تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ئاممىنىڭ «ھەميېنى»نى ياخشى قوغداش

− تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6 ـ شى ۋۇجياچۈ شەھىرى خەلق يولى كوچا باشقارمىسى بېيخەي شەرقىي كوچىسى مەھەللىسى توغرىسىدا

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

2021 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6 ـ شى ۋۇجياچۈ شەھىرى خەلق يولى كوچا باشقارمىسى بېيخەي شەرقىي كوچىسى مەھەللىسىگە كىرگەندە، كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات كۆرگەزمە تاختىسى، ئېلان تاختىسى، تەشۋىقات لوزۇنكىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دائىم ئۇچرايدىغان تېلېگراف ئالدامچىلىقى ۋاسىتىلىرى ۋە جىنايەت ھىيلە ـ مىكىرلىرى يېزىلغانىدى؛ تەۋەلىك رايوندىكى نۇقتىلىق مەيدان ـ سورۇنلاردا، LED ئېكراندا ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات سۆزى ئۈزۈلدۈرمەي قويۇلۇۋاتاتتى؛ چارلاش ئاپتوموبىلى، كىچىك كاناي قاتارلىقلاردا تېلېگراف ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار ساۋات قاتارلىقلار سىجىل ئاڭلىتىلىۋاتاتتى...

بېيخەي شەرقىي كوچا مەھەللىسى تەۋەلىك رايونىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن ئالتە كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە كۆپ، رايون كۆلىمى چوڭ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئەڭ مەركەزلەشكەن مەھەللە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەھەللە مەۋقەنى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ئىشنى ئاممىنىڭ ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە ئالدامچىلىقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن باشلاپ، تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات پائالىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ «ھەميېنى»نى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى قوغدىدى.

«بىز پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىكىدىكى <نېرۋا ئاخىرقى ئۇچى>نى <ئاساسىي بىرلىك>كە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئىستېرېئولۇق ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدۇق» دېدى بېيخەي شەرقىي كوچىسى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رېن دەن.

بېيخەي شەرقىي كوچىسى مەھەللىسى تەۋەلىك رايونىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت ئورگانلىرى كۆپ بولۇش، مەھەللە ساقچى ئىشلىرى ئاساسى ياخشى بولۇش، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا پارتىيە تەشكىلاتلىرى تاكامۇل بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئورتاق قۇرۇش، ئالاقىلىشىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەتلىشىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى توغرىسىدا تەدبىر سورىدى، ئورتاق قۇرۇشقا قاتناشقان 20 پارتىيە ياچېيكىسى 30 مەيدان قېتىم ئورتاق قۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. تىنچ ـ ئامان قۇرۇلۇشى بويىچە «بەشنى كىرگۈزۈش» ۋە «مىڭ خەلق ساقچىسى، ئون مىڭ پارتىيە ئەزاسى ئون مىڭ ئائىلىگە كىرىپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق، 22 ئاھالە پارتىيە ياچېيكىسىدىكى 453 پارتىيە ئەزاسى «بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق» بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى.

«بىز ۋىيشىن قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 137 قېتىم تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقى دېلو مىسالىنى يوللىدۇق، بۇ 14 مىڭ ئاممىنى قاپلىدى. تەشۋىقات شۆبە ئەترىتى تەشكىللەپ، تولۇق قاپلاش شەكلىدە ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۇمشاق دېتالىنى كېڭەيتىپ ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈردۇق» دېدى، رېن دەن.

«تەلىيىمگە مەھەللىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋاقتىدا نەسىھەت قىلىپ توستى ۋە سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈردى، بولمىسا مىڭبىر جاپادا تاپقان پۇلۇمنى ئالداپ كەتكەن بولاتتى» دېدى، ۋۇجياچۈ شەھىرى شاڭخەي خۇايۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى 60 ياشلىق ئاھالە لى ۋېنلى ئىلگىرىكى قورقىنچىسىنى يوشۇرالمىغان ھالدا.

لى ۋېنلى باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئۆزىنىڭ 80 مىڭ يۈەن ئامانەت پۇلىنى توردا مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىشقا ئىشلەتمەكچى بولغان، ئوغلى بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، بۇنى تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقىمىكىن دەپ گۇمانلانغان، نەسىھەت قىلىپ توسۇپ ئۈنۈمى بولمىغاندىن كېيىن، مەھەللىگە بېرىپ ياردەم سورىغان. مەھەللە خىزمەتچىلىرى كۆپ قېتىم ئائىلىگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقىنىڭ شەكلى، ۋاسىتىسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، تىپىك دېلو مىساللىرىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن لى ۋېنلى ئاخىرى ئېسىنى تاپقان.

«بۇ قېتىمقى ساۋاقتىن كېيىن، مەن دائىم مەھەللە قانات يايدۇرغان تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرىم ئارقىلىق كۆپچىلىكنى ئاگاھلاندۇردۇم» دېدى لى ۋېنلى.

بېيخەي شەرقىي كوچىسى مەھەللىسى ئاۋۋال ئۈلگە كۆرسىتىش، ئاندىن ئومۇملاشتۇرۇش، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش خىزمەت پىكىر يولى بويىچە، شاڭخەي خۇايۈەن ئولتۇراق رايونىدا تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش بىلىملىرى تەشۋىقات كارىدورى، سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقى بويىچە «دېلو يۈزبەرمەسلىك» نى ئىشقا ئاشۇردى.

2021 ـ يىلىدىن بۇيان، بېيخەي شەرقىي كوچىسى مەھەللىسى تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىدىن جەمئىي 198 نى تاپشۇرۇۋېلىپ، 198 ئادەم قېتىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك نەسىھەت قىلىپ توسۇپ، 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قالدى. «بىز بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى يۈز بېرىشىنىڭ ئەڭ زور چەكتە ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى ئازايتىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدايمىز» دېدى رېن دەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.