تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاددىيلىق ئىچىدىكى چىڭ تۇرۇش كىچىككىنە ئىشلاردىكى ئىللىقلىق

جاۋ جۇڭيۇڭ:

ئاددىيلىق ئىچىدىكى چىڭ تۇرۇش كىچىككىنە ئىشلاردىكى ئىللىقلىق

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

بۇلتۇر 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ليۇ چۈەنشيۇ شىنجاڭ ساقچى تارىخى سارىيىغا كېلىپ، ۋاپات بولغان ئېرى جاۋ جۇڭيۇڭنىڭ سۈرىتىگە قارىغىنىدا، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى. بۇ، شىنجاڭ ساقچى تارىخى سارىيى پۈتكەندىن بۇيان، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم غەيرەتكە كېلىپ بۇ يەرگە كىرىشى ئىدى. «ئۇ ئانچە كۆپ سۈرەت قالدۇرمىغانىدى، بۇ سۈرەتمۇ PS (سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش)تا بىر تەرەپ قىلىنغان كونا سۈرەت» دېدى ليۇ چۈەنشيۇ.

جاۋ جۇڭيۇڭ ھايات ۋاقتىدا ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش ئەترەت باشلىقى بولغان، 2017 - يىلى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ، ئىش ئورنىدا قۇربان بولغان.

جاۋ جۇڭيۇڭ خىزمەت قىلغان 33 يىلدىن بۇيان، خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر قېتىم شەخسىي 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، بىر قېتىم 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى، دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلگەن.

PSتا بىر تەرەپ قىلىنغان بىر پارچە سۈرەت كۆپ يىل ئىشلىتىلدى

2017 - يىلى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئۈرۈمچىدە قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى، 53 ياشلىق جاۋ جۇڭيۇڭ خىزمەت ئورنىدا قۇربان بولدى.

«شىنجاڭ ساقچى تارىخى سارىيىدىكى بۇ سۈرەتنى مەن ئەينى يىلى PSتا بىر تەرەپ قىلغان، كىيىمنىڭ ياقىسى ئانچە تەبىئىي چىقماپتۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى سىياسىي بۆلۈم كادىرلار باشقارمىسى يەرلىك كادىرلار بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاۋ لېي مۇنداق تونۇشتۇردى: 2013 - يىلى، جاۋ جۇڭيۇڭ 3 - دەرىجىلىك نازارەتچى ساقچىلىققا ئۆستۈرۈلدى، ئاق فورما كۆڭلەك تارقىتىلىپ، ساقچى - ئوفىتسېرلار كىنىشكىسىگە چاپلىنىدىغان سۈرەتكە چۈشۈش تەلەپ قىلىنغانىدى. بىرنەچچە قېتىم سۈيلىگەن بولساقمۇ، جاۋ جۇڭيۇڭ خىزمەت ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن، سۈرەتكە چۈشۈشكە ۋاقىت چىقىرالمىدى.

كېيىن، جاۋ جۇڭيۇڭ جاۋ لېيغا بۇرۇنقى سۈرىتىنى PSتا بىر تەرەپ قىلىپ ئىشلىتىشنى ھاۋالە قىلدى، ئۇ ئەينى چاغدا: «ھېچقىسى يوق، مېنى تونۇيالىسىلا بولدى، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئەڭ مۇھىم» دېدى.

جاۋ جۇڭيۇڭنىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمى كۈنى، جاۋ لېي ئۇنىڭ شۇ سۈرىتىنى كۆرۈپ، كۆزىدىن تاراملاپ ياش ئاقتى، جاۋ جۇڭيۇڭنىڭ PSتا بىر تەرەپ قىلىنغان بۇ سۈرىتىنىڭ بۇنچىۋالا كۆپ يىل ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

«ئۇنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش، بەزىدە يېرىم كۈن دەم ئېلىش ۋاقتى بولسا، بىز بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەن سىرتقا چىقىشقا كۆزىمىز قىيماي، ئۆيدە بىر - بىرىمىزگە ھەمراھ بولاتتۇق» دېدى ليۇ چۈەنشيۇ.

