تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، ھەر كۈنى بىر ياخشى ئىش قىلىمەن

− «پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن» شىنجاڭلىق بۇ چارۋىچى نېمە ئۈچۈن «مۇناسىۋەتسىز ئىش»قا ئارىلىشىشقا ئامراق؟

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، ھەبىبە

1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئابدۇجاپپار مېڭدى ھويلىسىدا تۇرۇپ، نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يانار تاغ ئېغىزى مەنزىرە رايونىغا نەزەر سېلىپ تۇراتتى.

«ئابدۇجاپپار ئاكا، توردا تونۇلۇپ كېتىپسىز!» قوشنىسى يولداش توختىبېك ھويلا تېمىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى.

«ئۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم. ئاۋۋال بۇلارنى دېيىشمەيلى، بىز مەنزىرە رايونىغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلەيلى. ئەتىگەن بىر ماشىنا كىرىپ كەتكەن، ھازىرغىچە تېخى چىقمىدى، بىرەر ئىش بولۇپ قالمىسۇن» دېدى ئابدۇجاپپار. ئۇ ئاقتۇ ناھىيەسى مۇجى يېزىسى مۇجى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. 2022 - يىلى يېڭى يىلدا، بىر تورداش سىن يوللاپ، شىنجاڭدا ساياھەت قىلغان چاغدىكى «ئۆمۈر بويى ئۇنتۇمايدىغان» كەچۈرمىشىنى بايان قىلدى، بۇ سىن ناھايىتى تېزلا پۈتۈن تورنى قاپلىدى، سىن كۆرۈنۈشىدىكى «پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن» شىنجاڭلىق چارۋىچى دەل ئابدۇجاپپار ئىدى.

«مۇناسىۋەتسىز ئىش»قا ئارىلىشىشقا ئامراق ياخشى قوشنا

يانار تاغ مەنزىرە رايونى مۇجى يېزىسىغا جايلاشقان، بۇ يەردە شىنجاڭ بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز يانار تاغ ئېغىزى بار، تۆت ئەتراپىنى ئېگىزلىك سۇلۇق يېرى ئوراپ تۇرىدۇ، مۇزلۇق، مۇز يىمىرىلىشتىن پەيدا بولغان كۆل، مۇز ئۆڭكۈرى قاتارلىق ئۆزلۈكىدىن شەكىللەنگەن تەبىئىي مەنزىرىلەر بار بولۇپ، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

ئابدۇجاپپار ئائىلىسىنىڭ ھويلىسى مەنزىرە رايونىنىڭ يېنىدا بولۇپ، بۇ بىر نەچچە يىلدا، ئۇ مۇنداق بىر ئادەتنى يېتىلدۈرگەنىدى، ئىشى يوق چاغلاردا دائىم مەنزىرە رايونىنىڭ ئەھۋالىنى يىراقتىن كۆزىتەتتى، ئەگەر ساياھەتچىلەرنىڭ ماشىنىسىنىڭ پاتقاققا پېتىپ قالغانلىقىنى بايقىسا، ئۇ دەرھال قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە باراتتى. «مەنزىرە رايونىنىڭ يولى ياخشى ئەمەس، يامغۇر، قار ياغقاندا يول ئەھۋالى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىدۇ، ئېھتىيات قىلمىسىلا ئاپتوموبىل پېتىپ قالىدۇ».

ئابدۇجاپپار مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئەمەس، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكىمۇ مەسئۇل ئەمەس ئىدى، ئەسلىدە بۇ ئىشلار بىلەن ئۇنىڭ كارى بولمىسىمۇ بولاتتى، لېكىن قوشنىسى يولداش ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشىنى ناھايىتى نورمال ئىش دەپ قارايدۇ، چۈنكى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئابدۇجاپپارنىڭ «مۇناسىۋەتسىز ئىش»قا ئارىلىشىشقا ئامراق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. «كىمنىڭ ئۆيىدە ئىش بولسا، ئۇ ھامان پەيدا بولىدۇ. كىمنىڭ قويى يوقاپ كەتسە، ئۇ بىللە بېرىپ ئىزدەيدۇ؛ كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا، ئۇ بېرىپ قانداق ياردەم كېرەكلىكىنى سورايدۇ، بىز ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمىز» دېدى يولداش.

ھازىر، «مۇناسىۋەتسىز ئىش»قا ئارىلىشىشقا ئامراق ئابدۇجاپپار پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى تەسىرلەندۈردى. بەيدۇ قامۇسىغا يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن سۆزلەر ئىچىدە، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن ئاددىي ھەم كۆزگە چېلىقارلىق − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭلىق چارۋىچى.

