تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەدەبىيات ـ سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى «يولباشچى» ناملىق ناخشىنى كۆپ خىل شەكىلدە ئېيتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ خەۋەر قىلىدۇ: «مەيلى قانچىلىك يىراق بولسۇن، سەن بىزنىڭ يېنىمىزدا، ئېتىقادىمىز مەڭگۈلۈك، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايمىز...» 1 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى رېپېتىتسىيە زالىدا ھەرقايسى سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىدىن كەلگەن ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرى «يولباشچى» ناملىق ناخشىنى خور قىلىپ ئېيتتى.

1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەدەبىيات ـ سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى، ئويۇن قويۇش ئەترەتلىرى بەس ـ بەستە «يولباشچى» ناملىق ناخشىنى ئېيتىشنى ئۆگىنىپ، رېپېتىتسىيە قىلىپ، كۆپ خىل سەنئەت شەكلى ئارقىلىق 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ سەلتەنەتلىك ئوبرازىنى مەدھىيەلەيدىغان بۇ ئەسەرنى نامايان قىلدى.

«نۆۋەتتە بىز شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدىكى ھەرقايسى سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنى تەشكىللەپ، يالغۇز كىشىلىك ناخشا، خور، مۇزىكا ئورۇنلاش قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت شەكلى ئارقىلىق <يولباشچى> ناملىق ناخشىنى كەڭ كۆلەمدە ئېيتتۇق، بولۇپمۇ ئۇنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئارىسىغا ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.» شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي شياۋرۇڭ مۇنداق دېدى: ئارقىدىن يەنە سەنئەت يۇرتىدىكى ھەرقايسى سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ ئارتىسلىرى ئېيتقان، رول ئالغان MVنى سۈرەتكە ئېلىپ، بۇ ناخشىغا مۇجەسسەملەنگەن قۇدرەتلىك كۈچنى ھەربىر تاماشىبىنغا يەتكۈزىمىز.

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ناخشىچىسى ئېربول جېڭىسبېك مۇنداق قارىدى: «يولباشچى» ناملىق ناخشىدا يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلب ساداسى، پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان گۈزەل تىلەكلىرى ئىپادىلەنگەن. «ئادەم بۇ ناخشىنى ئېيتقانسېرى شۇنچە ھاياجانلىنىدىكەن، ناخشىنى ئېيتقانسېرى شۇنچە كۈچكە تولىدىكەن، ناخشا تېكىستىدىن مېلودىيەسىگىچە ئورۇنلىغۇچىغا ئىنتايىن زور مەنىۋى مەدەت بېرىدىكەن. كېيىنكى قەدەمدىكى باھار بايرىمىلىق تۈرلۈك ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش پائالىيەتلىرىدە، مەن «يول باشچى» ناملىق ناخشىنى جاراڭلىق ئېيتىپ، ناخشام ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تاماشىبىننى تەسىرلەندۈرىمەن».

«بۇ دەۋر پۇرىقىغا تولغان ھەم يىللار جۇغلانمىسى مۇجەسسەملەنگەن بىر ناخشا بولۇپ، ئۇنىڭدا قاينام ـ تاشقىنلىق، جۇشقۇنلۇققا تولغان ئىللىق مېھىر ـ مۇھەببەت ئىنچىكە ئىپادىلەنگەن، ناخشا تېكىستى خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىدىن كەلگەن.» شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىسى دانىيار ئابدۇۋەلى مۇنداق دېدى: «ئۇ ماڭا ياخشى سەنئەت ئەسەرلىرىنى چوقۇم خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقاندىلا ئاندىن ئىجاد قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، مۇشۇنداق ئەسەرلەرنىڭلا كەڭ تارقىلىدىغانلىقىنى، قەلبتە ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى».

نۆۋەتتە، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي ئوركېستىرى ئىجادىيەت كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، «يول باشچى»نى مىللىي سىمفونىيەگە ئۆزگەرتمەكتە. «شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي ئوركېستىرىنىڭ كېلىشىملىك كومپوزىتورى مىرزات شىرئەلى ئوركېستىرلاشتۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان، ئىككىنچى قېتىملىق ئىجادىيەتتە ئەسەرنىڭ ئۆزىدىكى سەلتەنەتلىك جۇشقۇن مېلودىيە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق ئۇلۇغ مۇساپىسىدىكى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان كۆرۈنۈش مۇزىكا ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا قايتا نامايان قىلىنىدۇ» دېدى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي ئوركېستىرىنىڭ باشلىقى جاڭ رۇي.

ھازىر، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئانار دانىسى مەدەنىيەت مۇلازىمەت كىچىك شۆبە ئەترىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام يېزا ـ كەنتلەردە ئويۇن قويۇۋاتىدۇ، ناخشىچىلار «يول باشچى» ناملىق ناخشىنى ئامما ئارىسىغا ئېلىپ كىردى. «بۇ ناخشىدا مېنىڭ يۈرەك سۆزلىرىم ئىپادىلىنىپتۇ، پارتىيەنىڭ مېنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىگە رەھمەت، ھەر مىللەت ئامما مەڭگۈ ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتىنىمىزنى ياخشى قوغدايمىز» دېدى باي ناھىيەسى چارچى بازىرى لەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەريەم تۇردى كىچىك شۆبە ئەترەت قويغان ئويۇننى كۆرگەندە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.