تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە ئىزنىكىڭىزنى كۆرسىتىڭ

□ شېن ياپىڭ

ئابدۇجاپپار مېڭدى، ۋەتەننىڭ ئەڭ غەربىي چېتىدىكى بىر ئاددىي چارۋىچى نېمە ئۈچۈن بىر كېچىدىلا نەچچە يۈز مىليون جۇڭگولۇقنى تەسىرلەندۈرەلىدى؟ بۇنىڭ جاۋابى ئاددىي لېكىن يەنە چوڭقۇر مەنىگە ئىگە − ئۇ ئۆزىنىڭ پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسىتىپ، بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرى جەزمەن ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تېگىشلىك روھقا تاقىلىدىغان «مەن كىم» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەردى.

ساياھەتچىلەرنىڭ ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئەڭ ئالدىغا ئۆتتى؛ رەھمەت ئېيتقاندا ۋە ھەق بەرمەكچى بولغاندا، ئۇ قول ئىشارىسى قىلىپ قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلدى ھەم چاپىنىنىڭ ئالدىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى كىيىمىنىڭ مەيدىسىگە مەھكەم تاقالغان پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتتى − مانا بۇ ئابدۇجاپپار مېڭدى، 20 نەچچە يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزاسى.

پارتىيە ئىزنىكى كۆرسىتىلدى، ئۈنسىز ھەرىكەت سانسىز سۆزلەرنى بېسىپ چۈشتى، نامايان قىلىنغان چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، چىن ئېتىقاد نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈردى. پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسىتىش پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى كۆرسەتكەنلىكتۇر، تېخىمۇ مۇھىمى پەخىرلەنگەن ھالدا دۇنياغا «مەن كىم» دېگەننى ئۇقتۇرغانلىقتۇر. ئاشۇ پەيتتە، بىز بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيەمىزنى چىن قەلبىدىن قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىدىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك نامنى چەكسىز قەدىرلەيدىغانلىقىنى، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق.

بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئىلغار ياكى ئىلغار ئەمەسلىكىگە، ساپ ياكى ساپ ئەمەسلىكىگە، سادىق ياكى سادىق ئەمەسلىكىگە، مەسئۇلىيەتچان ياكى مەسئۇلىيەتچان ئەمەسلىكىگە قاراشتا، ئۇنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئۆزىنىڭ «پارتىيە ئىزنىكى»نى كۆرسىتەلەيدىغان، كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. بۇ، ئېتىقادنى سىناش، پارتىيەۋىلىكنى سىناشتىن ئىبارەت. «مەن كىم» دېگەننى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا، «كىم ئۈچۈن» دېگەننى چوڭقۇر تونۇغىلى، ھەربىر سۆز، ھەربىر ھەرىكەت ئارقىلىق، بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ پەخرى ۋە شان - شەرىپىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. قىلچە ئىككىلەنمەستىن پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن ئاشۇ كىشىلەر خۇددى يارقىن بايراققا ئوخشاش بىزنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇساپىمىزنى يورۇتتى. ئۇلار: سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مۇز كۆلدە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن لاچىن بايەكە، يۇرتداشلىرىنىڭ تاتلىق سۇ ئىچەلىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە كۈرەش قىلغان ليۇ خۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە شىددەتلىك جەڭ قىلغان كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە باتۇرلۇق بىلەن ھېچنېمىدىن قورقماي قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچىلەر...

ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدا تارازا بار، ئۇ تارازىنىڭ تېشى پۇقرالار. بۇ ئىككى كۈندە، سانسىزلىغان تورداشلار سەمىمىي مەدھىيەسى بىلەن بىر ئاددىي كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنى قىزغىن ئىزدەش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئابدۇجاپپار مېڭدىغا ئوخشاش «مەن كىم» دېگەننى قەلبىدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ئىزنىكىنى ئىپتىخارلانغان ھالدا كۆرسىتىپ، ساداقەتمەنلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن يارقىن پارتىيە بايرىقىنى جۇلالاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.