تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پولاتتەك ئىرادىسى ئارقىلىق ساقچى روھىنى تاۋلىدى

پەرھات غولام:​

پولاتتەك ئىرادىسى ئارقىلىق ساقچى روھىنى تاۋلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

20 نەچچە قېتىم يارىلاندى، تۆت قېتىم ئۆلۈم گىردابىدىن قايتىپ كەلدى. ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: «ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىم بار، قىلچە باش تارتسام بولمايدۇ!» بۇ پولاتتەك ئىرادىگە ئىگە خەلق ساقچىسى دەل پەرھات غولام ئىدى.

پەرھات غولام ھازىر بۈگۈر ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، يېڭىسار ساقچىخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىنى قوشۇمچە ئۆتەيدۇ. 1997 - يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، ئۇ باشتىن - ئاخىر ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ، خەلق ساقچىلىرىنى يېتەكلەپ تۈرلۈك دېلودىن 130دىن ئارتۇقنى پاش قىلىپ، 230دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا پائال تۆھپە قوشتى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر قېتىم 2 - دەرىجىلىك، ئۈچ قېتىم 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىندى، 2021 - يىلى «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسىدىن جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسىغىچە

پەرھات غولام 1972 - يىلى كورلا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىن رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرەتتى، 1987 - يىلى، ئۇ شۇ جايدىكى سىفەن مەكتىپىنىڭ گۈزەل سەنئەت سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن بۈگۈر ناھىيەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولدى.

«مەن ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ياخشى كۆرەتتىم، ئەمما يەنە ساقچىلارغا تولىمۇ ھەۋەس قىلاتتىم.» 1997 - يىلى 5 - ئايدا، بۈگۈر ناھىيەسىدە خەلق ساقچىسى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، پەرھات غولام تىزىمغا ئالدۇردى ھەم قوبۇل قىلىندى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بىر خەلق ساقچىسى بولدى.

بىر قېتىم چازىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا، پەرھات غولام كېلىپ - كېتىۋاتقان ماشىنىلارنى سۈرۈشتە قىلىپ تەكشۈرۈۋاتقاندا، بىر ئەرنىڭ كۆزىنىڭ ئالاق - جالاق بولۇپ، كالپۇكىنىڭ سەل تىترەۋاتقانلىقىنى بايقىدى. «ئادەم تەسۋىرى سىزىشنى ئۆگەنگەن ۋاقتىمدا، مەن ئىنچىكە كۆزىتىش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلغانىدىم، بۇ ئەرنىڭ يۈز ئىپادىسى مېنىڭ ھوشيارلىقىمنى قوزغىدى، تەپسىلىي سۈرۈشتە قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىر زەھەر ئەتكەسچىسى گۇماندارى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.» بۇ، پەرھات غولامنىڭ خەلق ساقچىسى بولغاندىن كېيىن پاش قىلغان تۇنجى دېلوسى ئىدى.

رەسىم سىزىش ماھارىتىنى ئىگىلىگەن پەرھات غولام دېلو تەھقىقلەش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە بولدى، پەقەت بىرلا قېتىم كۆرگەن جىنايەت گۇماندارى بولسىمۇ، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ سۈرىتىنى تېز سۈرئەتتە سىزىپ چىقالايتتى. نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، 2015 - يىلى 3 - ئايدا ئۇ بۈگۈر ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يېڭىسار ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىخانا باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.

تارتۇقنى ئوردېن دەپ بىلىش

كۆكرىكىدىكى پىچاق يارىسى، بېشىدىكى ئون يىپ تىكىلگەن تارتۇق، ئۈششۈپ قالغان پۇت... ھەربىر يارا ئىزىغا قارىغىنىدا، پەرھات غولام كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇلار مېنىڭ ئوردېنلىرىم» دەيتتى.

