تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىش

​− يېڭى دەۋردىكى بېيدوۋ روھى توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گولى

مۇستەقىل سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى − سىياسىي چوڭ دۆلەت، ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم سىمۋولى.

1994 - يىلى تۈر تۇرغۇزۇلغاندىن تارتىپ، 2000 - يىلى بېيدوۋ 1 - نومۇرلۇق سىستېما قۇرۇلۇپ پۈتكىچە، 2012 - يىلىدىن باشلاپ رەسمىي رايون مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتىن، 2020 - يىلىغا كەلگەندە پۈتۈن يەر شارىغا مۇلازىمەت قىلىشقىچە ... 26 يىلدا، جۇڭگو بېيدوۋلىقلىرى باشتىن - ئاخىر ئالەم قاتنىشى ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش بۇرچ تۇيغۇسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈشكىچە، بارلىققا كەلتۈرۈشتىن ئەلالاشتۇرۇشقىچە، ۋاسىتىلىك بولۇشتىن ۋاسىتىسىز بولۇشقىچە، رايون دائىرىلىك بولۇشتىن يەر شارىۋىلىشىشقىچە بولغان جۇڭگوچە تەرەققىيات يولىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقىپ، دۆلىتىمىزنى ئامېرىكا، رۇسىيەدىن قالسىلا دۇنيادا ئۆز ئالدىغا يەر شارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىغا ئىگە بولغان 3 - دۆلەتكە ئايلاندۇردى.

2020 - يىلى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق يەر شارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى رەسمىي پۈتۈپ ئېچىلدى. ئۇنىڭ پۈتۈپ ئېچىلىشى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى، خۇشاللىنارلىق ئىشى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر خۇشاللىقىدا يىغلاپ كەتتى. بۇ جەرياندا، قۇرۇلۇشنى باشلىغان باسقۇچتا قاتناشقان نۇرغۇن پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ چاچلىرى ئاللىبۇرۇن ئاقىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بېيدوۋ سىستېمىسىنى قۇرۇش جەريانىدا يېتىلدۈرگەن «ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىش، يۇغۇرۇش، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇش، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىش»تىن ئىبارەت يېڭى دەۋردىكى بېيدوۋ روھى «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنىڭ تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بېيدوۋلىقلارنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈزلۈكسىز رىغبەتلەندۈرمەكتە.

مىسلى كۆرۈلمىگەن «جۇڭگو يولى»

دۆلىتىمىز بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، دۇنيادا يەر شارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئاللىبۇرۇن قۇرۇلۇپ بولغانىدى.

دەسلەپتە، بىزمۇ باشقا دۆلەتلەردىن ئۆگىنىش، دوراشنى ئويلىغانىدۇق، لېكىن بۇ جەرياندا بەزى قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدۇق. دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەنپەئىتى ھەممىدىن ئەلا، شۇڭا بېيدوۋ سىستېمىسى چوقۇم ئۆز ئالدىغا كونترول قىلغىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك.

يەر شارىدىكى ھەرقانداق جاي ۋە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئورۇن بېكىتىپ يول باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئابۇنىچىنىڭ يەر شارىدىكى ھەرقانداق جاي ۋە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاز دېگەندە تۆت ئورۇن بېكىتىپ يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھىنى «كۆرۈشى»گە كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. GPS يەر شارىۋى سىستېمىسى دەل 24 خىزمەت سۈنئىي ھەمراھىدىن تەركىب تاپقان.

ئەينى ۋاقىتتا، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى ئاجىز بولۇپ، «بىر قەدەمدىلا يەر شارىۋى سىستېما قۇرۇش» مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 1983 - يىلى «863 پىلانى»نى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئاكادېمىك چېن فاڭيۈن «قوش سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش» تەسەۋۋۇرىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ لايىھە ئەڭ كىچىك يۇلتۇز تۈركۈمى، ئەڭ ئاز سېلىنما، ئەڭ قىسقا دەۋرىيلىك ئارقىلىق «يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

كېيىن، بېيدوۋ سىستېمىسىنىڭ تۇنجى قۇرۇلۇش باش لايىھەلىگۈچىسى ئاكادېمىك سۈن جيادۇڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىقاتنى تەشكىللەپ «ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالدى بىلەن سىناق سىستېمىسى قۇرۇش، ئاندىن رايون سىستېمىسى قۇرۇش، ئەڭ ئاخىرىدا يەر شارىۋى سىستېما قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلدى.

1994 - يىلى 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، دۆلەت بېيدوۋ 1 - نومۇرلۇق تۈرىنى تۇرغۇزۇشنى تەستىقلىدى. ئالتە يىلدىن كېيىن، دۆلىتىمىز بېيدوۋ 1 - نومۇرلۇق سىستېمىنى قۇرۇپ چىقىپ، رەسمىي ھالدا دۇنيادا ئۆز ئالدىغا سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىغا ئىگە بولغان 3 - دۆلەتكە ئايلاندى.

