تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كۆپچىلىكنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2022 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن (3)

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«چوڭ دۆلەتنىڭ چوڭ دۆلەتكە خاس سالاپىتى بولىدۇ، شۇنداقلا چوڭ دۆلەتكە خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. تۈرلۈك - تۈمەن ئىشلار تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا ھەممەيلەننىڭ ئىشى.» 2022 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشى، ھال - ئەھۋالىنى قەلبىگە پۈكۈپ، تۈمەنلىگەن ئائىلىگە رىشتە باغلاپ، «خەلقنىڭ غېمى جەزمەن بىزنىڭ غېمىمىز؛ خەلقنىڭ ئارزۇسى بىزنىڭ جەزمەن قىلىدىغان ئىشىمىز» دەپ تەكىتلىدى، «كۆپچىلىكنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، بىز كۆز ئالدىمىزدىكى نەتىجىلەر بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالساق بولمايدۇ، ماڭىدىغان يولىمىز تېخى ئۇزۇن» دەپ كۆرسەتتى. ئىللىق سۆزلەر، سەمىمىي ھېسسىيات چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت رەھبىرىنىڭ خەلققە بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆزگەرمەس قىممەت ئىنتىلىشىنى شەرھلىدى.

ئۇيۇل تاشتەك ئەسلىي مەقسەت بىپايان جۇڭگو زېمىنىغا يېزىلدى. قار - شىۋىرغانغا پەرۋا قىلماي، تومۇز ئىسسىققا قارىماي، پاتقاقلارنى كېچىش، يول بويى مېڭىپ، يول بويى كۆرۈش، يول بويى ئويلىنىپ، يول بويى يېتەكچىلىك قىلىش... 2021 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئون قېتىم ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بىر قىسىم جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولدۇم، نۇرغۇن ئەھۋاللارنى كۆردۈم، ئاڭلىدىم، نۇرغۇن ئىلھام ۋە ھوسۇلغا ئېرىشتىم. ھەر قېتىم ئاممىنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا، ھەمىشە يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى سوراپ تۇردۇم، يۇرتداشلارنىڭ سۆزلىرىنى قەلبىمگە پۈكۈپ كەلدىم.» تاغ - داۋانلاردىن ئېشىش، دەريالارنى كېچىش، ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىش جەريانىدا، «خەلق» دېگەن سۆزنىڭ سالمىقى ناھايىتى ئېغىر بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى قىلىپ بېكىتتى. 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنىڭ تۈپ مەقسىتى خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر، پارتىيەمىز مەيلى قانچە چوڭ خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، مەيلى قانچە زور قۇربان بېرىش ۋە بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، بۇ نۇقتىدا باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي چىڭ تۇردى، قىلچە تەۋرەنمىدى. پارتىيەمىز خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، خەلق پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ زور ئىشەنچى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ 3 - تارىخىي قارارىنىڭ چىقىرىلىشى پۈتۈن پارتىيەنى يېڭى دەۋردىكى ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا ئاگاھلاندۇرۇپ، «قەيەردىن كەلگەنلىكىمىز، قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىز»دىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تېمىغا ياخشى جاۋاب بېرىپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قانداق بىر پارتىيە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، شۇ ئارقىلىق قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىش ئۈچۈندۇر.

نامراتلىقنى تۈگىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، پارتىيەمىزنىڭ جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلدى. 2021 - يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان بۇ مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ خەلققە، تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ نامرات نوپۇس خەرىتىسىنى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتۇق. يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن «مەنمۇ يېزىدىن كېلىپ چىققان، نامراتلىقنىڭ دەردىنى ئوبدان بىلىمەن» دېدى، «نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۇدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ئىلگىرىكى نامرات كىشىلەرنىڭ ھازىر قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولدى، ئوقۇيدىغان مەكتىپى، تۇرىدىغان ئۆيى، داۋالىنىش كاپالىتى بار بولدى» دەپ كۆرسەتتى، «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ خەلققە بەرگەن جاۋابى، شۇنداقلا دۇنياغا قوشقان تۆھپىسى» دەپ تەكىتلىدى.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈرەش تارىخى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيلىك تارىخىنىڭ ھەممىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز شۇنى جەزمەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بۇ پەقەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە قەدەم تاشلاشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم. تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، شەھەر - يېزا رايون تەرەققىياتىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. بىزنىڭ مەغرۇرلىنىپ، ئۆز - ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىشكە، بوشىشىپ توختاپ قېلىشقا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق، جەزمەن ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئۇدا كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبتە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق بېيىشتا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولساق، بىز چوقۇم كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ بېيىتالايمىز، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرەلەيمىز، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلالايمىز.

ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشى، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشىدا، ئەمەل قىلغىنى خەلقنىڭ رايى. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، پۇقرالارنى تېخىمۇ باياشات، تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قەلب رىشتى، شۇنداقلا بۇرچىدۇر. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، مەڭگۈ خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولغاندىلا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوت چوقۇم دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، شانلىق كەلگۈسىگە قاراپ غەلىبىلىك يۈرۈش قىلالايدۇ.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.