يېڭى يىل كىرىشى بىلەن
شىنجاڭلىق چارۋىچى تاغا ئابدۇجاپپار مېڭدىنىڭ
ئىپتىخارلىق بىلەن پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن سىن كۆرۈنۈشى
پۈتۈن توردا داڭ چىقاردى
بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن ئۇ
ئىلگىرى مۇجى چېگرا ساقچىخانىسىدا چېگرا قوغدىغۇچى ئىدى
ئۇ بۇ ساقچىخانىنىڭ كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە 12 يىل چېگرانى قوغدىغان
ئابدۇجاپپار چېگرانى ئاتلىق چارلىماقتا.
«مەن جۇڭگولۇق، پارتىيەگە كىرىش ئەڭ ياخشى تاللىشىم.» 1998-يىلى، ياش ئابدۇجاپپار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى، ئۇنىڭ پارتىيەگە كىرىشتىكى ئەسلىي مەقسىتى ناھايىتى ئاددىي __ پارتىيەگە كىرگەندىلا دۆلەت ۋە ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ.
2009-يىلى، ئابدۇجاپپار قىزىلسۇ ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى مۇجى چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ چېگرا قوغدىغۇچىلار ئەترىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملىتىپ كىردى، كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىلىرى بىلەن دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان مۇجى چېگراسىنى بىرلىكتە قوغدىدى.
ئابدۇجاپپار(ئوڭدىن 2-كىشى) كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە چېگرا چارلىماقتا.
چارۋىچىلىق رايونىدا چوڭ بولغان ئۇ، چېگرانىڭ يەر تۈزۈلۈشىنى پىششىق بىلىدۇ، ئات مىنىپ ئوقيا ئېتىشقا ماھىر، ئات بېقىشقا ئۇستا.
مەسئۇلىيەت بويىچە ئايرىغاندا، باشقا چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قەرەللىك ھالدا نۆۋەتلىشىپ تاغدا تۇرۇپ ۋەزىپە ئۆتەيتتى، بىراق ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇزاق مۇددەت چېگرادا تۇرۇپ قوغداشنى تەلەپ قىلدى. ھەر قېتىملىق چارلاشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئەترەتنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، يول باشلىغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ ۋە كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىلىرىنىڭ ئاياغ ئىزى مۇجىنىڭ 156 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسىنى قاپلىدى. قايسى جايدا سىرتقا تۇتىشىدىغان تاغ ئېغىزى بار، قايسى جايدا ئادەم ۋە چارۋىلار ئاسان چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىدۇ دېگەنلەرنى ئۇ كۆزىنى يۇمۇپمۇ دەپ بېرەلەيتتى. 2012-يىلى، چېگرادا چېگرا سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش ۋەقەسى يۈزبەردى، ئۇ ساقچىخانىغا ياردەملىشىپ بىرىنچى ۋاقىتتا گۇماندارنى قولغا چۈشۈردى.
ئابدۇجاپپار(سولدىن 1-كىشى) كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە چېگرا چارلىماقتا.
چېگرا ساقچىخانىسىدا ئىچكىرى رايونلاردىن كەلگەن نۇرغۇن كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىسى بار، ئات مىنىشنى بىلمەيدۇ. ئابدۇجاپپار ئۇلارغا ئات مىنىش ماھارىتىنى قولمۇقول ئۆگەتتى، پۈتۈن ساقچىخانىنىڭ كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۇنىڭ «شاگىرتى».
2012-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ يەنە ساقچىخانىنىڭ ھەربىي ئاتلىرىنى خالىس بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، شۇ ئىشلىگىنىچە ئالتە يىل ئىشلىدى. چېگرا چەت بولغاچقا، بەزىدە ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە تەمىنات ۋاقتىدا توشۇپ كېلىنمىسە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى چەكلىك يەم-خەشىكى بىلەن ھەربىي ئاتلارنىڭ يەم-خەشىكىگە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، ھەربىي ئاتلارنى ئۆزىنىڭ ئېتىدىنمۇ سېمىز باقتى. ئۇ دائىم: «مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن <كوللېكتىپنىڭ ئىشى> بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ» دېگەن بىر جۈملە سۆزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.
كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىلىرى ئابدۇجاپپار(سولدىن 3-كىشى)نىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلماقتا.
2018-يىلى 3-ئايدا، چېگرادا تۇيۇقسىز ئەھۋال يۈزبەردى. ئابدۇجاپپار كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىلىرى بىلەن بىللە تاغدا ئۇدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز تۇردى، تاغدىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى موزايلاشقا ئاز قالغان بەش قوتىزى باقىدىغان ئادەم بولمىغاچقا بالدۇر موزايلاپ قويۇپ، قوتاز موزايلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ قالغانىدى.
بۇ، چارۋىچى ئائىلىسىگە نىسبەتەن چوڭ زىيان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ ئىشنى ئۆزىلا بىلىپ ھېچكىمگە تىنمىدى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىلىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، ئاندىن بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپتى، ساقچىخانا باشلىقى ئالىمجان قاسىم پۈتۈن ساقچىخانىدىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ئىئانە توپلاپ ئۇنىڭ زىيىنىنى تولۇقلاپ بەردى.
ئابدۇجاپپار
ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرغىنى، 2021-يىلى 8-ئايدا، چېگرانى قوغداش ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئابدۇجاپپار «چېكىنىش دۇمبىقى» چېلىپ، چېگرا ساقچىخانىسىغا چېگرا قوغدىغۇچىلار ئەترىتىدىن چېكىنىپ چىقىش ئىلتىماسى سۇندى.
«كۆپچىلىككە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرسەم بولمايدۇ، ئىش ھەققىنى ئېلىپ ئىش قىلمىسام تېخىمۇ بولمايدۇ...» كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىلىرىنىڭ قايتا-قايتا سۈرۈشتۈرۈشىدە، ئۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئېيتتى: ئۇ يىل بويى ئېگىز ھەم سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل مۇھىتتا خىزمەت قىلغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن بولغاچقا، يۈرەك كېسىلى ۋە رېماتىزم كېسىلى بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قېتىم چارلاشقا چىققاندا ئەترەتكە ئاران يېتىشىپ ماڭالايدىغان بولۇپ قالغانىدى.
ساقچىخانا ئەڭ ئاخىرىدا بۇ «ئەترەتتىن چېكىنىش ئىلتىماسى»نى تەستىقلىدى، ئابدۇجاپپار 12 يىل چىڭ تۇرغان خىزمەت ئورنى بىلەن كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى.
گەرچە چېگرا قوغدىغۇچىلار ئەترىتىدىن چېكىنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئابدۇجاپپار بىكار تۇرمىدى. ئۇ مۇجى كەنتى 4-گۇرۇپپىسىنىڭ ئەترەت باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، چېگرا ساقچىخانىسىغا داۋاملىق ياردەملىشىپ چېگرانىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، قىرغىز يۇرتداشلارغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى.
شۇ يەردە داڭلىق «كۈنگەي تېغى يانار تاغ مەنزىرە رايونى» بار بولۇپ، ئابدۇجاپپارنىڭ ئۆيى مەنزىرە رايونى ئەتراپىدا ئىدى.
ھەر يىلى 7-، 8-ئايلاردىكى يامغۇر پەسلىدە، سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر يەر شەكلىنى پىششىق بىلمىگەچكە سازلىقتا قاپسىلىپ قالاتتى. ئۇ ھەر قېتىم چېگرا ساقچىخانىسىغا ياردەملىشىپ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇراتتى، بەزىدە ھەتتا كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىلىرىدىنمۇ بۇرۇن ۋەقە يۈزبەرگەن جايغا يېتىپ باراتتى.
ئابدۇجاپپار بىلەن كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىلىرى يانار تاغ ئېغىزى مەنزىرە رايونىدا ئامانلىقنى چارلىماقتا.
