تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز چارە چىقىرىپ پۇقراۋى كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مائارىپ نازارىتى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىشىپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇقراۋى كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

«چارە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى تەۋەلىككە ئاساسەن باشقۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئۆز دەرىجىسىدىكى ۋە تۆۋەن دەرىجىدىكى كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرىگە قارىتا نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئېلىپ بارىدۇ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشىنى قانۇن بويىچە قوللاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنى قانۇن بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش، سۈپەت ئۆستۈرۈش، خاسلىق يېتىشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، يېتەكلەپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، كۆپ خىللاشقان كەسپىي تەربىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك.

مەكتەپ تەسىس قىلىش (تەسىس قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈش) توغرىسىدا، «چارە»دە مۇنداق بەلگىلەندى: پۇقراۋى كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى پەقەت بىرلا نامنى قوللىنىشى كېرەك. ئۇيۇشتۇرغۇچى دۆلەت ئاپپاراتىدىن باشقا ياخشى ئىناۋەت ئەھۋالىغا ئىگە جەمئىيەت تەشكىلاتى ياكى شەخس بولۇشى كېرەك؛ تەربىيەلەش ئورنى مەكتەپ باشقۇرۇش كۆلىمىگە ماس كېلىشى، ئىجارە مۇددىتى ياكى ئىشلىتىش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن تۆۋەن بولماسلىقى، ئىشلىتىدىغان ئورنى مۇھىت قوغداش، بىخەتەرلىك، ئوت مۇداپىئە قاتارلىق بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك؛ ئوقۇتۇش ئورنى 300 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق بولۇشى، ئەمەلىي مەشىق مەيدانى چوقۇم ئىلتىماس قىلغان ئىش تۈرى ۋە دۆلەتنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئۆلچىمى تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى، كەم دېگەندە ئىككىدىن ئالتىگىچە ئادەمگە ئوقۇتۇش ۋە پىراكتىكا مەشغۇلات ئۈسكۈنىسىدىن بىرنى سەپلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىغانلار زۆرۈر بولغان ئاشخانا، ياتاق، داۋالاش ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شارائىتىنى ھازىرلىشى كېرەك؛ ئىشخانا ئۆيى بولۇشى، ئىش بېجىرىش ئورنى بىلەن ئوقۇتۇش سورۇنى بىر جايدا بولۇشى كېرەك.

خادىم ۋە ئوقۇتقۇچى جەھەتتە، مەكتەپنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملىرى چوقۇم ئىككى يىلدىن ئارتۇق كەسپىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلەش خىزمەت تارىخىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچى ئادەتتە ئوقۇتقۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ تۆتتىن بىرىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. ھەر بىر تەربىيەلەش تۈرىگە ئاز دېگەندە ئىككىدىن ئارتۇق نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىككىدىن ئارتۇق پىراكتىكانت يېتەكچى ئوقۇتقۇچى سەپلىنىشى كېرەك. پۇقراۋى كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، باشقۇرغۇچى خادىملىرى، تەربىيەلەنگۈچىلىرى ھۆكۈمەت تەسىس قىلغان ئالاقىدار پەن تەتقىقات تۈرى، تېمىسى قاتارلىقلارنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئوخشاش دەرىجىلىك ئوخشاش تۈردىكى ھۆكۈمەت مەكتىپى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىقلار بىلەن ئوخشاش ھوقۇق ـ مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

«چارە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۆز مەيلىچە پۇقراۋى كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى ئاچقانلارنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى ياكى بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە پۇقراۋى مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.