تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

4700 كىلومېتىردىن ھالقىغان ھەقسىز «ۋاكالىتەن ھەيدەش»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ ليۇچىڭ

بۇ، بىر قېتىملىق ئالاھىدە بولغان ۋاكالىتەن ھەيدەش. سەككىز كۈن، 4700 كىلومېتىر.

بىر ئاي ئىلگىرى، 40 ياشلىق جياڭسۇلۇق چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى جاۋ شۈلېي كورلا شەھىرىگە مال يەتكۈزگىلى كەلدى، كېيىن بىر قېتىملىق كۈتۈلمىگەن ھادىسە سەۋەبىدىن سول كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى. 38 ياشلىق مەنسۇر پەتتار بىلەن 42 ياشلىق مەمەت نۇردۇن ئۇزۇن يوللۇق «ۋاكالىتەن ھەيدىگۈچى شوپۇر» بولۇپ، جاۋ شۈلېيغا ياردەملىشىپ يۈك ئاپتوموبىلىنى ئۇنىڭ يۇرتى جياڭسۇ شۈجوۋغا ھەيدەپ ئاپىرىپ بەردى.

بۇ قېتىمقى «ۋاكالىتەن ھەيدەش»نىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 4700 كىلومېتىر بولدى. ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كورلىدىن يولغا چىقىپ، يول بويى توختىماي مېڭىپ سەككىز كۈندە جياڭسۇ شۈجوۋغا يېتىپ كەلدى.

بىر ۋەدە

10 - ئاي دەل شىنجاڭدا پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان مەزگىل بولۇپ، پاختا توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. جاۋ شۈلېي بىلەن مەنسۇر، مەمەتلەر ئوخشاش بىر تىرانسپورت لىنىيەسىدە قاتنايتتى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بىر - بىرى بىلەن پىششىق تونۇشتى، ئۇلار ھەممىسى قارشى تەرەپنى ئارىلىشىشقا ئەرزىيدىغان دوست دەپ ھېسابلايتتى.

بىر قېتىم مال چۈشۈرگەندە كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈزبېرىپ، جاۋ شۈلېينىڭ سول كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ شىنجاڭدا بىرمۇ ئۇرۇق - تۇغقىنى بولمىغاچقا، بىرىنچى ۋاقىتتا مەنسۇرغا تېلېفون قىلدى.

دوستىنىڭ كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، مەنسۇر قولىدىكى ئىشنى قويۇپ، جاۋ شۈلېيغا ھەمراھ بولۇپ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، كېسەلخانىدا يېتىش رەسمىيىتىنى بېجىردى، ھادىسىدىكى ئالاقىدار تەرەپنى قايتا - قايتا ئىزدەپ بېرىپ، داۋالىنىش تۆلىمىنى ئېلىشىغا ياردەملەشتى.

12 - ئاينىڭ بېشىدا، جاۋ شۈلېي بېيجىڭغا بېرىپ داۋاملىق داۋالانماقچى بولدى. يولغا چىقىش ئالدىدا، بىرنەچچە چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى بىللە ئولتۇرۇپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى. كۆز زەخمىسىنى داۋالىتىش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانى بىرقەدەر ئۇزاققا سوزۇلىدىغان بولغاچقا، يۈك ئاپتوموبىلىنى يۇرتىغا قانداق قايتۇرۇپ كېتىش جاۋ شۈلېينىڭ بېشىنى قاتۇردى. جاۋ شۈلېي بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: «بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن نەۋرە ئاكامغا شىنجاڭغا كېلىپ يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يۇرتقا قايتىشنى ھاۋالە قىلسام بولغۇدەك» دېدى.

«جاۋ شۈلېينىڭ نەۋرە ئاكىسى شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغان، بۇ يەرنىڭ يول ئەھۋالىغا پىششىق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزى يالغۇز يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يۇرتىغا قايتىپ كېتەلمەيدۇ.» «دوستىمىز قىيىن ئىشقا يولۇققاندا، بىز جەزمەن ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.» مەنسۇر بىلەن مەمەت مۇنداق قارارغا كەلدى: جاۋ شۈلېيغا ياردەملىشىپ ئاپتوموبىلنى ئۇنىڭ يۇرتى جياڭسۇغا ھەيدەپ ئاپىرىپ بېرىمىز!

بىر ۋەدە بىر بۆلەك ئالاھىدە سەپەرگە سەۋەب بولدى.

بىر بۆلەك سەپەر

«سىزنىڭ ھازىر قىلىدىغان بىردىنبىر ئىشىڭىز كۆزىڭىزنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ ياخشى داۋالىنىش!» دېدى مەنسۇر جاۋ شۈلېيغا.

«بىز ئاپتوموبىلنى چوقۇم سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بىخەتەر ھەيدەپ ئاپىرىپ بېرىمىز، سىز خاتىرجەم بولۇڭ.» مەمەت جاۋ شۈلېينىڭ مۈرىسىگە قېقىپ قويدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى.

جاۋ شۈلېي خوتۇنىنىڭ ھەمراھلىقىدا بېيجىڭغا داۋالىنىشقا ماڭدى. مەنسۇر بىلەن مەمەت يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، جياڭسۇغا بارىدىغان ئۇزۇن يولغا ئاتلاندى.

