تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جېجياڭ كارخانىسى قاراقاشقا ماكانلىشىپ، توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ پۈتۈن زەنجىرلىك توپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى

سېلىنما سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش باش ئىشتابنى كۆچۈرۈشنى پىلانلاش

جېجياڭ كارخانىسى قاراقاشقا ماكانلىشىپ، توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ پۈتۈن زەنجىرلىك توپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: «بۇ يىل شىركەتنىڭ باش ئىشتابىنى يىۋۇدىن قاراقاشقا يۆتكەشنى پىلانلىدۇق» دېدى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ مېيشۈ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ فاڭجيې مۇخبىرلارغا.

شۇ كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىدىكى كەسىپ - شەھەر يۇغۇرۇلما باغچىسىنىڭ بىر تەرىپىدىكى مېيشۈ توقۇمىچىلىق 1 - قارارلىق زاۋۇتىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەۋاتاتتى، ئىنچىكە يىپلار غالتەكلەرگە يۆگىلىۋاتاتتى، 1400دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچى ھەر خىل ماشىنىلاردا پىششىق مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى؛ يەنە بىر تەرىپىدە زاۋۇت كۆلىمى، مەبلەغ قوش ھەسسىلەنگەن 2 - قارارلىق قۇرۇلۇش نەق مەيدانى بار ئىدى.

مېيشۈ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ جېجياڭدا تەرەققىي قىلىۋاتقىنىغا 15 يىل بولغان، باش ئىشتابى يىۋۇ شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، لايىھەلەش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن توقۇمىچىلىق تولۇق كەسىپ زەنجىرلىك كارخانا، خاس ماركىغا ئىگە، مەھسۇلاتلىرى ياۋروپا، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە سېتىلىدۇ، رۇسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە سەككىز بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلغان.

«توك ئىشلىتىش، سۇ ئىشلىتىشتە ئېتىبار بېرىلىدۇ، ئالاقىدار تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىدۇ، يەنە قەرز پۇل ئۆسۈم ياردىمى ئىلتىماس قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.» 2018 - يىلى جاڭ فاڭجيې كارخانىنى باشلاپ قاراقاشقا كەلدى، ناھىيەگە قاراشلىق ھەرقايسى تارماقلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يەرنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى بارغانسېرى ئېتىراپ قىلدى، ئۇنىڭدا باش ئىشتابنى كۆچۈرۈپ كېلىش ئويى تەدرىجىي شەكىللەندى.

«ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىزگە مۇلازىمەت قىلدى، بىزمۇ يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئەمەلىي تۆھپە قوشۇشنى ئويلايمىز.» جاڭ فاڭجيې مۇنداق دېدى: باش ئىشتاب قاراقاشقا كۆچۈرۈپ كېلىنسە، شۇ جاينىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى، باج كىرىمىگە قوشىدىغان تۆھپىسى تېخىمۇ زور بولىدۇ.

«باشلامچى كارخانىلارنىڭ كەسىپلەرگە تۈرتكە بولۇش ئېففېكتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.» قاراقاش ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ گۇەنجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: مېيشۈ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى بىر تەرەپتىن، كەسىپنىڭ نوقۇل يىپ ئېگىرىش، رەخت توقۇشتىن كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشقىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىگە ئۇزىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنىدىكى تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قاراقاشتا كەسىپ تەرەققىيات كۆلىمىنى شەكىللەندۈردى.

مېيشۈ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىمۇ ئاز ئەمەس. يىپ ئوراش سېخىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان زۇلھايات توختىمەمەت مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: مەن بۇلتۇر 8 - ئايدا زاۋۇتقا كېلىپ خىزمەت قىلدىم، بۇ يەر ئۆيۈمگە يېقىن، خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتى ياخشى، ئەڭ تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىنىدىغان مائاش بولۇپلا قالماي، يەنە نەتىجە - ئۈنۈم مائاشى بار، «ئۆتكەن ئاينىڭ 15 - كۈنى 3488 يۈەن مائاش ئالدىم، بۈگۈنكى كۈندە ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمىم بار بولدى، سىڭدۈرگەن ئەجرىمگە يارىشا جاۋابقا ئېرىشىۋاتىمەن».

جاڭ فاڭجيې مۇنداق بىلدۈردى: خوتەن ۋىلايىتى بەرپا قىلغان خاتىرجەم مەبلەغ سېلىش، خاتىرجەم تىجارەت قىلىش، كۆڭۈل قويۇپ تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى كارخانىنىڭ ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى. بۇ يىل 6 - ئايدا 2 - قارارلىق تۈر ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، كۈنىگە 2 مىليون جۈپكە يېقىن پايپاق ئىشلەپچىقىرىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 3 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، 6 مىڭغا يېقىن ئادەمنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قاراقاش ناھىيەسىدىكى يىللىق مەھسۇلات قىممىتى ئەڭ يۇقىرى كارخانىغا ئايلىنىمىز.

«مېيشۈ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، يىپ ئېگىرىش، رەخت توقۇش، كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى نۇرغۇن كارخانا بىز بىلەن پائال تۈردە ماكانلىشىش ئىشلىرى توغرىسىدا كېڭىشىۋاتىدۇ.» قاراقاش ناھىيەلىك سودا ۋە سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ خۇي مۇنداق بىلدۈردى: «ئىش بېجىرىشتە باشقىلارغا يالۋۇرماسلىق، تەستىقلاشتا كۆرۈشمەسلىك، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»تەك بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنى قاراقاشقا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.