□ گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئاددىي بىر چارۋىچى نەچچە مىليونلىغان تورداشنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىپ، توردا ئالقىشلانغان شەخسكە ئايلاندى. ئۇنىڭ ئېقىم مىقدارىنى جانلاندۇرۇشىدىكى سىر قەيەردە؟ ئۇنىڭ كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان سېھرىي كۈچى قەيەردىن كەلگەن؟ ئۇ پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن ئاشۇ دەقىقىدە، ئەگەر ئۇنىڭ نەزەرىدىكى پاكلىق ۋە ساپلىقنى چۈشەنگەن بولسىڭىز، ئەگەر ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئىشەنچ ۋە پەخىرلىنىشنى ھېس قىلغان بولسىڭىز، سىز چوقۇم جاۋابىنى تاپالايسىز − يەنى، ئېتىقادنىڭ كۈچى بىر ئاددىي كىشىنى جۇلالاندۇرىدۇ، ھەر تەرەپكە نۇر چاچقۇزىدۇ؛ ئېتىقادنىڭ كۈچى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئاددىي كىشىلەردە ئورتاق سادا ھاسىل قىلىدۇ، قەلبداشلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ.
پەيلاسوپلار: «ئېتىقاد بولمىسا ھەقىقىي گۈزەل ئەخلاق بولمايدۇ» دەپ ئېيتقان. بۇلتۇر يازدىكى ئاشۇ مەنزىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرسەك، ئابدۇجاپپار مېڭدىنىڭ ئوبرازى ھېكايىنىڭ يۈزبېرىش راۋاجىغا ئەگىشىپ، ئۈزلۈكسىز يۈكسەكلىشىدۇ. ئۇ ۋە ھەمراھلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن پاتقاققا پېتىپ قالغان ماشىنىنى ئىتتىرىپ چىقارغاندا، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى كۆردۇق؛ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلغان ساياھەتچىلەر پۇل بىلەن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغاندا، ئۇ ئۇلارنى ئېغىز ئاچقۇزماي، قول ئىشارىسى بىلەن رەت قىلغاندا، بىز مېھىر - مۇھەببەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەنپەئەتنى چوڭ بىلمەيدىغان، شەخسىي غەرەز بولمىغان ئالىيجاناب ئىستىلنى كۆردۇق؛ ئۇ جىددىيلىشىپ چاپىنىنى ئېچىپ، مەيدىسىدىكى چاقناپ تۇرغان پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەندە، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان كىشىنىڭ ئاشۇ دەقىقىدە قەلبى ھاياجانغا تولدى، چۈنكى بىز بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ روھىي دۇنياسىنى كۆردۇق، ئۇ ئېتىقاد يورۇتقان كۆپكۆك ئاسمان ئىدى.
ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى بىر چارۋىچى پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئابدۇجاپپار مېڭدى ئېتىقاد توغرىسىدا چوڭقۇر كۆز قاراشلارنى سۆزلىيەلمەسلىكى مۇمكىن، زور داۋلىلارنى دېيەلمەسلىكى مۇمكىن. ھالبۇكى، مۇشتىنى كۆتۈرۈپ پارتىيە بايرىقى ئاستىدا قەسەم بەرگەن ئاشۇ كۈندىن باشلاپ، ئېتىقاد ئۇرۇقى ئۇنىڭ قەلبىدە جىمجىتلا يىلتىز تارتقان. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئېتىقادى ھەر كۈنى پارتىيە ئىزنىكىنى تاقاشتا چىڭ تۇرۇش، چېگرا قوغدىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بوران - چاپقۇنغا قارىماي چېگرا لىنىيەسىنى ئايلىنىپ چىقىش، يولدىن ئېزىپ قالغان ساياھەتچىلەرگە قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىش، يارىلانغان ھايۋاناتلارنى قۇتقۇزۇش، «مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، ھەر كۈنى بىر ياخشى ئىش قىلىش»... دەل مۇشۇنداق قەتئىي چىڭ تۇرۇش، ئاددىي - ساددا ئېتىقاد ئېتىقاد دەرىخىنى بۈك - باراقسانلاشتۇردى، قەلب شۇ تۈپەيلى چۆلدەرەپ قالمىدى. ئۇنىڭ پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسىتىشى ئىختىيارسىز قىلىنغان ھەرىكەت بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ قەلبتىكى سەمىمىي ھېسسىياتنىڭ تەبىئىي ئىپادىلىنىشىدۇر. بۇ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى سادىقلىق بىلەن قىزغىن سۆيگەنلىك، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىدىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك نامنى چەكسىز قەدىرلىگەنلىك، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ پارتىيەنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەربىر سۆز، ھەربىر ھەرىكىتىدە، يۈرۈش - تۇرۇشىدا پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى قوغداش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شان - شەرىپىنى قوغداشتىن ئىبارەت سەمىمىيلىك ۋە ساداقەتمەنلىكتۇر. ئاشۇ دەقىقىدە، بىز ئېتىقادنىڭ يۈكسەلگەنلىكىنى كۆرگەندەك بولدۇق. ئۇنىڭ يۈكسەكلىكى كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ؛ ئۇنىڭ سالمىقى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ.