جاۋ شۈلېينىڭ خاتىرجەم داۋالىنىشى، ئارتۇقچە چىقىمىنىڭ كۆپىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، مەنسۇر بىلەن مەمەت جياڭسۇغا توشۇلىدىغان بىر تۈركۈم ماللارنى ئۇقۇشتى. مەنسۇر: «داۋالىنىشقا پۇل خەجلەيدىغان يەر بەك كۆپ، جاۋ شۈلېينى يول خىراجىتىدىن غەم قىلدۇرغۇم يوق» دېدى. بۇنداق بولغاندا، يۈك - تاقلارنى ھاۋالىلىك توشۇش كىرىمىنى بىر قىسىم يېقىلغۇ ھەققى، يول ھەققىگە ئىشلەتكىلى بولاتتى. باشقا چىقىملارنى مەنسۇر بىلەن مەمەت ئۈستىگە ئالدى.

12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مەنسۇر بىلەن مەمەت ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ يولغا چىقتى. «يول بويى ئالمىشىپ ھەيدەيمىز، كىم چارچىسا ئارقا رەتتىكى ئورۇندۇقتا ئارام ئالسا بولىدۇ، مەنزىلگە بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇن بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى مەمەت.

سەككىز كېچە - كۈندۈزدە، مەنسۇر بىلەن مەمەت ئاساسەن توختىماي يول يۈردى. چىقىمنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئىككىيلەن مېھمانخانىدا قونۇپ باقمىدى، ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېمىدى. 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، يول ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان ئىككىيلەن ئاخىر شۈجوۋغا يېتىپ كەلدى، ئۇلار شەھەر ئەتراپىدىن بىر ئاشخانا تېپىپ، سەككىز كۈندىن بۇيان تۇنجى قېتىم كۆڭۈلدىكىدەك غىزالاندى.

بېيجىڭدا داۋالىنىۋاتقان جاۋ شۈلېي شىنجاڭلىق ئىككى قېرىندىشىنىڭ شۈجوۋغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارغا تېلېفون قىلىپ، شىنجاڭغا قايتىشقا ئالدىرىماسلىقنى، چوقۇم ئۆزىنىڭ قايتىپ بېرىشىنى ساقلاشنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزىگە خالىس ياردەم قىلغان ئىككى شىنجاڭلىق قېرىندىشىغا يۈزتۇرا رەھمەت ئېيتماقچى ئىدى.

بىر بۆلەك سەپەر بىر ئۆمۈرلۈك قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ ئورنىتىلىشىغا سەۋەب بولدى.

بىر ئۆمۈرلۈك مېھىر

12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، جاۋ شۈلېي بېيجىڭدىن شۈجوۋغا قايتىپ كەلدى. ئۈچەيلەن كۆرۈشكەندە، جاۋ شۈلېي كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا دوستلىرىنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى.

ئارقىدىن كۆپچىلىك بىرلىكتە جاۋ شۈلېينىڭ يۇرتى پېيشيەن ناھىيەسىگە باردى. جاۋ شۈلېينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يىراقتىن كەلگەن بۇ ئىككى دوستنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

«بىز جاۋ شۈلېينىڭ ئۆيىدە قوندۇق، غىزالاندۇق، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر نۇرغۇن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىزنى مېھمان قىلدى، شۇنداق قىزغىن بولدى.» مەمەت مۇنداق دېدى: جاۋ شۈلېينىڭ ئانىسى كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، بىزنىڭ ئوغلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىمىز ۋە ياردەم بەرگەنلىكىمىزگە رەھمەت ئېيتتى.

«بۇ جاي سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار، قايتىشقا ئالدىرىماڭلار.» جاۋ شۈلېي ئىككى قېرىندىشىنىڭ ئۆز ئۆيىدە بىرنەچچە كۈن كۆپرەك تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېرىنداشلىرىنى ئوبدان مېھمان قىلىۋېلىشنى، ئۇلارنى باشلاپ ئەتراپنى ئايلاندۇرۇپ كېلىشنى ئويلىغانىدى.

مەنسۇر بىلەن مەمەت جاۋ شۈلېينىڭ ياخشى كۆڭلىگە رەھمەت ئېيتتى، ھازىر جاۋ شۈلېينىڭ كۆزىنى داۋالىتىش ئەڭ مۇھىم، ياخشى دەم ئېلىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارمۇ دەرھال شىنجاڭغا قايتىشى كېرەك ئىدى. «يۈك ئاپتوموبىلىم ئۇزاق ۋاقىت بىكار تۇرۇپ قالدى، ئەمدى ھەيدەپ يىل ئاخىرىدا كۆپرەك پۇل تېپىشىم كېرەك» دېدى مەمەت.

12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، مەنسۇر بىلەن مەمەت جياڭسۇ شۈجوۋدىن يولغا چىقىپ كورلىغا قايتتى. يولغا چىقىش ئالدىدا جاۋ شۈلېي ئۇلارنىڭ قولىنى ئۇزاققىچە چىڭ سىقىپ تۇرۇپ قىيمىغان ھالدا: «سىلەرگە راستتىنلا قىيالمايۋاتىمەن، سىلەر مەڭگۈ مېنىڭ ياخشى قېرىندىشىم!» دېدى.

ئۇلار كېلەر يىلى باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا يەنە جەم بولۇشقا، بۇ قېرىنداشلىق مېھرىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشقا پۈتۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.