مىڭ چاقىرىمغا بىرلا رېلىس ياتقۇزۇلۇپ، «تاقىراق»لىغان ئاۋاز ئاڭلانمايدىغان بولدى
تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈريولدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە يوچۇقسىزلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ئۈچ يىلغا يېقىن داۋاملاشقان جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنىڭ 2714.415 كىلومېتىرلىق لىنىيەسىنىڭ ھەممىسىدە يوچۇقسىز تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پويىز ماڭغاندا «تاقىراق»لىغان ئاۋاز ئەمدى ئاڭلانمايدىغان بولغان.
ئىلگىرى تۆمۈريولغا رېلىس ياتقۇزغاندا كۆپىنچە 25 مېتىرلىق پولات رېلىس ئىشلىتىلىپ، ۋېنتا بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئارىسىدا بىر سانتىمېتىر كەڭلىكتە يوچۇق قالاتتى، بۇنداق بولغاندا رېلىستا توشۇشقا قولايلىق بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسسىقتىن كېڭىيىپ، سوغۇقتىن تارىيىش مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلغىلى بولاتتى.
يوچۇقسىز لىنىيە پويىزنىڭ يۈرۈش قارشىلىق كۈچىنى ئازايتىش، قاتنىغاندىكى تەۋرىنىش ۋە شاۋقۇننى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدا پويىزنىڭ يۈرۈش مۇقىملىقى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، پويىز ماڭغاندا يۈرۈشى تېخىمۇ سىلىق، بىخەتەر بولىدۇ، يولۇچىلارمۇ پويىزدا سىلكىنىش ھېس قىلمايدۇ. گولمۇد ـ كورلا تۆمۈريولى، خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىدا يوچۇقسىزلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ياسالغان ۋاقتى بىر قەدەر بالدۇر بولغاچقا، قىسمەن لىنىيەگە يەنىلا 25 مېتىرلىق پولات رېلىس ياتقۇزۇلغانىدى، پويىز يۈرۈپ پولات رېلىسلارنىڭ ئۇلانغان يېرىدىن ئۆتكەندە «تاقىراق ـ تاقىراق» قىلغان ئاۋاز چىقاتتى، بۇ ھەم چاق بىلەن رېلىسنىڭ سۈركىلىشىنى كۆپەيتەتتى، ھەم يولۇچىلارنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇشتىكى ئازادىلىك دەرىجىسىگە تەسىر يەتكۈزەتتى.
2019 ـ يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، كورلا ـ ئاقسۇ ـ قەشقەر تۆمۈريول لىنىيەسىدىكى رېلىسلارنى ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇپ ياتقۇزۇپ، 500 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پولات رېلىسقا ئالماشتۇرۇپ، ئاندىن كەپشەرلەپ، يوچۇقسىزلاشقان لىنىيە قىلىپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويدى.
«ئۈچ يىلدىن بۇيان، بىز ئاساسلىقى ئەتىياز، كۈز ئىككى پەسىلدىكى رېلىس تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولىدىغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ قۇرۇلۇش قىلدۇق، ئادەم كۈچىدىن 160 مىڭ ئادەم قېتىمنى، چوڭ تىپتىكى ماشىنىدىن 9000دىن ئارتۇقنى ئىشقا سالدۇق، قۇرۇلۇش قىلىش <ئارىلىق ۋاقت>ى 1350 سائەتكە يېتىپ، جەمئىي 893.9 كىلومېتىر لىنىيەدە رېلىسنى ئالماشتۇرۇپ ياتقۇزۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى كورلا ـ ئاقسۇ ـ قەشقەر بۆلىكى لىنىيەسىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتتۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش بۇسى لىنىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى چىن جۇڭ.تارىم ئويمانلىقىنى بويلىغان تۆمۈريوللاردا يوچۇقسىزلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ يوچۇقسىزلاشقان لىنىيە دەۋرىگە ئومۇميۈزلۈك قەدەم قويغانلىقىدىن، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش تەسىراتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.