ئالەم بوشلۇقىدا ئەسلىدە يول يوق ئىدى، لېكىن جۇڭگو بېيدوۋلىقلىرى قەتئىي ئىرادە بىلەن روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە جۇڭگو يولىنى ئاچتى.

ئۆزگىچە «جۇڭگو لايىھەسى»

2004 - يىلى دۆلىتىمىز بېيدوۋ 2 - نومۇرلۇق قۇرۇلۇشىنى قۇرۇشنى رەسمىي باشلىدى.

جۇڭگو بېيدوۋلىقلىرى يەنىلا باشقا يەر شارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىلىرىنىڭ تاق ئوربىتىلىق يۇلتۇز تۈركۈمى قۇرۇلمىسىنى قوللانماي، يەنە بىر قېتىم ئۆزگىچە ھالدا ئارىلاشما يۇلتۇز تۈركۈمىلىك ئالاھىدە تەرەققىيات يولىنى تاللاپ، خەلقئارادا تۇنجى بولۇپ يەر شارى تۇرغۇن ئوربىتىسى ۋە يەر شارى ماس قەدەملىك يانتۇ ئوربىتىسى سۈنئىي ھەمراھنى تايانچ قىلغان، ئوتتۇرا چەمبەرلىك يەر شارى ئوربىتىلىق سۈنئىي ھەمراھنى قوشۇمچە قىلغان ئارىلاشما يۇلتۇز تۈركۈمىلىك سىستېمىنى بارلىققا كەلتۈردى.

ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساس قىلغان بېيدوۋ 2 - نومۇرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل «ئارىلاشما ماسلىشىش» شەكلىدىكى بىرىكتۈرۈش ئەڭ ئاز سۈنئىي ھەمراھ سانى ئارقىلىق ئەڭ ياخشى قاپلاش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرالايتتى، ئىشلىتىلگەن ئېگىز ئوربىتىلىق سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ توسۇۋېلىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك، بولۇپمۇ تۆۋەن كەڭلىك رايونىدىكى ئىقتىدارى، ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەن ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئارىلاشما يۇلتۇز تۈركۈمىلىك سىستېما يەنە كۆپ چاستوتا نۇقتىسىدىكى يول باشلاش سىگنالى بىلەن تەمىنلەپ، كۆپ چاستوتا سىگنالىنى بىرىكتۈرۈپ، ئىشلىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مۇلازىمەتنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرەلەيتتى.

«ئارىلاشما يۇلتۇز تۈركۈمىلىك سىستېمىسى خەلقئارادىكى تۇنجى ئىجادىيەت» دېدى جۇڭگو بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ياڭ چاڭفېڭ.

كۆز يەتكۈسىز كېچە ئاسمىنى، ۋاقىت ئۆتمەكتە.

2007 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، تۇنجى بېيدوۋ 2 - نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى، دۆلىتىمىز رەسمىي ھالدا بېيدوۋ 2 - نومۇرلۇق رايون تورىنى يېيىش دەۋرىگە كىردى. 2012 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگىچە، دۆلىتىمىز بەش يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، بېيدوۋ 2 - نومۇرلۇق 16 سۈنئىي ھەمراھنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقاردى.

يەنە ئىككى ئايدىن كېيىنكى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، دۆلىتىمىز: بۈگۈندىن باشلاپ، بېيدوۋ سىستېمىسى بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىناق سىستېمىسى (بېيدوۋ 1 - نومۇر)نىڭ ۋاسىتىلىك ئورۇن بەلگىلەش، قوش يۆنىلىشلىك ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش ۋە قىسقا مەلۇمات بېرىش، خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنى ئۇدا ۋاسىتىسىز ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن رەسمىي تەمىنلەيدۇ، دەپ رەسمىي جاكارلىدى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ بېيدوۋ 2 - نومۇرلۇق رايون سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇپ پۈتكەنلىكى ھەم رايون مۇلازىمىتى بىلەن رەسمىي تەمىنلەشنى باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن «ئۆزىگە خاس ماھارەت»

باشقا يەر شارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2020 - يىلى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى رەسمىي پۈتۈپ ئېچىلغان بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق يەر شارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ھەقىقەتەن «ئۆزىگە خاس ماھارىتى» بار: يەر شارىۋى ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە قىسقا مەلۇمات بېرىش، خەۋەرلىشىش، سۈنئىي ھەمراھ ئاساسىدا كۈچەيتىش، خەلقئارالىق ئىزدەش - قۇتقۇزۇش، ئىنچىكە تاق نۇقتىلىق ئورۇن بەلگىلەش، يەر ئۇلىدىكى كۈچەيتىش قاتارلىق كۆپ خىل مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ ئابۇنىچىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرالايدىغان بولۇپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق «كۆپكە ماھىر» ھېسابلىنىدۇ.

