تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇتتىن يەنە 19ى كۆپەيدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 2021 ـ يىللىق يېشىل ياسىمىچىلىق تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، شىنجاڭدىكى 19 كارخانا دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇت، كۈيتۈن ـ مايتاغ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل باغچە رايونى، شىنجاڭدىكى 14 خىل مەھسۇلات دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل لايىھەلەش مەھسۇلاتى قىلىپ تاللانغان.

يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى يېشىل زاۋۇت، يېشىل لايىھەلەش مەھسۇلاتى، يېشىل باغچە رايونى ۋە يېشىل تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سانائەت ساھەسىدىكى ئەنئەنىۋى سانائەتنى يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى مۇھىم نۇقتا، يېشىل پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تىرەك قىلىپ، يېشىل ياسىمىچىلىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، سانائەتنىڭ يېشىل تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 8 ـ ئايغىچە، شىنجاڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇتتىن 120نى يېتىلدۈرگەن، يېشىل باغچە رايونىدىن سەككىزنى قۇرغان، يېشىل تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش كارخانىسىدىن يەتتىنى بەرپا قىلغان، ئاپتونوم رايون بويىچە يېشىل مەھسۇلاتتىن 29 خىلنى ئاچقان، ئايلانما ئىقتىسادنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇندىن 21نى بەرپا قىلغان، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ سانائەت تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنغان.

كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى باش تۇتقا قىلىپ، سانائەتتە ئېنېرگىيە تېجەپ كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.