تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھەيۋەتلىك ئېقىنىنى مۇجەسسەملەيلى

​− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2022 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن ④

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«سانسىزلىغان ئاددىي قەھرىمانلار جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھەيۋەتلىك ئېقىنىنى مۇجەسسەملىدى.» 2022 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇنتۇلغۇسىز جۇڭگو ساداسى، جۇڭگو پەيتى، جۇڭگو ھېكايىسىنى ئەسلەپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى باتۇرلۇق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقان، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلغان ئاددىي قەھرىمانلارنى مەدھىيەلەپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇش ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى.

ئاددىيلىق ئۇلۇغلۇقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، قەھرىمانلار خەلق ئارىسىدىن كېلىدۇ. سوتسىيالىستىك جۇڭگو تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، باشقىلار ئىلتىپات، سەدىقە قىلىپ بەرگەنمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇنى كەڭ خەلق ئاممىسى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە جاپالىق ئەمگىكى، ئەقىل - پاراسىتى، جاسارىتىگە تايىنىپ ئېلىشىش، ئىشلەش ئارقىلىق ياراتقان. ئۆتكەن بىر يىلدا، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ «پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» دېگەن مەردانە قەسىمىدىن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغۇچى جەڭچىلەرنىڭ «ساپ مۇھەببىتىم پەقەت جۇڭگو ئۈچۈندۇر» دېگەن چوڭقۇر ھېسسىياتلىق كۆڭۈل ئىزھارىغىچە؛ تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنىڭ «كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن كارامىتىنى كۆرسىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىش»تەك كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىدىن پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ «باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش»تەك ئىرادىسى، غەيرىتىگىچە... تارام - تارام كىچىك ئېقىنلار قوشۇلۇپ دېڭىزنى ھاسىل قىلدى، سانسىز يۇلتۇزلار سامانيولىنى يورۇتتى، ھېچنېمىدىن ئۆكۈنمەي، پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىغان نۇرغۇنلىغان نامسىز قەھرىمانلار ئاددىي كىشىلەرچە ئاددىيلىقى بىلەن قالتىس كىشىلىك ھاياتنى پۈتتى، ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەجرى، ھەتتا ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى ئارقىلىق تاغلىق يېزىلار غايەت زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەن، تاغ - دەريالار گۈزەللىككە تولغان دەۋر يۆگىمە رەسىمىنى يېيىپ نامايان قىلدى، باياشاتلىققا تولغان، ھەممە ئائىلىلەردە چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان بەختلىك تۇرمۇشنى ياراتتى.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرى جۇڭگو خەلقى يېڭى سىناق ۋە خىرىسلار ئىچىدە پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىدىغان دەۋر، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدىغان دەۋر. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا، نۇرغۇنلىغان كىشى قىيىنچىلىق ئالدىدا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان تاغ - دەريالار، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەر ئۈچۈن يۈرەك قېنى ۋە تەرىنى ئاققۇزدى؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سېپىدە، نۇرغۇنلىغان كىشى ھاياتى بەدىلىگە بۇرچىنى ئادا قىلىشقا ئاتلىنىپ، سەمىمىي مۇھەببىتى بىلەن پۇقرالارنى قوغدىدى، تامچە - تامچە كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ھاياتلىقنى قوغدايدىغان پولات قورغان بەرپا قىلدى؛ ئىسلاھات - تەرەققىيات چوڭ دولقۇنىدا، نۇرغۇنلىغان كىشى ئەمگەكچان ئىككى قولى، ئەقىل - پاراسەتكە تولغان تەدبىرى، چىدامچانلىق بىلەن تىرىشىشى ئارقىلىق كىشىلىك ھاياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى... ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى قەھرىمانلار كۆپلەپ چىققان مىللەت، يېڭى دەۋر قەھرىمانلارنى يارىتىدىغان دەۋر. جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقى ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى. دەل رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «بۇ يەردە سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر خەلق بار، كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات بار، داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىنىۋاتقان ئىشلار بار».

100 يىل ئىلگىرى، جۇڭخۇا مىللىتى دۇنياغا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن، خارابلاشقان كۆرۈنۈشتە نامايان بولغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنياغا نامايان قىلغىنى گۈللەپ ياشنىغان كەيپىيات بولۇپ، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان قەدەم بىلەن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە ئاتلانماقتا. زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تاغ - دەريالىرى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل، خەلقى مەردانە، ئىستىقبالى پارلاق. مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن بىز چەكسىز ئىشەنچكە، ئىپتىخارلىققا چۆمدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمىز. بىز جۈرئىتىمىز، غەيرىتىمىز ئارقىلىق ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ياراتقان تارىخىي ئۇلۇغ ئىش ئاساسىدا، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىگە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. يول ئۇزۇن، كۈرەش قىلىش داۋاملىشىدۇ. بىزدەك 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار مۇشۇنداق بىر دۆلەتتە، ھەربىر ئادەم بىر ئۈلۈش كۈچ چىقارساقلا، تاغنى تالقان قىلغۇدەك قۇدرەتلىك كۈچنى توپلىغىلى بولىدۇ، ھەربىر ئادەم بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارساقلا، بىر كىشىلىك خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسەكلا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى بىر قەدەم ئالغا سىلجىتالايمىز. پەقەت مۇستەھكەم غايە - ئېتىقاد، بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھى بىلەن، ھەربىر ئاددىي ئىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ياخشى قىلغاندىلا، بارلىق ئاددىي كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قالتىس كىشىلىك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ، بارلىق ئاددىي خىزمەتنىڭ ھەممىسىدە قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يارىتالايدۇ. يېڭى دەۋر ھەربىر كىشىگە مەنسۇپ، ھەربىر كىشى يېڭى دەۋرنىڭ گۇۋاھچىسى، ياراتقۇچىسى، قۇرغۇچىسى. سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلغاندىلا، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ.

ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى بىپايان ئالەم بوشلۇقىدا «كاماندىروپكا»دا، مەملىكەت سىرتىدىكى قېرىنداشلار يەنىلا تىرىشىپ ئەجىر قىلماقتا، ئەلچىخانا، كونسۇلخانا، جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مەملىكەت سىرتىغا تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن خادىملار ۋە چەت ئەللەردە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئورنىدا قەتئىي چىڭ تۇرماقتا... يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ «سانسىزلىغان ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر يەنىلا كۈرەش قىلماقتا، ئۆزىنى بېغىشلىماقتا» دەپ تەرىپلىدى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئۈن - تىنسىز ئۆزىمىزنى بېغىشلىساق، بوشاشماي كۈرەش قىلساق، مەڭگۈ كۈرەش قىلساق، بىز چوقۇم ئاددىي خىزمەت ئورنىدا قالتىس ھېكايىلەرنى داۋاملىق پۈتۈپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.