تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى 100 يىلدا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى نەتىجە يارىتىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يېڭى يىلدىكى يېڭى ئارزۇسى −

يېڭى 100 يىلدا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى نەتىجە يارىتىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

سەمىمىي تاپشۇرۇقنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ، يەلكەن چىقىرىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش. ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: كۆتۈرەڭگۈ روھ - جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەيدىغان قەتئىيلىك بىلەن، يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە تۈرلۈك توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتىدىن چىرا ناھىيەسىنىڭ نۇرى يېزىسى ئاقتاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ليۇ خۇڭلياڭ كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە كەنتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى پىلانلاش بىلەن ئالدىراش بولدى. «2021 - يىلى، بىز ئاممىنىڭ ئېھتىياجى، ئويلىغانلىرى، ئارزۇسىغا زىچ يېقىنلىشىپ، <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەشكىلنى خاتىرجەم قىلىدىغان، ئاممىنى رازى قىلىدىغان جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردۇق. بىز پەقەت كۆز ئالدىمىزدىكى نەتىجە بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالساق بولمايدۇ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، يۇرتداشلارنىڭ كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشىلىشىمىز كېرەك» دېدى ليۇ خۇڭلياڭ.

1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ شورباغ يېزىسى ئايدىڭكۆل كەنتىدە ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى، كەنت ئاھالىلىرى پارنىك ئىچىدە قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ھالدا ئالدىراش بولدى. «پارنىكتا تېرىلغان كۆكتاتلارنىڭ پايدىسى ياخشى، بۇلتۇر مەن 50 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتىم. بىز غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، كۈنلىرىمىزنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل قىلىمىز» دېدى كەنت ئاھالىسى ئېلى مەتتۇرسۇن.

1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، بورتالا شەھىرى تيەنشەنچىڭ تاشچىلىق كەسپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى گاۋ ۋېيۋېي ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ گەنسۇ ئۆلكىسى تيەنشۈي شەھىرى ۋە جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجوۋ شەھىرىدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى خېرىدارلارنىڭ تيەنشەنچىڭ موي قەلىمى زاكازىنى جىددىي ئىشلەپچىقارماقتا ئىدى.

«بۇلتۇر ئالدىراش بىر يىل، شۇنداقلا مول ھوسۇللۇق بىر يىل بولدى، بىز 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، دۇنياغا شىنجاڭنىڭ تيەنشەنچىڭ يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى نامايان قىلدۇق. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خېرىدارلار بىز بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدەندى.» گاۋ ۋېيۋېي مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى بىلەن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ، ئىشىنىمەنكى، شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، ئالاتاۋ تاموژنىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش 2 - بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى شۈ يۆخېڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، چېگرادىن كىرىدىغان - چىقىدىغان ماللارنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 2021 - يىلى، ئالاتاۋ پورتىدىن ئۆتكەن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 5800 قېتىمدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

«دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشسىلا، ئاندىن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقالايدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىكى بۇ جۈملە سۆزدىن شۈ يۆخېڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.

«يېڭى بىر يىلدا مەن ئۆز خىزمىتىمنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلار ئۈچۈن ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چوڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن» دېدى شۈ يۆخېڭ.

گۇاڭجېڭ قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ يۇڭخۇي مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى ئالدىدا، دۆلەت تۈرلۈك سىياسەتلەرنى چىقىرىپ كارخانىلارنىڭ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلدى، كارخانىلارمۇ نەتىجە يارىتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

ھازىر، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى «قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك دەرسخانىسى»غا كىرىشكە سەپەرۋەر قىلىش، ھەر دەرىجىلىك ياش لېكتورلار ئۆمىكىنى «قىش پەسىللىك كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەش»كە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش، ھەر دەرىجىلىك ياشلار بىرلەشمىلىرىنى ئاممىۋى پاراۋانلىق سەييارە ئويۇنىنى قانات يايدۇرۇپ، كېچىلىك ئىقتىسادقا كۈچ قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى.

«<پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار> دېگەن ياشلىق قەسىمى ياش ئەۋلادلارنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك ۋە ئۇلاردىن ئۈمىد كۈتكەنلىك، شۇنداقلا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىگە قويۇلغان تەلەپ.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ چۈەن مۇنداق بىلدۈردى: ھەر مىللەت، ھەر ساھە ياشلارنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن ياشلىق باھارى، كۈچىنى بېغىشلاشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ياخشى روھىي قىياپەت ۋە نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، قاردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ كەتتى، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چېگرا رايوننى ساقلاۋاتقان شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم چېگرا مۇداپىئە تۇەنى جېمىنەي چېگرا مۇداپىئە ليەنى تېپىلغۇسىز ياخشى ھاۋا رايىنى كۈتۈۋالدى. «بىز بۇرچ، مەسئۇلىيەت، مەسئۇلىيەتچانلىقنى زىممىمىزگە ئېلىپ، مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ، ئىنچىكە مەشىق قىلىپ، بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ۋەتەننى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن ياخشى ئادا قىلىمىز» دېدى جېمىنەي چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ جىداۋيۈەنى فېڭ يۇڭشىن.

«بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، قىزىل تومۇرنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئەمەلىيىتىدە تىرىشىپ يېڭى نەتىجە يارىتىمىز» دېدى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12 - شىسى مەمۇرىي تەستىق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ يىڭ.

(مۇخبىر مېھرىگۈل غوپۇر، قاتناشقان مۇخبىرلار: ياڭ شۇخەن، پەرىزات ئابدۇل، چېن چياڭۋېي، خېي خۇڭۋېي، يەن شياۋتيەن، ما يىنىڭ، ۋاڭ يايۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار: فېڭ شياۋلىڭ، جېڭ كاڭنىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.