تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2022 ـ يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن⑤

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشسىلا، ئاندىن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقالايدۇ.» 2022 ـ يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا چەت ئەل رەھبەرلىرى ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە قوشقان تۆھپىسىنى كۆپ قېتىم تەرىپلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولغانلىقىغا نەزەر سېلىپ، چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ دۇنياۋى مۇھەببىتى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشەنچ ۋە كۈچ قوشتى.

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2021 ـ يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن 79 قېتىم ئۇچرىشىپ، تېلېفونلىشىپ، مۇھىم تاشقى ئىشلار پائالىيەتلىرىگە 40 قېتىم سىنلىق رىياسەتچىلىك قىلىپ ۋە قاتنىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان مەركەزداش چەمبەرلەرنى تەسۋىرلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى. دۆلىتىمىز جەمئىي 120 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنى 2 مىليارد دانە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلەپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشتى؛ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2021 ـ يىل يىللىق يىغىنى، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 ـ قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى قاتارلىق ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ ئېنېرگىيە قوشتى؛ ئىمپورت كۆرگەزمىسى، مۇلازىمەت ـ سودا يەرمەنكىسى، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق ئىقتىساد ـ سودا كاتتا مەرىكىلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپ، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى بىلەن دۇنيانى ئىللىتتى ... ئۆتكەن بىر يىلدا، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان يەر شارىۋى يۇقۇم ئالدىدا، تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان يەر شارىۋى ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى تەشەببۇس قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ۋاكسىنىنى يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات قىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

2021 ـ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقى بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى تەقدىرداش بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ بېغىشلىدى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، دۇنيانىڭ ئىناق ـ ئېجىللىقى ئۈچۈن كۈچ بېغىشلىدى، دۇنيا چوڭ ۋەزىيىتى ۋە دەۋر ئېقىمىدا جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دا «دۇنيانى قەلبىگە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇش» پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش داۋامىدا توپلىغان قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىلىرىنىڭ بىرى قىلىندى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن ـ ئاخىر ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ چوڭ ئېقىنى، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش چوڭ ۋەزىيىتى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات چوڭ تارىخىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توغرا تونۇغانلىقى ۋە بىر تەرەپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى چوڭقۇر خۇلاسە، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ داۋاملىق تۈردە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم جاكارى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى تەرىپىدە تۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، تارىخ چاقىنىڭ پارلاق نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

ھازىر، يۇقۇم سىجىل قايتا ـ قايتا تەكرارلىنىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ئاجىز، كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسى گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئىنسانلار ئاز كۆرۈلىدىغان كۆپ خىل كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرمەكتە. قانچىكى قىيىنچىلىق مەزگىل بولغانسېرى، ئىشەنچنى شۇنچە چىڭىتىش، شۇنچە سالماق، باتۇر بولۇش كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، بىز داۋاملىق تىنچلىقنى سۆيىدىغان بارلىق دۆلەت ۋە خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىمىز. يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ پات ئارىدا باشلىنىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە نەزەر سېلىپ، «بىز دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى سەمىمىي تەقدىم قىلىمىز» دەپ تەكىتلىدى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كاتتا مەرىكىسى، پۈتۈن يەر شارىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر ئادىل مۇسابىقىلىشىدىغان سەھنە؛ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر چوڭ ئىشى، بىزنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىز. دۇنيا جۇڭگونىڭ تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس بولغان بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى كۈتمەكتە، جۇڭگونىڭ تەييارلىقى پۈتتى!

دۇنياغا قۇچاق ئاچقاندىلا، ئاندىن كەلگۈسىنى باغاشلىغىلى بولىدۇ؛ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى قەلبىگە پۈكۈپ، تىنچلىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش يولىدا مېڭىپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇدا كۈرەش قىلسىلا، چوقۇم ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ھەرىكەت ئارقىلىق كەلگۈسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلالايدۇ!

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 1 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.