تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بويىچە تەربىيەلەش، پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن يېڭى مۇساپىدە جەسۇرانە ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش كېرەك

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بويىچە تەربىيەلەش، پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن يېڭى مۇساپىدە جەسۇرانە ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ما شىڭرۇي 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە خۇلاسىلەش يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، قادېن كەبىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى سىياسىي ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمى ۋە مۇھىم، زور نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى خۇلاسىلەش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى كېڭەيتىشنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن چارۋىچى تاغا تور ۋە تور سىرتىدا يۈكسەك دىققەت قوزغىدى، ھەر مىللەتتىن بولغان تورداشلار ئۇنىڭ ساياھەتچىلەرگە ياردەملىشىپ ئاپتوموبىلنى مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن نەق پۇل بېرىپ رەھمەت ئېيتىشنى رەت قىلىپ، پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەنلىك ھەرىكىتىنى ئالقىشلىدى، بەس - بەستە مانا بۇ ئېتىقادنىڭ كۈچى دەپ تەرىپلەشتى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» پائالىيىتىدىكى ئەڭ تەسىرلىك ئەمەلىي ھەرىكەت، ئەڭ سەمىمىي بولغان خەلقچىل ھېسسىيات، شۇنداقلا ئەڭ جانلىق ئۆگىنىش ئۈلگىسى. بىز «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلغار تىپلار، ئىلغار نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى خۇلاسىلەش يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بويىچە تەربىيەلەش، پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

بىرىنچىدىن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئوبيېكتىپ خۇلاسىلەش كېرەك. خۇلاسىلەش خىزمىتىنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش» ۋە «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش»نى چۆرىدەپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق رەتلەپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قىزغىنلىقى، غەيرىتىگە ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئېچىش كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئۆلچىمىگە توغرىلىنىپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ، دىققەتنى باش تېمىغا دەل جايىدا مەركەزلەشتۈرۈپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى قاتتىق، پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش تەلىپىنى مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىش، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، سىردىشىش، پىكىرلىشىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، خۇلاسىلەش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈندىلىك ئىشلارغا سىڭدۈرۈش، دائىم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى زۆرۈر دەرسلىك، دائىملىق دەرسلىك قىلىشقا يېتەكلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى تەجرىبىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قەتئىي بوشاشماي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتىن ئىبارەت ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چاكارلىق ئېڭى ۋە خەلقچىل ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قانۇن بويىچە ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، «ئىككى بايرام» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق، ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەردە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بەشىنچىدىن، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، كۈرەش روھى، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، توغراق روھى، بىڭتۇەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنىڭ ئىشلىرىنى كۆزلەپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.