بولۇپمۇ قىسقا مەلۇمات بېرىش مۇلازىمىتىدە باشقا سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىلىرىنىڭ ئابۇنىچىلىرى پەقەت «ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى»نىلا بىلەلەيدۇ، بېيدوۋنىڭ ئابۇنىچىلىرى «ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى»نى بىلىپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارغا «ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى» «نېمە قىلىۋاتقانلىقى»نى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ، بۇ، خەۋەرلىشىش، يول باشلاش بىر گەۋدىلىشىشتەك ئۆزگىچە مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى ياراتتى.

«باشقا خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرى كۈچىدىن قالغان ئەھۋالدا، بېيدوۋ ئارقىلىق قىسقا مەلۇمات بېرىش، خەۋەرلىشىش − قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىش ئۇچۇرىنى يەتكۈزىدىغان، ھاياتلىقنى قۇتقۇزىدىغان ئەڭ ئاخىرقى كاپالەت بولۇپ قالىدۇ» دېدى جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇئاۋىن باش لايىھەلىگۈچىسى رەن چېڭچى.

بۈگۈنكى كۈندە، بېيدوۋ 3 - نومۇر بۇ ئالاھىدە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، كېڭەيتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ خەۋەرلىشىش ئىقتىدارى ھەر قېتىمدا 14000 بىت (1000 خەنزۇچە خەت)كە يېتىدۇ، ھەم يېزىق يوللىغىلى، ھەم تاۋۇش ۋە سۈرەت يوللىغىلى بولىدۇ، رايون قىسقا مەلۇمات بېرىش، خەۋەرلىشىش ئىقتىدارى بىر قېتىمدا ئون ھەسسىگە يېقىن ئاشىدۇ، ھەر قېتىمدا قوللايدىغان ئابۇنىچى سانىنى 500 مىڭدىن 12 مىليونغا ئۆستۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەر شارىۋى قىسقا مەلۇمات بېرىش، خەۋەرلىشىش ئىقتىدارى ھەر قېتىمدا 560 بىت (40 خەنزۇچە خەت)كە يېتىدۇ.

سۈنئىي ھەمراھلار ئارا زەنجىرسىمان يول تېخنىكىسى ئارقىلىق سۈنئىي ھەمراھلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا خەۋەرلەشكىلى بولىدۇ، بۇ بېيدوۋ 3 - نومۇرنىڭ ئۆز ئالدىغا يول باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئاچقۇچ. چۈنكى، بېيدوۋ سىستېمىسىنى يۈرۈشتۈرۈشتە يەر يۈزى پونكىتىدا سۈنئىي ھەمراھنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ۋە ئۇچۇر كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن بەزىدە سۈنئىي ھەمراھ يەر يۈزى پونكىتى قاپلىيالايدىغان ھاۋا بوشلۇقىدا بولمايدۇ، سۈنئىي ھەمراھلار ئارا زەنجىرسىمان يول بولسا نەچچە ئون بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھى ئارىسىدىكى ئۆزئارا خەۋەرلىشىش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆزئارا ئارىلىقنى ئۆلچەپ، ئاپتوماتىك ھالدا «سەپ شەكلىنى ساقلاپ»، ھەرىكەت دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن سۈنئىي ھەمراھلارغا قارىتا «بىر پونكىتتا كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش»نى يولغا قويغىلى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق يەر شارىۋى سىستېما يەنە سۈنئىي ھەمراھ ئاساسىدا كۈچەيتىش، خەلقئارالىق ئىزدەش - قۇتقۇزۇش، ئىنچىكە تاق نۇقتىلىق ئورۇن بەلگىلەش، يەر يۈزى ئاساسىي پونكىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق كۆپ خىل مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئابۇنىچىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرالايدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ بېيدوۋ سىستېمىسىنىڭ ئۆلچەملىك مۇلازىمەت ئېنىقلىق دەرىجىسى ئالتە مېتىردىن ئون مېتىرغىچە ئارىلىقتا بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى مۇلازىمەت بېيدوۋ كۈچەيتىش سىستېمىسىنىڭ كۈچ قوشۇشى ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز بېيدوۋ يەر يۈزى ئاساسىي پونكىتى ئارقىلىق كۈچەيتىدىغان «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر تور»نى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسى ئىچىدە مېتىر دەرىجىسى، يامى دەرىجىسىدىكى دەل جايىدا ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

2035 - يىلى ئەتراپىدا، دۆلىتىمىز بېيدوۋ سىستېمىسىنى ئاساس قىلغان، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ يۇغۇرۇلغان، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ياڭ چاڭفېڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۆتكەنگە نەزەر سالساق، بىز ئەينى چاغدا بېكىتكەن بېيدوۋ <ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش> لايىھەسى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ، بېيدوۋنىڭ تەرەققىيات لۇشيەنى ۋە يۇلتۇز تۈركۈمى لايىھەسىنى پىلانلاش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەمەلىي ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىغا تولغان بولۇپ، خەلقئارا سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش تېخنىكىسى سىستېمىسى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2021 - يىلى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.