تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھاياتى ئارقىلىق تىنچ ـ ئامانلىقنى قوغدىدى

تاش رازىق:

ھاياتى ئارقىلىق تىنچ ـ ئامانلىقنى قوغدىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

«ۋەقە يۈزبەرگەن شۇ كۈنى، ساقچىخانا باشلىقى تاش مېنى ساقچىخانىدا نۆۋەتچىلىك قىلىشقا قالدۇرۇپ قويدى، ئۇنىڭ ۋەقەگە ئۇچرىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ كەتتىم» دېدى 2021 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، يەكەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ليۇ شىنمىن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئەينى چاغنى ئەسلەپ.

تاش رازىق، 1966 ـ يىلى تۇغۇلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، ئىنقىلابىي قۇربان. 1985 ـ يىلى 9 ـ ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ھايات چېغىدا يەكەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئىگەرچى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىخانا باشلىقى ئىدى. 1998 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، ئۇ خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتماقچى بولغاندا، جىنايەت گۇماندارى ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ بىرقانچە يېرىگە پىچاق تىقىۋەتكەچكە، بەختكە قارشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 32 ياشتا ئىدى. ئۇنىڭغا جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2 ـ دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلدى.

زوراۋاننى تۇتۇشتا ئاتاكىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈش

1998 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى سەھەردە، يەكەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئىگەرچى ساقچىخانىسىدا پارتلىتىش دېلوسى يۈزبەردى، كۈچلۈك پارتلىتىش ئاۋازىدا ئۇيقۇدىكى ئاھالىلەر چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى، بازارلىق ھۆكۈمەتتە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان تاش رازىق ئەڭ تېز سۈرئەتتە ساقچىخانىغا يېتىپ كەلدى ھەم دەرھال يەكەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە دوكلات قىلدى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، يەكەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تېخنىكا خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇردى ھەم 11 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى جىنايەت گۇماندارى مە xنى نىشان قىلىپ بېكىتتى.

تاش رازىق تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ تۇتۇش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ مە xنىڭ ئۆيىگە باردى. ھەرىكەت لايىھەسى بويىچە، كۆپچىلىك بۆلۈنۈپ ئاختۇردى، تاش رازىق مە xنىڭ ئانىسىدىن سوراشقا مەسئۇل بولدى، قاراڭغۇ جايغا يوشۇرۇنۇۋالغان مە x تۇيۇقسىز ئېتىلىپ چىقىپ، قولىدىكى ئۆتكۈر پىچاقنى تاش رازىقنىڭ دۈمبىسىگە كۈچەپ تىقتى، ئۇ ئاغرىققا چىداپ تۇرۇپ مە xنى تۇتۇۋالدى، تەلۋىلەشكەن مە x ئۇنىڭ كۆكرىكىگە يەنە بىر پىچاق تىقتى.

خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن خەلق ساقچىسى مە xنى بويسۇندۇردى، تاش رازىق پۈتۈن بەدىنى قانغا بويۇلۇپ يەرگە يىقىلدى، ئۇ ئاجىز ئاۋازدا: «تاپانچا، مېنىڭ تاپانچام...» دېگىنىچە قولى بىلەن بېلىنى ئاستا سىلىدى، سەپدىشىنىڭ ياردىمىدە تاپانچىسىنى سىلاپ تۇتقاندىن كېيىن، ئاندىن كۆزىنى يۇمدى.

ئاممىغا رىشتە باغلاپ، خىزمەتداشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش

«شۇ كۈنى چۈشتە، ئۇ تېخى خىزمەتداشلىرىنى باشلاپ ئۆيىگە قايتىپ تاماق يېگەنىدى، ئىزچىل دېلو ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە گەپ قىلىشقىمۇ چولىسى تەگمىگەنىدى.» تاش رازىقنىڭ خوتۇنى گۈلباھار يولۋاس ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئېرىم كەسىپنى ئىنتايىن قەدىرلەيتتى، ئاممىغا ئالاقىدار چوڭ ـ كىچىك ئىشلاردا، يېرىم كېچە بولۇپ كەتسىمۇ ئۆزى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلايتتى، ھەل قىلاتتى. ئۇ دائىم: «ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى بولسىلا، مەن بار ئاماللارنى قىلىپ ئۇلارغا ياردەم بېرىمەن دەيتتى».

گۈلباھار مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم مائاش تارقاتقاندا، تاش رازىق نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ نېمە كەم ئىكەنلىكىنى ئىگىلەيتتى، يەنە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ سېتىۋېلىپ ئاپىرىپ بېرەتتى.

«مېنىڭ يۇرتۇم سەنشىدا، ساقچىخانا باشلىقى تاش ماڭا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى، دائىم مېنى ئۆيىگە بېرىپ تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلاتتى.» ليۇ شىنمىن مۇنداق دېدى: «ساقچىخانا باشلىقى تاشنىڭ دېلو بېجىرىش تەجرىبىسى ئىنتايىن مول ئىدى، قانداق بولۇپ ۋەقەگە ئۇچرىغاندۇ؟ مەن دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ كېسەل كارىۋىتىدا ياتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ ئاق كۆڭلىكى قان بىلەن قىپقىزىل بويۇلۇپ كەتكەنىدى، لېكىن مەن يەنىلا ئۇنى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنىدىم.» لېكىن رېئاللىق شۇنداق رەھىمسىز ئىكەن، تاش رازىقنىڭ كۆزى قايتا ئېچىلمىدى.

ليۇ شىنمىن ۋەقە يۈزبەرگەن نەق مەيداندىن ساقچىخانىغا قايتىش يولىدا، بازاردىكى ئاممىنىڭ ھەممىسىنىڭ تاش رازىقنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. «شۇ كۈنى كەچتە، نۇرغۇن ئامما ساقچىخانا باشلىقى تاشنىڭ ئۆيىگە باردى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قايغۇردى» دېدى ليۇ شىنمىن.

دادىسىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش

تاش رازىق ساقچى بولغان 13 يىلدا، خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ ناھايىتى كۆپ دېلونى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىپ، نەچچە يۈز جىنايەت گۇماندارىنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىپ، جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆسۈپ كەتكەن خورىكىنى قاتتىق يەرگە ئۇرۇپ، شۇ جاينىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى.

1996 ـ يىلى ئىگەرچى ساقچىخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى تەرىپىدىن «پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە مۇنەۋۋەر ساقچىخانا» بولۇپ باھالاندى، بۇ، يەكەن ناھىيەسى بويىچە تۇنجى بولۇپ بۇ نامغا ئېرىشكەن يېزا ـ بازارلىق ساقچىخانا ئىدى.

«دادام ۋەقەگە ئۇچرىغاندا، مەن تۆت ياشتا ئىدىم، غۇۋا ئېسىمدە قېلىشىچە، جىنايەتچى ئۇنسۇرلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىلا قورقاتتى، لېكىن ئامما ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى ئېجىل ئۆتەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، مەن بىلەن ئاكام جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىغا قاتنىشىپ، دادام قىزغىن سۆيگەن كەسىپ بىلەن شۇغۇللاندۇق.» تاش رازىقنىڭ قىزى گۈلنەزەر تاش مۇنداق دېدى: ساقچى فورمىسىنى كىيگەن ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ، دادامنىڭ بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى جان ـ دىل بىلەن قوغدايدىغان ئاشۇ روھنىڭ بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.