1 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە پورتتىن ئۆتكەن نۆۋەتچى پويىز 100دىن ئاشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سائەت 23تە، كىيىم - كېچەك، تۈرلۈك مال، زاپچاس، ئويۇنچۇق قاتارلىق ماللار لىق قاچىلانغان بىر جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگقا قاراپ ماڭغان. يىۋۇدىن يولغا چىققان بۇ نۆۋەتچى پويىز 2022 - يىلى ئالاتاۋ پورتىدا چېگرادىن ئۆتكەن 100 - جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بولۇپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئۆتۈش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.53 ئاشقان.
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، دۆلەت ھالقىغان ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى، دېڭىز تىرانسپورتى تەسىرگە ئۇچراپ نۆۋەت - قېتىمى ئازىيىپ، توشۇش ھەققى ئۆستى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم قاتناش شەكلىگە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بولۇپمۇ ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشقا مۇلازىمەت قىلىش، خەلقئارا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى.
جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، تاموژنا تۆمۈريول تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە «رەقەملىك پورت» سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشنى ۋە قەغەز تالوننى ئەمەلدىن قالدۇردى، كارخانىلار سىرتقا چىقمايلا تاموژنىغا ئىلتىماس قىلىش، تۆمۈريول يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى تاماملىيالايدىغان بولدى، ئىمپورت نۆۋەتچى پويىزىنى سىستېما ئارقىلىق «سېكۇنت ئىچىدە ماڭدۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئېكسپورت نۆۋەتچى پويىزى 20 مىنۇت ئىچىدە تاموژنا رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولىدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن «ئۇچۇرنى كۆپرەك يوللاپ، كارخانىنى ئاز قاترىتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كارخانىنىڭ ۋاقتى ۋە ئادەم كۈچى تەننەرخى %50تىن كۆپرەك تېجەلدى. بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو - قازاقىستان «تاموژنا - تۆمۈريول تاموژنىدىن ئۆتۈش» تۈرى ئالاتاۋ پورتىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى تەرەپ ئۇچۇرلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگو - قازاقىستان تاموژنىسىدا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئالاتاۋ تاموژنىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش 2 - بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى خۇڭفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر ئالاتاۋ پورتىدا چېگرادىن ئۆتكەن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانىدا يەنە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ھەم 28 نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى. بۇ يىل تاموژنا داۋاملىق تۈردە مەۋقەنى فۇنكسىيەنى ئەلالاشتۇرۇپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا قويۇپ، «تاموژنا - تۆمۈريول تاموژنىدىن ئۆتۈش» تۈرىدىكى ئېكسپورت ماللارنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىدۇ.
جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئالاتاۋ پونكىتى نۆۋەتچى پويىزلارنى كۈتۈۋېلىش - ماڭدۇرۇش، ئاپتوموبىل بىلەن مال ئېلىش - يەتكۈزۈش، يۈك قاچىلاش - چۈشۈرۈش، بىرلەشمە تىرانسپورتنى تاپشۇرۇش - تاپشۇرۇۋېلىش قاتارلىقلارنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش تارماقلىرى ۋە مال ۋاكالەتچىلىك كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئالاقە باغلاشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق تالوننى ئوبوروت قىلىش، تەرجىمە قىلىش، تەكشۈرۈش ۋاقتىنى تېزلىتىپ، ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.