تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى

شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى:

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گو چيەن، ليۇ يىمىڭ

2021 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرىدىكى خۇيدا كانچىلىقىنىڭ قېزىش مەيدانىدا، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ M3000S تىپلىق ئېغىر تىپتىكى ساپ توكلۇق ئون يۈك ئاپتوموبىلى ئۇياقتىن ـ بۇياققا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق كىشىنىڭ بۇرنىنى ئېچىشتۇرىدىغان ئاپتوموبىلدىن چىققان گاز پۇرىقى يوق ئىدى. «ئېنېرگىيە خىراجىتىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلدى.» جىڭ ناھىيەسىدىكى خۇيدا قېزىلما بايلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى شىخې مۇنداق دېدى: بىر ئاپتوموبىلنىڭ تاق يۆنىلىشلىك ئېنېرگىيە خىراجىتى ئىلگىرىكى 140 يۈەندىن 15 يۈەنگە تۆۋەنلىدى.

2021 ـ يىلى، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، باش شىركەت تەتقىق قىلىپ ئاچقان X5000، M3000S تىپلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى، M3000S تىپلىق بۇ ئون ئاپتوموبىل دەل شۇ يىلى 10 ـ ئايدا تۇنجى تۈركۈمدە بازارغا سېلىنغان ئېغىر تىپتىكى ساپ توكلۇق يۈك ئاپتوموبىل ھېسابلىنىدۇ.

شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شى شىنلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ساپ توكلۇق يۈك ئاپتوموبىلى سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا ئەنئەنىۋى ماي يېقىلغۇلۇق يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، ئىچكى قىسمىدا ئەنئەنىۋى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى سىستېمىسىنىڭ ئورنىغا ئېلېكتىر موتور ئىشلىتىلىپ، ئېلېكتىر كۈچى ئارقىلىق ئاپتوموبىل قوزغىتىلىپ، قويۇپ بېرىش نۆل بولۇش، بۇلغىنىش نۆل بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلغا قارىغاندا، ئېغىر تىپتىكى ساپ توكلۇق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى ئىنتايىن روشەن. جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرىدىكى خۇيدا كانچىلىقىنىڭ قېزىش مەيدانىدا ئەمەلىي ئىشلىتىلىشنى مۆلچەرلىمە ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، ئوخشاش يۈك ئېغىرلىقى بىلەن بىر قېتىم بېرىش ـ كېلىشتە، دىزېل مېيى يېقىلغۇ قىلىنسا بىر قېتىملىق خىراجەت 140 يۈەن، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلەتكەندىكى خىراجەت 15 يۈەن بولغان. بىر ئاپتوموبىل كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 قېتىم قاتنايدىغان بولۇپ، بىر كۈندە يالغۇز ئېنېرگىيە سەرپىياتى جەھەتتە ئېغىر تىپتىكى ساپ توكلۇق بىر يۈك ئاپتوموبىلى 1500 يۈەننى تېجەپ قالالايدىكەن.

«ئېغىر تىپتىكى ساپ توكلۇق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ياردىمىدە كارخانا پاكىز تىرانسپورتقا ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بىز ھازىرقى ماي يېقىلغۇلۇق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ھەممىسىنى تەدرىجىي ھالدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇرۇشنى پىلانلىدۇق» دېدى لى شىخې.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ، بازار رىقابىتىگە ئىگە يېڭى ئېنېرگىيەلىك پۈتۈن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاچقۇچلۇق زاپچاسلارنى ياساش بازىسىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلدى.

شىنجاڭ بويىچە تۇنجى پۈتۈن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ـ ياساش كارخانىسى بولۇش سۈپىتىدە، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كارخانىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول قىلىدۇ.

يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ تىپنى ئۆزگەرتىپ، 2021 ـ يىلى شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى ئۈزلۈكسىز تېخنىكىنى ئۆزگەرتىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاپتوموبىلنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىنى دۆلەت 5 ئۆلچىمىدىن دۆلەت 6 ئۆلچىمىگە ئۆستۈرۈشنى تاماملىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماي، گاز ئارىلاش قوش يېقىلغۇلۇق دېۋىگاتىللىق ئاپتوموبىل تىپىنى بازارغا سېلىپ، تەبىئىي گاز يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللاردىن چىققان گازنى ئانالىز قىلىش ئەسۋابى، تولۇق ئاپتوماتىك ئوپتىك تالالىق لازىر نۇرلۇق بەلگە سېلىش ماشىنىسى قاتارلىق تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرلىرىنى يولغا قويدى.

«نۆۋەتتە، شىركەت 14 خىل يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تىپىنى ياساپ چىقتى، بۇ، ساپ توكلۇق ۋە ھىدروگېن يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» شى شىنلى مۇنداق دېدى: 2022 ـ يىلى، شىركەت توكلۇق ئاپتوموبىللارنى قۇراشتۇرۇش لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت 6 ئۆلچىمىدىكى قار تازىلاش ئاپتوموبىلى ۋە توكلۇق مۇھىت تازىلىقى ئاپتوموبىلىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى كۈچەيتىدۇ.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2021 ـ يىلى، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى 6176 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ـ سېتىشنى تاماملىغان بولۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد 840 مىليون يۈەن بولغان. 2022 ـ يىلى، 7414 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ـ سېتىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، 3414 ئاپتوموبىلنى ئېكسپورت قىلىدىكەن.

شى شىنلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سېتىش مىقدارىنىڭ يىلدىن ـ يىلغا ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شىركىتىمىز يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئېچىش ۋە زاپچاسلارنى تەۋەلىك بويىچە يۈرۈشلەشتۈرۈش ھەمكارلىقىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ. نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى كوئېنلۇن بالون چەكلىك شىركىتى، 1 ـ ئاۋغۇست تاختىسىمان پۇرژىنا چەكلىك شىركىتى ۋە فۇكې نېفىت مەھسۇلاتلىرى پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق يەرلىك كارخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.