ ۋېي ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى» بېزىلىۋاتاتتى، بۇنى دۆربىلجىن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى شەھەر ـ بازار چياۋنەن ساقچىخانىسى ئىنقىلابىي قۇربان زوۋ ۋېينىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھىدىن ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ياسىتىۋاتاتتى.

زوۋ ۋېي، 2014 ـ يىلى 11 ـ ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، ھايات ۋاقتىدا دۆربىلجىن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى شەھەر ـ بازار چياۋنەن ساقچىخانىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چياۋنەن ساقچىخانىسى» دېيىلدى)نىڭ مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى بولغان.

2019 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، زوۋ ۋېي يۇندى قۇدۇقىغا چۈشۈپ، قاپسىلىپ قالغان ئاممىنى قۇتقۇزغاندا، تۇنجۇقۇپ قېلىپ قۇربان بولۇپ، ھاياتى 31 ياشتا مەڭگۈ توختاپ قالدى. 2019 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، ئۇنىڭغا «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2 ـ دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلدى.

خەتەرلىك جىددىي پەيتتە «مەن چۈشەي»

2019 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى سائەت 20 ئەتراپىدا، دۆربىلجىن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىر ئەشيا ئوبوروت شىركىتى قورۇسى ئىچىدە، قورۇ ئىگىسىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇندى قۇدۇقىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالدى.

«مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، زوۋ ۋېي دەرھال خىزمەتداشلىرىنى چاقىرىپ بىرلىكتە نەق مەيدانغا باردى» دېدى ئىلگىرى زوۋ ۋېي بىلەن ئۈچ يىلدىن ئارتۇق بىللە ئىشلىگەن دۆربىلجىن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جېلئاغاش ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىخانا باشلىقى ۋاڭ فېڭ.

زوۋ ۋېي نەق مەيدانغا كېلىپ، قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن كىشىنىڭ يۇندىغا چۆكۈپ كېتەي دەپ قالغانلىقىنى، ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك، جىددىي ئىكەنلىكىنى بايقىدى. خەتەر ئالدىدا ئۇ قۇدۇققا چۈشۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر ياردەمچى ساقچىنى توسۇپ: «مەن چۈشەي!» دەپلا مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قۇدۇققا چۈشتى، بۇ سۆز ئۇ ھايات ۋاقتىدا دېگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆز بولۇپ قالدى.

«مەن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، زوۋ ۋېي سۇغا چۈشۈپ كەتكەن كىشىنى ئىتتىرىپ چىقىرىپ بولغان ئىكەن، ئەمما ئۇ يۇندىغا چۆكۈپ كېتىپتۇ» دېدى ۋاڭ فېڭ.

بۇ كۈنى، زوۋ ۋېينىڭ ئۆيلىنىش خېتى ئالغىنىغا ئەمدىلا ئون كۈن بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ تويىغا يەنە 20 نەچچە كۈنلا قالغانىدى...

خىزمەتتە قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىق

زوۋ ۋېي تولى ناھىيەسىنىڭ تۆمۈرتام بازىرىدىكى ئادەتتىكى ئىشچى ـ خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 2014 ـ يىلى، ئۇ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى بولغان.

زوۋ ۋېي دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ دۆربىلجىن بازىرى چياۋنەن كەنتىدىكى ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىغا تەقسىم قىلىنغان، تەۋەلىك رايوننىڭ ئەھۋالى بىلەن تېزدىن تونۇشۇپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە كەنتتىكى 202 ئائىلە، 560تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ماتېرىيالىنى ئىگىلەپ، خىزمەتداشلىرى تەرىپىدىن كەنتنىڭ «تىرىك خەرىتىسى» دەپ ئاتالغان. بۇ بىر يىلدا، زوۋ ۋېينىڭ تىرىشچانلىقىدا چياۋنەن كەنتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىدە «دېلو يۈزبەرمەسلىك» ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن پارتىيە تەشكىلاتىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇنغان.

2016 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، خىزمەت قىلىۋاتقان زوۋ ۋېي ئانىسىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى، «دادىڭىزنىڭ يېقىندىن بۇيان سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۆيگە قايتىپ ئۇنى يوقلاپ كېتىڭ.» زوۋ ۋېي ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئاندىن دادىسىغا ئاللىبۇرۇنلا راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى بىلدى، لېكىن زوۋ ۋېينىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، ئائىلىسىدىكىلەر بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئىزچىل ئېيتمىغانىدى.