2021-يىلى 7-ئايدا، خۇبېيدىن كەلگەن بىرنەچچە ساياھەتچىنىڭ ئاپتوموبىلى سەپەر جەريانىدا پاتقاققا پېتىپ قېلىپ ماڭالماي قالدى، شۇ چاغدا، قۇتقۇزۇشقا كەلگەن كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىلىرى يىراق بولمىغان تاغ باغرىدا يەنە بىر ئاپتوموبىلنى قۇتقۇزۇۋاتاتتى.
ئۇلار تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقاندا، ئابدۇجاپپار يەنە بىر چارۋىچى بىلەن موتوسىكلىتلىق يېتىپ كەلدى. ئۇلار پاتقاقتا قۇرۇق قول قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇزاق ئۆتمەي ئاپتوموبىل خەتەردىن قۇتۇلدى. ئابدۇجاپپار بىلەن ھەمراھىغا لاي چاچراپ ئۈستبېشى لاي بولۇپ كەتتى.
ئابدۇجاپپار ئاپتوموبىلنى قۇتقۇزۇپ ياردەم بەرمەكتە.
ئۇلار كېتىدىغان چاغدا، ساياھەتچىلەر ئۇلارغا نەق پۇل بېرىپ رەھمەت ئېيتماقچى بولدى، ئابدۇجاپپار دەرھال رەت قىلدى. تىل بىلمەسلىك سەۋەبىدىن «تالاش-تارتىش» بولۇۋاتقاندا، ئۇ چاپىنىنى ئېچىپ، ئىپتىخارلىق بىلەن مەيدىسىدىكى پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتتى...
«بىز ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى. بىر ئائىلە كىشىلىرى قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، بىز ياردەم قولىمىزنى سۇنىمىز، پۇلنى تىلغا ئالساق قانداق بولىدۇ؟» ئابدۇجاپپار مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى كۆرسەم، ھەر قانچە جاپا تارتساممۇ ئەرزىيدۇ.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئۆزىگە ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر ياخشى ئىش قىلىش قائىدىسىنى بېكىتتى.
لېكىن، ئۇ ئەمەلىيەتتە ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك بىرقانچە ياخشى ئىش قىلىدۇ: ساقچىخانىغا خالىس ياردەملىشىپ سىرتتىن كەلگەنلەرنى تەكشۈرۈپ تىزىملايدۇ، قوشنىلىرىغا ياردەملىشىپ كالا-قويلىرىغا قارايدۇ، خەتەرگە يولۇققان قوتازلارنى قۇتقۇزىدۇ... شۇنچە يىللاردىن بۇيان، قانچىلىك ياخشى ئىش قىلغانلىقىنى ئۇ ئۆزىمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ.
ئابدۇجاپپار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم قىزىلسۇ ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ «مۇنەۋۋەر چېگرا قوغدىغۇچىسى» بولۇپ باھالاندى ھەمدە 2012-،2021-يىللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاقتۇ ناھىيەسى بويىچە «مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى»، مۇجى يېزىسى بويىچە «مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» بولۇپ باھالاندى.
«پارتىيە ۋە دۆلەت بىزگە ئۆي سېلىپ بەردى، تولۇقلىما بەردى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى.» «ھەربىر ئادەمنىڭ چېگرانى ياخشى ساقلاش، بۇ يەرنى ئۆزىمىزنىڭ ئۆيى دەپ قاراش مەجبۇرىيىتىمىز بار.» ئابدۇجاپپار قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا مۇنداق دەپ قارايدۇ: بۇ يىللاردا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چېگرا رايوننىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى، مەن بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۈلگە بولۇش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار، شۇنداقلا مىننەتدارلىق ھېسسىياتىم بىلەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەك.
بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق
جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش
جاۋاب تەلەپ قىلمايدۇ
مانا بۇ ئېتىقادنىڭ كۈچى
چېگرا لىنىيەسىنى چىڭ ساقلاۋاتقان چېگرا قوغدىغۇچىلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز
مەنبە: خەلق تورى ۋىيشىن سۇپىسى