تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى

ئىمىنجان تۇراق:

ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

50 ياشلىق ئىمىنجان تۇراق يەتتە يېشىدا كەنتتىن چىقىپ مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان، مەكتەپكە بېرىش يولىدا ناچار ھاۋا رايىغا دۇچ كېلىپ، بىر تەرەپتىن يىغلاپ، بىر تەرەپتىن جاپالىق ھالدا مەكتەپكە ماڭغىنى ھېلىمۇ ئېسىدە. خەلق ساقچىسى بولغاندىن كېيىن، ئۇ بۇ خىل چىدامچانلىقىغا تايىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پارتىيەگە كىرگەن چاغدىكى، ساقچى بولغان چاغدىكى جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەكتە.

ئىمىنجان تۇراق 1992 - يىلى 9 - ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى مەلۇم تارماق ئەترىتىنىڭ جېڭۋېيسى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى، مەملىكەتلىك 1 - ماي ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكۈچى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىسى، شىنجاڭنى ئېچىش - گۈللەندۈرۈش مېدالىغا ئېرىشكۈچى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن، شەرەپ بىلەن بىر قېتىم شەخسىي 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، بەش قېتىم شەخسىي 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.

ئىللىقلىققا ئېرىشىپ بىلىم ئېلىش يولىغا ئاتلىنىش

ئىمىنجان تۇراق 1971 - يىلى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ بايئاۋات يېزىسى بايئاۋات كەنتىدە تۇغۇلغان. «مەن ئوقۇغان باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن كەنتنىڭ ئارىلىقى 30 - 20 كىلومېتىر كېلەتتى، ئادەتتە مەكتەپكە پىيادە باراتتىم، تەلىيىم ئوڭدىن كەلگەندە كالا ھارۋىسى، ئېشەك ھارۋىسى، يۈك ئاپتوموبىلىغا چىقىۋالاتتىم، قېلىن قار، قاتتىق يامغۇر ياغقان كۈنلەردە يول مېڭىش تېخىمۇ تەس ئىدى.» قار - يامغۇرلۇق كۈنلەردە يول ئىنتايىن پاتقاق بولۇپ كېتەتتى، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى چىلىق - چىلىق ھۆل بولۇپ كېتەتتى، ئۇ يول بويىدا ئولتۇرۇپ يىغلايتتى، يىغىسى توختىغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ داۋاملىق ماڭاتتى. بۇ ئىشلار ئىمىنجان تۇراقنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە.

ئەينى چاغدا، ئىمىنجان تۇراق ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆيىگە قايتاتتى، ھەر قېتىم مەكتەپكە ماڭغاندا، قوشنىلىرى ئۇنىڭ سومكىسىغا لىققىدە يېمەكلىك قاچىلاپ بېرەتتى. «زاغرا نان، قۇيماق، بەزى كەنت ئاھالىلىرى ھەتتا ئۆيىدىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلەرنى سومكامغا قاچىلاپ بېرەتتى.» شۇنداق قىلىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ قوللىشى، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ كۆيۈنۈشى بىلەن، ئۇ يېزىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ناھىيە بازىرىدا تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ئەينى چاغدىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ساقچىلىرى مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.

ئىمىنجان تۇراق مۇنداق دېدى: مەن پارتىيە ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلدىم، پۈتۈن كەنتتىكى ھەممە ئائىلىنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشتىم.

ئۇ خۇددى ئاتاكىدىكى بايراققا ئوخشايدۇ

«ساقچى فورمىسى كىيگەن ئاشۇ دەقىقىدە، مەن خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشكە بەل باغلىدىم» دېدى ئىمىنجان تۇراق.

خىزمەتدىشى ۋۇ گاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىمىنجان تۇراق 100 قېتىمدىن ئارتۇق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان، خىزمەتداشلارنىڭ نەزەرىدە ئۇ ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان «ئەزىمەت»، ھەر قېتىم دېلو بىر تەرەپ قىلغاندا، ئۇ ھەمىشە «ماڭا ئەگىشىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈڭلار» دەيتتى.

