تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

بۇ بىر يىل ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بىر يىل بولدى

​− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2022 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن ①

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يىللار تۇرمايدۇ بىر ئىزدا ساقلاپ، ۋاقىت ئۆتىدۇ تىنماي يورغىلاپ. كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىۋاتقان يەنە بىر گۈزەل پەيتتە، بىز 2021 - يىل بىلەن خوشلىشىپ، 2022 - يىلنى كۈتۈۋالدۇق.

«بۇ بىر يىلنى ئەسلىسەك، ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بىر يىل بولدى. بىز پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىشنى باشتىن كەچۈردۇق.» يېڭى يىل ھارپىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ 2022 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلىپ، ئۇنتۇلغۇسىز «جۇڭگو ساداسى، جۇڭگو پەيتى، جۇڭگو ھېكايىسى»نى ئەسلەپ، «سانسىزلىغان ئاددىي قەھرىمانلار جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھەيۋەتلىك ئېقىنىنى مۇجەسسەملىگەن»لىكىنى ئالقىشلىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق سۆزى، مەردانە خىتابى، سەمىمىي غەمخورلۇقى، چوڭقۇر بەخت تىلىشى يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ «بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنىش»تىكى كۈرەش قىزغىنلىقىنى يالقۇنجاتتى.

100 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، 100 يىللىق تەجرىبىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. 2021 - يىلى مەيلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىدا بولسۇن، ياكى جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدا بولسۇن، ئوخشاشلا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. بۇ بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، پارتىيەنىڭ 3 - تارىخىي قارارىنى تۈزۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

بۇ بىر يىلدا، كۆپچىلىك ئەجىر قىلدى، ئۆزىنى بېغىشلىدى، شۇنداقلا ھوسۇلغا ئېرىشتى. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشىنىڭ گىرەلەشمە تەسىرى ئالدىدا، دۆلەت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە جاپالىق بولدى، بىز 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمىغا سالماق تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتا يېڭى قەدەم تاشلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ساقلاشتىن، «جۇرۇڭ»نىڭ مارسنى تەكشۈرۈشى، «شىخې»نىڭ قۇياش سىستېمىسىنى تەكشۈرۈشى، «تيەنخې»نىڭ پىلانېتالار ئارا كېزىشىگىچە؛ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىن ئاشلىق ھوسۇلىدا «ئۇدا 18 يىل مول ھوسۇل ئېلىش»قىچە؛ گاۋتيېنىڭ يۈرۈش مۇساپىسىنىڭ 40 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىشىدىن تېز يەتكۈزۈشنىڭ يىللىق كەسىپ مىقدارىنىڭ 100 مىلياردتىن ئېشىشىغىچە... بۇ يەردە سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر خەلق بار، كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات بار، داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىنىۋاتقان ئىشلار بار. رەئىس شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتكەن بۇ بىر يىل ۋاقىتتا، بىز كۆرگەن، ھېس قىلغان جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمىگەن، گۈللەپ ياشنىغان جۇڭگو بولدى.

2022 - يىلى، پارتىيەمىز مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنى ئاچىدۇ. بۇ، پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە كىرگەن مۇھىم پەيتتە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىش پۈتۈن پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، دائىم كېلەچەكنىڭ غېمىنى يەپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، «ئۇلۇغ غايىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ»، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە كىردى، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا مەردانە قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئەسىر يۇقۇمىنىڭ زەربىسىدە، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگىرىپ، تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ، چىگىش، كەسكىن بولۇشقا ۋە ئېنىقسىزلىققا يۈزلەندى، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلەش قىيىن بولغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار يەنىلا مەۋجۇت. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، بۇ، ھەرگىزمۇ قىسقىغىنا ۋاقىتتا يېتىپ بارغىلى بولىدىغان داغدام يول ئەمەس.» يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىنى ياخشى مېڭىش تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى ۋە تارىخىي ئىجادكارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، قانچە جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتىنى ساقلاپ، مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن يېڭى بىر دۇنيا يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش جاسارىتى ۋە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىنى پۈتۈپ چىقىشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق.

كۈرەش قىلىش تارىخنى يارىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، غايە - ئېتىقاد بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەتئىيلىكنى ساقلاپ، جەسۇر قىياپەتنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 2022 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.