خىزمەتكە قاتناشقان 33 يىلدىن بۇيان، جاۋ جۇڭيۇڭ پەقەت ئىككى قېتىم، بىر قېتىم قىزى تۇغۇلغاندا، بىر قېتىم دادىسى ۋاپات بولغاندا رۇخسەت سورىغان.

«يالتىراق يېشىل» رەڭگە ئۇنىڭ ئىللىقلىقى سىڭگەن

يەنە قىش كەلدى، قاتناش ساقچىلىرى يەنە يالتىراق يېشىل رەڭلىك پاختىلىق ساقچى فورمىسىنى ئالماشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەرتىپنى باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن تارماق ئەترەت باشلىقى لى شياۋجيې مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ پاختىلىق ساقچى فورمىسىنى 2016 - يىلى 9 - ئايدا جاۋ جۇڭيۇڭ باشقا ئۆلكە، شەھەرلەردىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرىغا بېرىپ ئۆگىنىش قىلىپ كەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى ھاۋا رايى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئىسلاھ قىلغان ھەم پۈتۈن شىنجاڭدا كېڭەيتكەن.

شىنجاڭدا قىش پەسلىدە قار - شىۋىرغانلىق ھاۋارايى كۆپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ۋاقىت ئۇزاق بولىدۇ، ئاساسىي قاتلامدىكى قاتناش ساقچىلىرى ئۇزاق مۇددەت سىرتتا ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، ئاسانلا ئۈششۈپ قالىدۇ، سوغۇقتا ئاغرىپ قالىدۇ.

«بۇنداق پاختىلىق ساقچى فورمىسىنى 2016 - يىلى قىش كىرىشتىن ئىلگىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى قاتناش ساقچىلىرىغا ۋاقتىدا تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن، جاۋ جۇڭيۇڭ زاۋۇت بىلەن قايتا - قايتا مەسلىھەتلىشىپ، قايسى جايغا سۆزلىشىش ئاپپاراتى ئېسىش، قايسى جايغا يان تېلېفون سېلىش، نۇر قايتۇرۇش بالدىقىنى قايسى جايغا لايىھەلەش قاتارلىق بارلىق ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى بېكىتكەندىن كېيىن، ساقچى فورمىسى تېزدىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.» لى شياۋجيې مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قاتناش ساقچىلىرى ناچار ھاۋا رايىدا يولغا چىقىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، ھەمىشە قارا رەڭلىك يامغۇرلۇق چاپان ياكى پاختىلىق چاپاندىن سىرت، نۇر قايتۇرىدىغان جىلىتكە كىيىۋالاتتى، ھەرىكەت قىلىشمۇ قولايسىز ئىدى. يېڭىدىن ئالماشتۇرۇلغان پاختىلىق ساقچى فورمىسىنىڭ سىرتىغا بىر قەۋەت ئىسسىق ساقلايدىغان بوران، يامغۇردىن ساقلىنىش كىيىمى قاپلانغان بولۇپ، بوران، يامغۇردىن قورقمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇددى كۆزگە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يالتىراق چىراغقا ئوخشايدىغان بولۇپ، تېخىمۇ بىخەتەر.

«ئۇ خىزمەتداشلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى، بىز تارباغاتاي ۋىلايىتىدە خىزمەت قىلغان ۋاقتىمىزدا، ھەپتە ئاخىرىدا ئۇ ئۆيى سىرتتىكى خەلق ساقچىلىرىنى ئۆيىگە تاماققا چاقىرىۋالاتتى. ئۇ يەنە سىرتقا چىقىپ تاماق يېسەك، كۆپچىلىك تاماق پۇلىنى تۆلەشنى تالىشىپ تۇرۇۋالىدىكەن، ئۆيدە تاماق يېسەك تېخىمۇ ئىللىقلىقنى ھېس قىلىدىكەنمىز، دەيتتى». ليۇ چۈەنشيۇ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئاتا - ئانىلىرى يۇرتىدىن كەلسە، جاۋ جۇڭيۇڭ ھەمىشە ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارنى تاماققا تەكلىپ قىلىۋالاتتى.

ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ ئەۋەتىلگەن ئۇچۇرلار ئەزەلدىن ئۈزۈلمىدى

بۇلتۇر 10 - ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى «قاتناش باشقۇرۇش 12123» APPسى ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغان بولدى. مۇشۇ يىللاردىكى تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاممىنىڭ قاتناش ساقچى سىستېمىسىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى بارغانسېرى ئۆرلىدى، بۇنىڭدا جاۋ جۇڭيۇڭنىڭ بىر ئۈلۈش تۆھپىسى بار.

«ئۇ ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلەتتى، ئەينى يىلى ئۇ ئامما قاترايدىغان كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىنى يان تېلېفوندا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈمىدىدە، بۇ ئىشنى تەتقىق قىلىپ ئاخىر ۋۇجۇدقا چىقاردى، ھازىر %80تىن ئارتۇق ئاپتوموبىل باشقۇرۇش كەسپىنى توردا بېجىرگىلى بولىدىغان بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن تارماق ئەترەت باشلىقى جۇ تاۋ مۇنداق دېدى: جاۋ جۇڭيۇڭنىڭ ھاياتىدا خىزمىتى كۆپ قېتىم يۆتكەلدى، جىنايى ئىشلارنى رازۋېدكا قىلىش، ئامانلىق ساقلاش، قاتناش ساقچىسى قاتارلىق كۆپلىگەن ساقچى ئىش تۈرلىرىدە خىزمەت قىلدى، ھەر قېتىم خىزمىتى تەڭشەلگەندە ئۇ ناھايىتى تېزلا خىزمەتكە كىرىشىپ كېتەلەيتتى.

2006 - يىلى، جاۋ جۇڭيۇڭ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، جىنايى ئىشلار رازۋېدكا خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن كۆپلىگەن مۇھىم، زور دېلولارنى پاش قىلىشقا قوماندانلىق قىلدى. 2010 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساقچى تەرەپ قارا، رەزىل كۈچلەر جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بەرگەندە، جاۋ جۇڭيۇڭ مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تارباغاتاي شۆبە گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، گۇرۇپپا ئەزالىرىنى باشلاپ كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ۋەزىپىنى قالتىس ئورۇنداپ، شەرەپ بىلەن شەخسىي 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى. «ئۇ شۇ چاغدا، مېنىڭ قولۇمدا بىرەرمۇ ناھەق، ساختا، خاتا دېلولار يۈز بەرمەسلىكى كېرەك، دېگەن، ئۇ بۇنى ئىشقا ئاشۇردى.» ليۇ چۈەنشيۇ مۇنداق دېدى: جاۋ جۇڭيۇڭ خىزمەتتىن تارتىپ تۇرمۇشقىچە ھەربىر كىشىگە چىن كۆڭلىدىن مۇئامىلە قىلاتتى.

«ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى بۇ بىرنەچچە يىلدا، دائىم ئوخشاش بولمىغان ناتونۇش تېلېفون نومۇرلىرىدىن جاۋ ساقچىنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بىر ئۆمۈر ئەستە ساقلايمەن، دېگەن رەھمەت ئۇچۇرلىرى كېلىپ تۇردى» دېدى ليۇ چۈەنشيۇ.

«ئۇ نەگىلا بارسۇن، ئەتراپىدىكىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزەتتى.» جۇ تاۋ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، جاۋ جۇڭيۇڭ ئىلگىرى خىزمەت قىلغان جايلاردىكى ئامما پات - پات ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.