قەلبىدە ئېتىقادنى چىڭ ساقلىغان كىشى ئەنە شۇ قەدەر ئاددىي، ئەمما يەنە شۇ قەدەر قىممەتلىك، ئاددىي ئەمما كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ. گەرچە بىر ئېغىز دەبدەبىلىك سۆزى بولمىسىمۇ، لېكىن ئابدۇجاپپار مېڭدى پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن ئاشۇ دەقىقە بارلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر قېتىملىق جانلىق پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى، بىر مەيدان ئۈن - تىنسىز قەلب تاۋلاش بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ كىشىلىك ھايات نىشانىمىز ۋە ھەرىكەت يۆنىلىشىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ.
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2021 - يىلدا پۈتۈن پارتىيەدە بىر مەيدان چوڭقۇر پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلدى. پارتىيەمىزنىڭ مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئېگىلمەس - سۇنماس روھ، تۈمەنلىگەن خەۋپ - خەتەرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئىرادىسىدىن قەتئىي قايتمايدىغان روھ بىلەن جۇڭخۇا زېمىنىدا شانلىق نەتىجىلەرنى ۋە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى يارىتالىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، بىز پارتىيە بايرىقىنى بايراق قىلغان، پارتىيە بۇرچىنى ئۆز بۇرچى قىلغان مىليونلىغان مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىغا ئىگە. بۇ، يۈكسەك ئېتىقاد ئارقىلىق ئۇيۇشقان بىر شەرەپلىك قوشۇن. قان ھىدى ھەممە جاينى قاپلىغان يىللاردا، قەلبىدە ئېتىقاد بولغاچقا، مىللەتنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئالدىنقىلار يىقىلسا ئىزىنى باسىدىغانلار، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغانلار مەيدانغا كەلدى؛ تىنچلىق يىللىرىدا، قەلبىدە ئېتىقاد بولغاچقا، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغانلار، ساداقەتمەنلىك بىلەن ئۆزىنى بېغىشلايدىغانلار مەيدانغا كەلدى. دەل ئېتىقادنىڭ كۈچى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى باشتىن - ئاخىر ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىش ھەم ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ قەتئىي ھىمايىسىگە ئېرىشىش، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
كىشى قەلبىنى ئەڭ لەرزىگە سالىدىغىنى ئېتىقاد. ئېتىقادنىڭ كۈچىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلغىلى بولىدۇ، ئۇنى ئۆزئارا يەتكۈزگىلى بولىدۇ، ئۈزلۈكسىز زورايتقىلى بولىدۇ. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، ئېتىقادنىڭ كۈچى دەل ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، بوران - چاپقۇنغا پىسەنت قىلماي ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچ. بىز ئابدۇجاپپار مېڭدىغا ئوخشاش بىرىنچى سالاھىيىتىمىزنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، بىرىنچى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى، ئاۋانگارتلىق ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەلەپ قىلغاندەك «ئادەتتىكى چاغلاردا كۆرگىلى بولىدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، خەتەرلىك پەيتتە پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، پۇختا قەدەم بىلەن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىدىغان كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېپيېڭى سەھىپە پۈتۈشىمىز كېرەك.