تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يولباشچى» ناملىق ناخشا كەڭ ئېيتىلىپ كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان ياخشى بىر ناخشا كىشىلەرگە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ بېغىشلايدۇ. يېقىنقى كۈنلەردە، ئاساسىي مېلودىيەلىك ناخشا «يولباشچى» تورغا چىقىرىلىشى بىلەنلا كەڭ ئېيتىلدى. تۆت مىنۇتتىن كۆپرەك داۋاملىشىدىغان ناخشىدا پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقچىللىق ھېسسىيات كۆتۈرەڭگۈ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مېلودىيەسىگە سىڭدۈرۈلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن قەلبى ھاياجانغا تولدى.

«ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، قەلبىڭىزدىكى كۆرۈنۈشنى سىزىپ چىقىڭ...» قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردە بۇ ناخشىنى ئېيتىشنى ئۆگىنىش دولقۇنى تېزدىن كۆتۈرۈلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: بۇ ناخشىدا دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسى ياڭرىتىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلب ساداسى نامايان قىلىنغان، ئۇ، ھەربىر كىشىگە كۈچلۈك دەۋر پۇرىقىنى ھېس قىلدۇردى.

ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسى ساز كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بۇرماقان مولدو مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىز بارغانسېرى قۇدرەت تېپىۋاتىدۇ، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەن ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى داۋاملىق چىڭ ساقلاپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قوغدايمەن».

«ناخشىدىكى <خەلق بەختىنى كۆزلەيمىز، گۈللىنىش ئارزۇسىنى كۆزلەيمىز، بوران - چاپقۇنغا پىسەنت قىلمايمىز، بۇ يولدىن ھەرگىز قايتمايمىز> دېگەن بۇ مىسرانى بەكمۇ ياقتۇردۇم. مەھەللە كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئاھالىلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن» دېدى ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) بەينياۋخۇ تەۋەلىك رايونى شياڭيۈن مەھەللىسىنىڭ كادىرى جەمىلە سادايى.

1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسى دۇڭگۇي ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ رېپېتىتسىيە زالىدىن ياڭراق مېلودىيە ساداسى ئاڭلاندى، ئەترەت ئەزالىرى «يولباشچى» ناملىق ناخشىنى رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى. «بىز بۇ ناخشا ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىز ۋە ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلىمەكچى.» ئەترەت باشلىقى بادۇمالا مۇنداق دېدى: ناخشىدا ئېيتىلغاندەك، بىز ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي قاتلامدىكى «يېنىك جابدۇنغان قىزىل ئويۇن قويۇش ئاتلىق ئەترىتى»نىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ناخشا ساداسى ئارقىلىق ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى كۈيلەپ، ئۇسسۇل ئارقىلىق گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى نامايان قىلىمىز.

يېقىنقى كۈنلەردە، تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىكىلەر «ئانار دانىسى» مەدەنىيەت شۆبە ئەترىتى ۋە خەلق سەنئەت ئۆمەكلىرىنى باشلاپ، كەنت (مەھەللە)، مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى، كارخانا قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز − مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش» تېمىسىدىكى ئاممىۋى سەنئەت نومۇرى ئورۇنلاش ۋە مەدەنىيەت پىدائىيلىرى مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. «<يولباشچى> ناملىق بۇ ناخشا جۇشقۇن، مەردانە بولۇپ، كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسى ھەربىر سۆز، ھەربىر مىسراغا مۇجەسسەملەنگەن» دېدى بۇ ساراينىڭ مۇئاۋىن ساراي باشلىقى ئالىيە ھېسامىدىن.

ھەر قېتىم «يولباشچى»نىڭ قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مېلودىيەسى ياڭرىغاندا، ئالتاي شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى باقىتبېك ئاقان ئىختىيارسىز ھالدا جور بولۇپ ئېيتىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: «<يولباشچى> ناملىق ناخشىدا قويۇق تارىخ تۇيغۇسى ۋە چوڭقۇر بۇرچ تۇيغۇسى ئىپادىلەنگەن، ھەر قېتىم ئاڭلىغاندا، كۆز ئالدىمدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تارىخىي يىللىرى نامايان بولىدۇ. بىز ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى بۇ ناخشىنى چوڭ - كىچىك كوچىلاردا، يېزا - قىشلاقلاردا ياڭرىتىشقا تەشكىللەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن گۈزەل يېڭى تۇرمۇشقا ئاتلاندۇرىمىز».

(مۇخبىر جاڭ تىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار سۇڭ ۋېيگو، جاڭ رۇيلىن، بارشا تېگېس، ئىختىيارىي مۇخبىر جى شياۋجېن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.