تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىسسىق قېنى بىلەن سادىق روھنى تاۋلاپ، خەلقنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى ساقلىدى

خۇداۋەدى توختى:

ئىسسىق قېنى بىلەن سادىق روھنى تاۋلاپ، خەلقنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى ساقلىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

يېقىندا، نۇرئازات خۇداۋەدى ئانىسى ۋە سىڭلىسىنى ئېلىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ پوسكام ناھىيەسىنىڭ پوسكام يېزىسىغا قايتىپ كەلدى، ئۇ بۇرۇنقى ئۆيى تەرەپكە قارىغاندا، ئۆتكەن ئىشلار كۆز ئالدىدا بىر - بىرلەپ نامايان بولدى...

1999 - يىلى، بىر مەيدان ئازابلىق كەچۈرمىش سەۋەبلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ يەردىن ئايرىلغانىدى. شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سەھەردە، نۇرئازاتنىڭ دادىسى خۇداۋەدى توختى ئۆيىگە يوشۇرۇنچە كىرىۋالغان زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، شۇ يىلى ئۇ 54 ياشتا ئىدى.

خۇداۋەدى توختى، ئىنقىلابىي قۇربان، 1962 - يىلى 9 - ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، ھايات چېغىدا پوسكام ناھىيەسى پوسكام يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن مۇئاۋىن شۇجىسى، پوسكام ساقچىخانىسىنىڭ جىداۋيۈەنى ئىدى. ئىلگىرى بىر قېتىم شەرەپ بىلەن شەخسلەر بويىچە 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، قۇربان بولغاندىن كېيىن مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلگەن.

ئۆيىدە ھۇجۇمغا ئۇچراپ زىيانكەشلىككە ئۇچراش

1999 - يىلى 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سەھەردە، خۇداۋەدى توختى ئۇخلاۋاتقاندا، ئۇزاقتىن بۇيان رەزىل غەرەزدە يۈرگەن بىر توپ زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇر ئۇنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇنچە كىرگەن، ئۇ ئۇيقۇدىن چۆچۈپ ئويغانغان، لېكىن ئۆزى يالغۇز بىر توپ دۈشمەنگە كۈچى يەتمىگەنلىكتىن، رەھىمسىز زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئارقا - ئارقىدىن 34 قېتىم چېپىلىپ، قانغا مىلىنىپ يىقىلغان. ئاۋازنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن ئوغلىمۇ ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.

«ئىنتايىن ئېچىنىشلىق». پوسكام ساقچىخانىسىنىڭ سابىق ساقچىخانا باشلىقى دولقۇن قۇدرەت ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ شۇنداق دېدى.

«نەق مەيداننى بىر تەرەپ قىلغان خەلق ساقچىلىرى ھەم قايغۇردى، ھەم قاتتىق غەزەپلەندى.» دولقۇننىڭ دېيىشىچە، ئۇ خۇداۋەدى توختى بىلەن كۆپ يىل بىللە خىزمەت قىلغان بولۇپ، كۆپىنچە ۋاقىتتا ساقچىخانىدا قونىدىكەن، شۇ كۈنى خۇداۋەدى توختى كاماندىروپكىدىن ئەمدىلا كېلىپ ئۆيىگە قايتىپ ئۇزاق بولمايلا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

نۇرئازاتنىڭ دېيىشىچە، دادىسى دۇرۇس، رەزىللىكتىن قاتتىق يىرگىنىدىغان كىشى ئىكەن، باشتىن - ئاخىر بايرىقى روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، تۈرلۈك جىنايەتچى ئۇنسۇرلار بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزگەن نۇرغۇن جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان ئىكەن. «دادام ئىزچىل پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىغان» دېدى نۇرئازات.

جەزمەن ئامما ئارىسىغا بېرىش

«ئۇنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى كۈچلۈك، تەجرىبىسى مول، دېلو رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلغاندا ئالاھىدە ئەستايىدىل بولۇپ، ئازراق ئۇچۇرغا ئېرىشسىلا، قەتئىي قويۇۋەتمەي، چوقۇم ئاخىرىغىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلايتتى.» دولقۇن مۇنداق دېدى: خۇداۋەدى توختى پۈتۈن شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ساقچىخانا بولۇپ باھالىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش، پوسكام يېزىسىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان قاچقۇن جىنايەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ كېلىش، تەۋەلىكىدىكى جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان يوشۇرۇن خەۋپنى تەلتۆكۈس تازىلاشتىن ئىبارەت كۆپ نىشاننى بېكىتكەنىدى.

