تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلايلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2022 ـ يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن②

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

تارىخىي مۇساپىدە نۇرغۇن بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈردۇق، 100 يىللىق كۈرەشتە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. 2022-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى شانلىق مۇساپىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ نىشانىنى كۆزلەپ: «بىز پەقەت كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلساقلا، ئاندىن تارىخقا يۈز كېلەلەيمىز، دەۋرگە يۈز كېلەلەيمىز، خەلققە يۈز كېلەلەيمىز» دەپ كۆرسەتتى، «دائىم كېلەچەكنىڭ غېمىنى يەپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، <ئۇلۇغ غايىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلىشىمىز> كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

2021-يىلى، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق. 100 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندا ئاران 50 نەچچە پارتىيە ئەزاسى بار ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە 95 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىغا ئىگە، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان، مۇھىم، زور يەر شارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي پارتىيەگە ئايلاندى. شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنغىچە، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدىن گۈللىنىش يولىغىچە، كىچىك قىزىل كېمىدىن ھەيۋەتلىك غايەت زور پاراخوتقىچە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى خەلققە بەخت يارىتىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى باشتىن-ئاخىر چىڭ ساقلاپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئېگىلمەس-سۇنماس روھ، تۈمەنلىگەن خەۋپ-خەتەرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئىرادىسىدىن قەتئىي قايتمايدىغان روھ بىلەن، قارىماققا يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىن ئۆتكەللەردىن بىر-بىرلەپ بۆسۈپ ئۆتۈپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان جاھان مۆجىزىلىرىنى بىر-بىرلەپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ سەلتەنەتلىك ئوبرازىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە كىردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخ ۋە خەلقنىڭ تاللىشىنى يەردە قويمىدى، ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا پارتىيە بولۇشقا مۇناسىپ؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايتتى.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، پارتىيەنىڭ 3-تارىخىي قارارى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىدىكى سىياسىي خىتابنامە، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. بۈگۈن بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنى جەزمەن سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا-دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ قىسقىغىنا ۋاقىتتا يېتىپ بارغىلى بولىدىغان داغدام يول ئەمەس. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، نېمە ئىش قىلىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «قەيەردىن كەلگەنلىكىمىز، قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىز»دىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تېمىغا ياخشى جاۋاب بېرىپ، تارىخنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، باشتىن-ئاخىر كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلۇق-ئالدىراقسانلىق قىلماي، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەيدىغان قەتئىيلىك بىلەن بېكىتىلگەن نىشاننى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە ۋاز كەچمەيدىغان سەگەكلىك بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «مەن ئەينى يىلى ماۋ جۇشى بىلەن خۇاڭ يەنپېي ئەپەندىنىڭ <گەمىدىكى سۆھبەت>ىنى تىلغا ئالغانىدىم، بىز پەقەت باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلساقلا، ئاندىن تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.» پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇلۇغ ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە تۇغما پەيدا بولغان ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقىش ئارقىلىق پەيدا بولغان، ئۆزى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىش داۋامىدا تاۋلىنىش ئارقىلىق پەيدا بولغان. پارتىيەنىڭ ئۇلۇغلۇقى خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلىكىدە بولماستىن، بەلكى ئەزەلدىن كېسىلىنى يۇشۇرمىغانلىقى، داۋالىنىشتىن باش تارتمىغانلىقىدا، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى پائال قانات يايدۇرغانلىقىدا، دادىللىق بىلەن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلەنگەنلىكىدە، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلغانلىقىدا. پارتىيەمىز 100 يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، جاسارىتى بۇرۇنقىدەكلا ئۇرغۇپ تۇرماقتا، بۇنىڭدىكى سىر ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت قۇدرەتلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولغانلىقىدا. يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا، جەزمەن خەۋپ-خەتەرنى ئەستىن چىقارمىغان روناق تاپۇر، راھەت-پاراغەتكە بېرىلگەن ھالاك بولۇر، دېگەن ھېكمەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دائىم كېلەچەكنىڭ غېمىنى يەپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، قانچە جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەر بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتىنى ساقلاپ، قىيىنچىلىق ئالدىدا تىز پۈكمەسلىك، بېسىم ئالدىدا باش ئەگمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىز پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز تازىلاپ، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى ئۈزلۈكسىز تازىلاپ، باشتىن-ئاخىر ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقلارنى تۈزەتسەكلا، پارتىيەمىز ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ، مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايدۇ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

بىر ئەسىردىن بۇيان بوران-چاپقۇنغا باش ئېگىلمىدى، سۇمۇرغ 90 مىڭ گەز ئېگىزلىكتە قانات قېقىپ پەرۋاز قىلدى. دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز ئىمتىھان بەرگۈچى، خەلق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلا بولساق، بىز چوقۇم پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.