تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

​«100 يىللىق سالاپەتنى مەدھىيەلەش، دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش − 2021 - يىللىق تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

​«100 يىللىق سالاپەتنى مەدھىيەلەش، دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش − 2021 - يىللىق تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان»

سىكاننېرلاپ تولۇق مەزمۇننى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى «100 يىللىق سالاپەتنى مەدھىيەلەش، دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش − 2021 - يىللىق تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان» ماۋزۇلۇق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 2021 - يىلى پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل.

بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمىغا سالماق تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2021 - يىلىغا نەزەر سالساق، تەشۋىقات - ئىدىيە سېپىدىكىلەر پارتىيەنى سۆيۈش چوڭقۇر ھېسسىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش داۋامىدا توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، دەۋر تومۇرىنى چىڭ ئىگىلەش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشنىڭ جۇشقۇن مېلودىيەسىنى ياڭراتتى، پۈتكۈل خەلقنىڭ غايە - ئېتىقاد، قىممەت ئىدىيەسى، ئەخلاق قارىشى جەھەتتە زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: ئىدىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىش؛ پارتىيەنى سۆيۈش چوڭقۇر ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش؛ مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىش؛ جۇڭگونىڭ نام كارتىسىنى چاقنىتىپ، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىش.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: شامالنىڭ چىقىشى دەل يەلكەن چىقىرىدىغان پەيت، قەلبىگە ئىرادە پۈككەن كىشى ئۆز نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، تەشۋىقات - ئىدىيە سېپىدىكىلەر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان ئېسىل سەھىپىلەرنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.