2013 - يىلى 8 - ئايدا، ئىمىنجان تۇراق خىزمەتداشلىرى بىلەن بىر قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقاندا، قاراڭغۇ جايغا يوشۇرۇنۇۋالغان ئون نەچچە زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇر ئۇنى قوغلاپ چاپتى، ئۇلار ياردەمچى قوشۇن يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، بىر تەرەپتىن ئېلىشىپ، بىر تەرەپتىن چېكىنىپ، دەرەخ شاخلىرى، دۆڭلۈكلەردىن پايدىلىنىپ زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلار بىلەن تاكى خەتەردىن قۇتۇلغۇچە ئېلىشتى.

كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، سىن ماتېرىيالى قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئىمىنجان تۇراق جەڭدە بىر تەرەپتىن قورال بىلەن ئوققا تۇتسا، بىر تەرەپتىن سۈرەتكە تارتىپ دەلىل - ئىسپات ئېلىپ، قىسقىغىنا ئون مىنۇتتا، زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلارنى ئېتىپ يىقىتىپلا قالماي، يەنە قىممەتلىك دەلىل - ئىسپاتلارنى قالدۇردى.

كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش

«كەنت ئاھالىلىرى ھەمىشە ماڭا تېلېفون قىلىپ، كىملەرنىڭ ئاشخانا ئاچقانلىقى، كىملەرنىڭ يېڭى ماشىنا سېتىۋالغانلىقىدەك خۇش خەۋەرلەرنى يەتكۈزىدۇ.» ئىمىنجان تۇراقنىڭ مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتىدىن قايتىپ كەلگىنىگە بىر يىل بولاي دېگەن بولسىمۇ، يەنىلا كەنت ئاھالىلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

2018 - يىلى 11 - ئايدا، ئىمىنجان تۇراق تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ يېڭىمەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەسلىدە ئۆزۈممۇ يېزىدىن چىققان بولغاچقا، كەنتكە بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشۇم ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ دەپ قارىغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن يەنىلا قىيىنچىلىققا يولۇقتۇم.

«كەنتكە يېڭى بارغاندا، كەنت ئاھالىلىرى ماڭا ئىشەنمىدى، مەن بىلەن سىردىشىشنىمۇ خالىمىدى.» خىزمەتنى تېزدىن قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ئىمىنجان تۇراق كۈندۈزى توختىماي ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ نامراتلىشىش سەۋەبىنى ئىگىلىدى، كەچتە ئەترەت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلدى.

«مەسىلەن، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ئالدى بىلەن ماسلىشىشنى خالىمىغان كەنت ئاھالىلىرىنى قايىل قىلدىم، باشقا كەنت ئاھالىلىرى بۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەشكە باشلىدى.» ئىمىنجان تۇراق ئىشنى ئەڭ قىيىن جايدىن باشلاپ قول سېلىپ ئىشلەپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قەدەممۇقەدەم ئالغا سىلجىتتى.

«كەنتتە تۇرۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىمىنجان جېڭۋېي خېلى بەك ئورۇقلاپتۇ، كېچىسى ئۇخلىماي ئىشلەۋەرگەچكە كۆرۈش قۇۋۋىتى زەخمىگە ئۇچراپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك يېپىق بۇلۇڭلۇق گلاۋكوما كېسىلىگە گىرىپتار بوپتۇ، ئوڭ كۆزىگە يەنە ئاق چۈشۈپتۇ، كۆرۈش نېرۋىسى يىگلەپتۇ» دېدى ۋۇ گاڭ.

ئىمىنجان تۇراق كەنتتە پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە تۈرلۈك قانۇن - نىزاملاردىن 1000 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلىدى؛ «ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەشتە ئۆگىنىشكە تايىنىش، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەشتە يېتەكلەشكە تايىنىش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش تەشەببۇسكارلىقىنى كۈچەيتىپ، نامرات كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى؛ كۆپ تەرەپنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەنتكە ئاسفالت يول ياتقۇزدى، مەدەنىيەت مەيدانى ياسىدى... ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭىمەھەللە كەنتىنىڭ كەنت قىياپىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، 2019 - يىلى، بۇ كەنتتىكى نامرات كىشىلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.