توردا قىزغىن ئالقىشلانغان بۇ سىندا، 2021 - يىلى 7 - ئايدا يۈزبەرگەن بىر ئىش خاتىرىلەنگەنىدى. شۇ كۈنى، ئابدۇجاپپار يىراقتىن ئاشۇ ماشىنىنىڭ مەنزىرە رايونىغا كىرگەنلىكىنى كۆرگەنىدى. ئەينى چاغدا يامغۇر يېغىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ماشىنىنىڭ ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ، دەرھال ئادەم چاقىرىپ كېلىپ بىللە ئىزدىدى. دەرۋەقە، ماشىنىنى ئىزدەپ تاپقاندا، ماشىنا پاتقاققا پېتىپ قالغانىدى، ئۇ ياردەملىشىپ چاقنىڭ ئاستىغا تاش قويۇپ، ئىتتىرىپ، ئاخىر ماشىنىنى پاتقاقتىن چىقاردى.

«مەنزىرە رايونى ماڭا ناھايىتى تونۇش، قايسى يولدا ماڭسا ماشىنىنىڭ ئاسان پېتىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلىمەن، شۇڭا ماشىنىنى ئىتتىرىپ چىقارغاندىن كېيىن، مەن ئۇلارنىڭ ماشىنىنى داۋاملىق ھەيدەپ چىقىپ كېتىشىگە ياردەملەشتىم» دېدى ئابدۇجاپپار ئەسلەپ.

نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، ئابدۇجاپپار بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كەتتى − بۇنداق ئىشلار ھەقىقەتەن بەك كۆپ ئىدى، يولدىن ئېزىپ قالغان ساياھەتچىلەرگە ياردەم بېرىش، يارىلانغان ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىقلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئادەتتىكىچە ئىش ئىدى.

ھەر كۈنى بىر كىچىك نىشان بېكىتىش

2009 - يىلى، ئابدۇجاپپار چېگرا قوغدىغۇچى بولدى. 2021 - يىلى 8 - ئايدا، سالامەتلىكى سەۋەبىدىن، ئۇ چېگرا قوغدىغۇچىلىق ئىش ئورنىدىن ئايرىلدى. 12 يىلدا، ئۇ بوران - چاپقۇندا يۈرۈپ، پىيادە مېڭىپ، ئاتلىق يۈرۈپ، موتوسىكلىت مىنىپ چارلىدى، بوران - چاپقۇنلار ئۇنى توسۇيالمىدى، بىر كۈندە ئاز دېگەندە 40 نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ چارلايتتى.

2011 - يىلى بىر قېتىملىق چارلاشتا يولۇققان خەتەر ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئېسىدە. ئەينى چاغدا، ئۇ بىر توپ قوينىڭ ئۈركۈپ تاغقا قاراپ قېچىۋاتقانلىقىنى بايقىدى، سەپسېلىپ قارىسا، ئەسلىدە بۆرە توپىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىكەن. «شۇ چاغدا مەنمۇ بەك قورقتۇم، لېكىن ئويلاپ باقسام، بۇنچە كۆپ قوينى بۆرە توپى بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، ئىگىسى بۇنىڭدىن كېيىن قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؟» شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يۈرەكلىك ھالدا بۆرە توپىنى جېنىنىڭ بارىچە قوغلاپ، ئاخىرىدا 200 نەچچە قوينى قۇتقۇزۇپ قالدى.

«ئابدۇجاپپار دائىم ياخشى ئىش قىلىدۇ. كەنتتە پىدائىيلار قوشۇنى قۇرۇلغاندا، ئۇ ئەڭ ئاكتىپ بولدى، قار تازىلىدى، ئەخلەت تېرىدى، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈردى... پائالىيەت بولسىلا، ئۇ چوقۇم قاتنىشىدۇ.» مۇجى كەنتىنىڭ كەنت كادىرى يۈ چىلىن مۇنداق دېدى: «ئابدۇجاپپار تاغام ماڭا پارتىيەگە كىرگەندىن باشلاپ، ئۆزىگە ھەر كۈنى بىر كىچىك نىشان بېكىتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى».

«1998 - يىلى 3 - ئايدا، مەن پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بەرگەندە، پارتىيەگە تونۇشتۇرغۇچى ماڭا كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك، دېگەنىدى. مەن: جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دېگەن نېمە؟ دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ ئامما ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغانلىق خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىق بولىدۇ دېگەنىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، مەن ئۆزۈمگە بىر نىشان بېكىتتىم: مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ھەر كۈنى ياخشى ئىش قىلىمەن» دېدى ئابدۇجاپپار.