خىزمەتداشلىرى پەرھات غولامغا باھا بېرىپ: «ئۇنىڭدا دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدار يوق، بىراق ھەمىشە ھەققانىيەت يولىدىن قايتمايدۇ» دېدى.

«ئامما بىخەتەر بولسىلا، قانچە كۆپ يارىلانساممۇ، قانچە كۆپ قان ئاققۇزساممۇ ئەرزىيدۇ.» مەلۇم بىر ھەپتە ئاخىرى، پەرھات غولام قىزىنى ئېلىپ موتوسىكلىت بىلەن بازارغا بېرىپ، يىراقتىن سودا ساراينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئىككى ئەر ئۇرۇشۇۋاتقان بولۇپ، بىرى قولىغا پىچاق ئېلىۋالغان، يەنە بىرى يارىلانغانىدى. پەرھات غولام دەرھال ئالدىغا بېرىپ توستى، پىچاق تۇتقان ئەر ئۇنى چېپىپ يارىلاندۇردى، شۇ چاغدا ئۇ ئاغرىققا چىداپ بۇ ئەرنى بويسۇندۇردى.

«دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، بۇ پىچاق دەل يۈرىكىمگە تېگىپتۇ، ئەگەر كىيىمىمدىكى مىس تۈگمە پىچاقنىڭ زەربىسىنى ئاجىزلىتىۋەتمىگەن بولسا، مەن نەق مەيداندا قۇربان بولىدىكەنمەن» دېدى پەرھات غولام.

ئاممىنى تۇغقىنىدەك كۆرۈش

پەرھات غولام دائىم مۇنداق دەيتتى: «ئاممىنى تۇغقىنىمىزدەك كۆرسەكلا، ھەرقانداق خىزمەتنى ياخشى ئىشلىيەلەيمىز».

بىر قېتىم كەنتكە بارغاندا، پەرھات غولام بىر كېرەكسىز، كونا تىراكتورنى بايقاپ، تىراكتور ئىگىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۆزى پۇل خەجلەپ تىراكتورنى رېمونت قىلىپ، كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئامما قۇربان مەمەتنىڭ ئىشلىتىشىگە بەردى. شۇ يىلى ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا قۇربان بۇ تىراكتورغا تايىنىپ 40 مىڭ يۈەن پۇل تاپتى.

2019 - يىلى 8 - ئايدا، 20 نەچچە چارۋىچى كەلكۈن سەۋەبلىك تاغ ئۈستىدە قاپسىلىپ قېلىپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تۈگەي دەپ قالغانىدى. پەرھات غولام خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي كەلكۈن ئېقىنىدىن ئۆتۈپ لازىمەتلىكلەرنى يەتكۈزۈپ بەردى. تاغ يولى ئەگرى - توقاي بولغاچقا، ماشىنىلار يۈرۈشكە ئامالسىز ئىدى، ئۇ خەلق ساقچىلىرى بىلەن قولىدا كۆتۈرۈپ، ئۆشنىسىگە ئارتىپ، تۆت سائەت پىيادە مېڭىپ، لازىمەتلىكلەرنى قاپسىلىپ قالغان چارۋىچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەرھات غولام جەمئىي ئالتە ئوقۇغۇچىنىڭ داۋاملىق ئوقۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ 60 نەچچە قىيىن ئىشىنى ھەل قىلىپ، ئاممىغا 190دىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى.

2015 - يىلى 8 - ئايدا، پەرھات غولام يېڭىسار بازىرىنىڭ چىگە بۇلاق كەنتىدىكى بىر نامرات ئائىلىنىڭ بالىسى ئۆمەرجان ئابلەتنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆمەرجانغا تاكى ئۇ داشۆنى پۈتكۈزگەنگە قەدەر ياردەم بەردى.

بۇلتۇر، ئۆمەرجان داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ساقچى بولدى. بەزىلەر ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ساقچى بولغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «مېنىڭ پەرھات تاغامغا ئوخشاش بىر ياخشى ساقچى بولغۇم بار».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.