تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر ئادەم بىر شەھەرنى تەسىرلەندۈردى

شىرئەلى ھېبى:

بىر ئادەم بىر شەھەرنى تەسىرلەندۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

«شۇ كۈنى 100دىن ئارتۇق ئامما بىز بىلەن بىللە كۆنچى دەرياسىغا سەكرەپ چۈشۈپ، قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ئادەم تېمى ھاسىل قىلىپ، دەريادا بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن ئىلگىرىلەپ ئۇنى ئىزدىدۇق، شۇ چاغدا ئۇنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قېلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلغانىدۇق» دېدى 2021 - يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پۇخۇي ساقچىخانىسىنىڭ جياۋداۋيۈەنى جاڭ تاۋ شىرئەلى ھېبى قۇربان بولغان چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ.

شىرئەلى ھېبى، ئىنقىلابىي قۇربان، ھايات چېغىدا كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چارلاش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش چوڭ ئەترىتى 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى بولغان، ئۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسى» «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس» قاتارلىق نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. 2014 - يىلى 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، شىرئەلى ھېبى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئاممىنى قۇتقۇزۇش يولىدا بەختكە قارشى 24 يېشىدا قۇربان بولغان.

2014 - يىلى 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سائەت 15 لەردە، كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چارلاش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش چوڭ ئەترىتى 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى كۆنچى دەرياسى بويىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئىككى ئامما سۇغا چۈشۈپ كەتكەنىدى. شىرئەلى ھېبى ۋە سەپداشلىرى دەرھال ۋەقە يۈزبەرگەن جايغا قاراپ يۈگۈردى.

كۆنچى دەرياسىنىڭ كەڭلىكى 100 نەچچە مېتىر، چوڭقۇرلۇقى ئىككى مېتىرغا يېتىدۇ. دەريادا ئىككى كىشىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىركىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شىرئەلى ھېبى كىيىمىنى سېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، سەپداشلىرى بىلەن بىللە بىر ئەرنى قىرغاققا ئىتتىرىپ چىقاردى. يەنە بىر ئايال يىراققا ئېقىپ كەتكەنىدى، شىرئەلى ھېبى قايتا غەيرەتكە كېلىپ ئۇ ئايال تەرەپكە قاراپ ئۈزدى.

«يەنە ئادەم قۇتقۇزىدىغان چاغدا، ئۇ يىگىتنىڭ ئېنىقلا كۈچى قالمىغانىدى.» شەھەر ئاھالىسى سۇڭ دېيىن شىرئەلى ھېبىنىڭ ئادەم قۇتقۇزۇش جەريانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايال قۇتقۇزۇلۇپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىلغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك شىرئەلى ھېبىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى.

«بىرەيلەننىڭ قىرغاققا چىقالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ، مەن دەرھال ئەترەت ئەزالىرىنى تەشكىللەپ دەرياغا چۈشۈپ ئىزدىدىم، نۇرغۇن ئاممىمۇ ئىزدەش قوشۇنىغا قوشۇلدى، كۆپچىلىك قولنى قولغا تۇتۇشۇپ بىر قاتار بولۇپ تىزىلىپ، پۈتكۈل دەريانى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، دولقۇنغا قارشى بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن ئىلگىرىلىدۇق» دېدى جاڭ تاۋ.

ئىزدەشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۆنچى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى چۈشۈرگە ئېغىزىنى ئېتىپ، تۆۋەن ئېقىندىكى توسمىنى ئېچىپ، سۇ ئورنىنى تۆۋەنلەتتى. سائەت 18 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، شىرئەلى ھېبى ئاخىر دەريادا تىنچ ياتقان ھالەتتە بايقالدى، ئۇنىڭ نەپىسى ئاللىقاچان توختىغان بولۇپ، ئىككى قولى يەنىلا ئادەمنى كۆتۈرۈش قىياپىتىدە ئىدى.

شىرئەلى ھېبىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئاممىنى قۇتقۇزۇش يولىدا قۇربان بولغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، كورلا شەھىرىنىڭ نۇرغۇن ئاھالىسى ئۆزلۈكىدىن گۈل، شام كۆتۈرۈپ كۆنچى دەرياسى بويىغا كېلىپ، قەھرىمانغا بولغان ھۆرمەت ۋە سېغىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

«ئۇ ناھايىتى خۇشخۇي يىگىت بولۇپ، كەم سۆز بولسىمۇ، بەك كۈلگۈنچەك ئىدى، خىزمەتنى تولىمۇ ئەستايىدىل ئىشلەيتتى» دېدى جاڭ تاۋ. 2013 - يىلى ئوتتۇرا ئەترەت كۆچۈرۈلگەندە، ئەترەتتىكى ئۈچەيلەن بىر بىنانىڭ تازىلىقىنى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شىرئەلى ھېبى ئەتىگەندىن - كەچكىچە ناھايىتى ئەستايىدىل ئىشلىگەن. بىر قېتىم، ئادەم زىچ رايونغا جايلاشقان بىر ئاشخانىغا ئوت كەتكەندە، شىرئەلى ھېبى قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئوت ئۆچۈرگۈچنى ئېلىپ ئېتىلىپ كىرگەن.

شىرئەلى ھېبى ھايات چېغىدا تۇرغان ئوتتۇرا ئەترەتكە قوشۇلغان يېڭى ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىدۇ. ئۇنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە، 2014 - يىلىدىن بۇيان ئوتتۇرا ئەترەتتە كورلا شەھىرى دەرىجىلىك ئىلغار شەخستىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 14ى بارلىققا كەلدى.

«ئۇنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ساقچى بولغۇسى بار ئىدى، ھەر قېتىم ئۆيگە قايتقاندا باشقىلارغا ياردەم قىلغان ئىشلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى.» شىرئەلى ھېبىنىڭ ئانىسى گۈلنىسا: شىرئەلى بىزنىڭ پەخرىمىز، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.