دەسلىپىدە، ئۇمۇ گاڭگىراپ قالدى، ھەر كۈنى ياخشى ئىش قىلىمەن دېگەن بىلەن، نەدىمۇ بۇنچە كۆپ ياخشى ئىش بولسۇن؟ كېيىن ئۇ ياخشى ئىشنىڭ چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىلمايدىغانلىقىنى، يولدىكى پۇتلىشىپ تۇرغان تاش پارچىلىرىنى يۆتكىۋەتسىمۇ ياخشى ئىش قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. «چوڭ ئىش كۈندە بولۇۋەرمەيدۇ. مەن بۇ سۆزنى ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم، ياخشى ئىش قىلىش خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىق، پەقەت باشقىلارغا پايدىلىقلا بولسا، ياخشى ئىش قىلغانلىق بولىدۇ» دېدى ئابدۇجاپپار.

باشقىلارغا ياردەم بېرەلەيدىغان بىر تاش بولۇش

شۇنداق قىلىپ، ئابدۇجاپپار ھەر كۈنى كەنتكە، مەنزىرە رايونىغا بېرىپ ئايلىنىپ، ياردەمگە موھتاج كەنت ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ بار - يوقلۇقى، مەنزىرە رايونىغا ئادىشىپ كىرىپ قېلىپ ئوتلاۋاتقان كالا - قويلارنىڭ بار - يوقلۇقىغا قاراپ باقاتتى، يول بويى ساياھەتچىلەر تاشلىغان ئەخلەتلەرنى تېرەتتى، يولدىكى تاشلارنى كۆرسىلا يۆتكىۋېتەتتى... ئادەتتە سىرتتىكى ماشىنىلارنىڭ ئۆتكەن ئاۋازىنى ئاڭلىسا، ۋاقىتنى مۆلچەرلەپ تۇراتتى، ئەگەر نورمال ساياھەت ۋاقتىدىن ئېشىپ كېتىپمۇ ماشىنىلار قايتىپ كەلمىسە، ئۇ ئادەم تېپىپ بىللە بېرىپ، ماشىنىنىڭ يولدا يەنە پېتىپ قالغان - قالمىغانلىقىغا قاراپ باقاتتى.

مۇجى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ جىگونىڭ تەسىراتىدا، ئابدۇجاپپار ئىنتايىن قىزغىن، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان پارتىيە ئەزاسى ئىدى، «ئۇ ئىپادىلەشكە ماھىر ئەمەس، لېكىن مەيلى كەنت ئاھالىسى ياكى ساياھەتچىلەر ياردەمگە موھتاج بولسا، ئۇ كۆرۈپلا قالسا، ھەمىشە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىدۇ».

ئابدۇجاپپار ئارىلاشقان «مۇناسىۋەتسىز ئىش» بەك كۆپ، دائىم ئۆزىنىڭ ئىشىغا چولىسى تەگمەي قالىدۇ. «ئۇ ھەر كۈنى ئالدىراش يۈرگەچكە، ئۆيىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا كۆپ ۋاقتى يوق. ئۇنىڭ بىر يىلدا ماڭا تېلېفون بەرگەن قېتىم سانىمۇ كۆپ ئەمەس، ھەر قېتىم مەن ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىمەن» دېدى ئاچىسى تورخان مېڭدى.

«پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسىتىش» سەۋەبىدىن، ئابدۇجاپپار توردا «داڭ چىقاردى.» ئۇ سەل گاڭگىراپ قالدى، «مەن ھېچقانچە چوڭ ياخشى ئىش قىلمىدىم، مەن پەقەت باشقىلارغا ياردەملىشىپ ماشىنىنى ئىتتىرىشىپ بەردىم، بىزنىڭ بۇ يەردە كىملا كۆرسە شۇنداق قىلىدۇ.» ئۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ھەمىشە جىددىيلىشىپ كېتەتتى، «مەن راستتىنلا ھېچقانچە چوڭ ئىش قىلمىدىم، بۇ كىچىك ئىشلارنى دېيىشتىن خىجىل بولىمەن، جىددىيلەشسەم گەپمۇ قىلالماي قالىمەن».

ئابدۇجاپپار ھەر قېتىم مەنزىرە رايونىغا بارغاندا بىرنەچچە پارچە تاشنى ئېلىۋالاتتى − ماشىنىغا ياردەم بېرىشتە، دائىم چاقنىڭ ئاستىغا تاش قويۇشقا توغرا كېلەتتى. «تاش ھەممە يەردە تېپىلسىمۇ، لېكىن ئېھتىياجلىق بولغاندا تاپقىلى بولماي قالىدۇ. پەقەت ياردىمى بولسىلا، ئادەتتىكى تاشلارمۇ ناھايىتى قىممەتلىك» دېدى ئۇ.

1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەلىك شۆسۇڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئوغلى جانبولات ئابدۇجاپپار ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دادا مەن سىزنى توردا كۆردۈم، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى سىزنى ماختاۋاتىدۇ، سىزدەك دادامنىڭ بولغانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن!» بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، 52 ياشلىق ئابدۇجاپپار يىغلاپ كەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.