كېيىن، زوۋ ۋېي دادىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولۇپ، دەرھال خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلدى. «بىر قېتىم ئىككىمىز نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقاندا، ئۇ كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا، دادىسى داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى ئېيتقانىدى» دېدى ۋاڭ فېڭ.

زوۋ ۋېي خىزمەتتە قىلچە بىپەرۋالىق قىلمايتتى. ساقچى بولغان بەش يىلدىن بۇيان، ئۇ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 700 قېتىمدىن ئارتۇق زىددىيەت، ماجىرانى ھەل قىلدى، 100 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئاممىنى قۇتقۇزدى، ياردەم بەردى. ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ساقچى ئىشلىرى ئەمەلىي جەڭ يېتەكچىسى، تارباغاتاي ۋىلايىتى بويىچە مۇنەۋۋەر خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى.

ئامما ئۇنى قەلبىدە ياد ئېتىدۇ

«ئامما قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ بىزنى ئىزدەپ كەلگەندە، چوقۇم جان ـ دىلىمىز، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.» بۇ زوۋ ۋېينىڭ ھايات ۋاقتىدا دائىم دەيدىغان سۆزى ئىدى.

2015 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، بىر ئاھالىنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتتى، زوۋ ۋېي نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرگۈچنى ئېلىپلا ئۆيگە ئېتىلىپ كىردى. «ئۇنىڭ ئۆيگە ئېتىلىپ كىرىپ ئوت ئۆچۈرگەن قىياپىتى ھەم ئادەمنى قايىل قىلىدۇ، ھەم ئادەمنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدۇ» دېدى ئۆي ئىگىسى چېن جۈن.

2016 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، زوۋ ۋېي ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، 52 ياشلىق مارىيە ئۇرالھاجىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ئىشسىز ئىكەنلىكىنى، ئۆيىدە يەنە داشۆدە ئوقۇيدىغان قىزىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، مارىيە بىلەن ئاچا ـ ئۇكا بولۇپ، ئۇنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، يەنە ياردەملىشىپ ئۇنىڭغا خىزمەت تېپىپ بەردى. زوۋ ۋېينىڭ قۇربان بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مارىيە يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ساپساق بىر ئادەم كېتىمەن دەپلا كېتىپ قاپتىغۇ؟»

زوۋ ۋېينىڭ قۇربان بولغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، تەۋەلىك رايونىدىكى ئاھالىلەر بەس ـ بەستە ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىشلارنى سۆزلەپ، زوۋ ۋېينى «خەلقنىڭ ياخشى ساقچىسى، دەۋر قەھرىمانى» دېيىشتى.

«قىش كۈنلىرىدىكى بىر ئەتىگەندە، ئائىلىمىزنىڭ تاللا بازىرىغا ئىككى توننا مېۋە ـ چېۋە كىرگۈزدۇق، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان زوۋ ۋېي ياردەملىشىپ توشۇشۇپ بېرىپ، ئىشنى تۈگىتىپ بولۇپلا ماڭدى، مەن ئۇنىڭغا مېۋە بەرسەممۇ يېمىدى» دېدى تاللا بازارنىڭ مەسئۇلى گۇ مەنخۇڭ؛

«2017 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، مەن 5000 يۈەن نەق پۇل ۋە جەمئىي 200 مىڭ يۈەن ئامانەت قويۇلغان بانكا كارتىسىدىن يەتتىنى يىتتۈرۈپ قويدۇم، ئۇ ماڭا ياردەم قىلىپ تېپىپ بەرگەندىن كېيىن، ئىسمىنىمۇ قالدۇرمايلا كېتىپ قالدى، مەن بۇ ئىشنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ زوۋ ۋېي ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى ئاھالە جاڭ يوۋمىڭ؛

«2018 ـ يىلى ئۇ ماڭا ياردەملىشىپ، ئايرىلىپ كەتكىلى 30 يىل بولغان ئىنىمنى تېپىپ بەردى» دېدى ئاھالە لو بەيچۈەن؛

...

«زوۋ ۋېي ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى» ئاممىنىڭ قەلبىدىكى زوۋ ۋېيغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ـ كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى خاتىرىلەپ، ئۇنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھىغا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.