دېلو رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلغاندىن سىرت، خۇداۋەدى توختى كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ئاممىنى زىيارەت قىلىشقا سەرپ قىلىپ، تەۋەلىكىدىكى ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى ھالىتى، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەيتتى. «ئامما ئاساس، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ئاسراش ھەم بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، ھەم جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىشنىڭ ئېھتىياجى، بىز جەزمەن ئامما ئارىسىغا بېرىشىمىز كېرەك.» بۇ، خۇداۋەدى توختىنىڭ دائىم دەيدىغان سۆزى ئىدى.

مەلۇم بىر يىلى، پوسكام يېزىسىدىكى دېھقان مەمەت تۇرسۇننىڭ ھويلا تېمى ئۆرۈلۈپ كېتىپ، پۇلى يوق بولغاچقا ماتېرىيال سېتىۋالالمىغانىدى. خۇداۋەدى توختى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ھېچنېمە دېمەيلا يېنىدا بار - يوق 200 يۈەننى چىقىرىپ مەمەتكە تۇتقۇزغان، يەنە باشقا دېھقانلارنى ياردەملىشىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، ناھايىتى تېزلا ھويلىنىڭ يېڭى تېمىنى سېلىپ بەرگەن.

«دادامنىڭ ئادەتتە خىزمىتى بەك ئالدىراش بولۇپ، ئۆيگە كۆپ قايتالمايتتى، لېكىن ھەر قېتىم ئۆيگە قايتقاندا ئاشلىق ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بىر قوشنىمىزنى يوقلايتتى» دېدى نۇرئازات.

پەرزەنتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەش

نۇرئازاتنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، دادىسى پەرزەنتلىرىگە ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قوياتتى. ئۇلارنىڭ ھويلىسىدا بىر ئەينەك بار بولۇپ، كىم خاتالىق ئۆتكۈزسە، دادىسى ئۇنى ئەينەك ئالدىدا خاتالىقى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا تۇرغۇزۇپ قوياتتى.

نۇرئازاتنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، ئۇ ساقچى ئەترىتىگە ئەمدىلا قاتنىشىپ، تېخى ساقچى فورمىسى تارقىتىلمىغانىدى، بىر قېتىم تەتىلدە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، دادىسىنىڭ ساقچى فورمىسىنى يوشۇرۇنچە كىيگەندە، دادىسى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى ئورۇندۇق ئۈستىدە تۇرۇپ، ئەينەككە قاراپ خاتالىقى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا بۇيرۇغان ھەم ئۇنى تەنقىد قىلىپ: «سىز مۇشۇنداق ساقچى بولامسىز؟ سىز ساقچى فورمىسى كىيسىڭىزلا لاياقەتلىك ساقچى بولدۇم دەپ قارامسىز؟» دېگەن.

نۇرئازاتنىڭ ئىككى پۇتى قېتىپ، ئورۇندۇقتىن يىقىلىپ چۈشەي دېگەندە، دادىسى ئاندىن ئۇنى يۆلەپ يەرگە چۈشۈرۈپ ئۇنىڭغا: سىزنىڭ ساقچى كىيىمىڭىز ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن. ساقچى فورمىسىنى كىيگەن ئىكەنسىز پارتىيە ۋە خەلققە يۈز كېلەلىشىڭىز كېرەك، ئەگەر بۇنىڭغا ئەمەل قىلالمىسىڭىز، ساقچى فورمىسىغا داغ تەگكۈزۈپ، ساقچىلارنىڭ يۈزىنى تۆككەن بولىسىز، دېگەن. بۇ قېتىمقى سۆھبەت نۇرئازاتنىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن.

دادىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن، مۇشۇ يىللاردا نۇرئازات ئىزچىل تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرەپ بىلەن شەخسلەر بويىچە 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن ۋە شەخسلەر بويىچە 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.

«دادامنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تىرىشىپ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر ياخشى ساقچى بولىمەن.» نۇرئازاتنىڭ دېيىشىچە، يېقىندا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر پوسكام يېزىسىغا بىر قېتىم بېرىپتۇ، ئۇ يەردىكى ئۆيى چېقىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئىلگىرى ھويلىسىغا تىككەن كۆچەتلەر چوڭ دەرەخكە ئايلىنىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.