تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پويىزى بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ گاۋتيېسىدە قاتنىدى ئۇنىڭدا دۇنيا بويىچە تۇنجى 5G يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئاڭلىتىش ئۆيى بار

خەلق تورى خەۋىرى  2022-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن لايىھەلەنگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نۇسخىسىدىكى يېڭى تىپتىكى فۇشىڭ ناملىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوق پويىز بېيجىڭدا نامايان بولدى.

سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىر، پويىزنىڭ يولغا چىقىشى، مېڭىشى، توختىشى، ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى-يېپىلىشى تولۇق ئاپتوماتىك بولۇپ، ھەرىكەت ھالىتىنى ئۆزى سېزىدۇ، تۈرلۈك كاشىلىنى دەل جايىدا مۆلچەرلىيەلەيدۇ؛ پويىزنىڭ سىرتى «خاسىيەتلىك قار بىلەن باھارنى كۈتۈۋېلىش» بويىچە بېزەلگەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاراتقۇ ۋاگونى، گاۋتيې كۆچمە باش تېمىلىق پوچتىخانىسى بار، توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر ئىشلىتىلگەن، يولۇچىلار بۆلۈمچىسى ئادىمىيلىك ئاساسىدا لايىھەلەنگەن، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، چىراغ نۇرىنى تەڭشەش ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان، «شۆجىمېڭ» كۆپ تىللىق مۇلازىمىتىگە ئىگە؛ يەنە دۇنيادىكى تۇنجى سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىر بولغان گاۋتيې G5 يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئاڭلىتىش ئۆيى سەپلەنگەن... بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ گاۋتيېسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق فۇشىڭ ناملىق تىجارەت تەجرىبىسى ۋە ئىلغار تېخنىكىسىغا تايىنىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پويىزى مەخسۇس بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.

ئىگىلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە، كۈنىگە 40 جۈپ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پويىزى قاتنايدىكەن.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پويىزى بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ گاۋتيېسىدە قاتنىدى، دۇنيا بويىچە تۇنجىG 5 يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئاڭلىتىش ئۆيى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.