تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

لوپنۇر ـ چاقىلىق، چاقىلىق ـ نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلاندى

جەنۇبىي شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 ـ دەرىجىلىك) يول چەمبىرىكى پات ئارىدا شەكىللىنىدۇ

12 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، ئاپتوموبىللار G0711 لوپنۇر ـ چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بىلەن G0612 چاقىلىق ـ نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئۆتۈشمە ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەكتە. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: بەش يىل جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، 12 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، G0711 لوپنۇر ـ چاقىلىق، G0612 چاقىلىق ـ نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلاندى، جەنۇبىي شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 ـ دەرىجىلىك) يول چەمبىرىكى پات ئارىدا شەكىللىنىدۇ.

لوپنۇر ـ چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ چىقىش لىنىيەسى بېيجىڭ ـ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G7)نىڭ تۇتاشما لىنىيەسى بولغان ئۈرۈمچى ـ چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G0711)نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پۈتۈن لىنىيە لوپنۇر ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، چاقىلىق ناھىيەسىدە ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 357.365 كىلومېتىر بولۇپ، 2017 ـ يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان. بۇ تۈردە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، كورلىدىن چاقىلىققىچە ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋاقتى ئەسلىدىكى توققۇز سائەت ئەتراپىدىن ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتقا قىسقاردى.

چاقىلىق ـ نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ چىقىش لىنىيەسى بېيجىڭ ـ شىزاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G6)نىڭ تۇتاشما لىنىيەسى بولغان شىنىڭ ـ خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G0612)نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ لىنىيە چاقىلىق ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، نىيە ناھىيەسىدە ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 530.2 كىلومېتىر بولۇپ، 2017 ـ يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان. بۇ تۈردە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ماشىنا ھەيدەپ چاقىلىقتىن نىيىگە بېرىش ۋاقتى ئون سائەتتىن تۆت يېرىم سائەتكە قىسقاردى.

«بەش يىلدىن بۇيان، بىز قۇملۇقتا قۇرۇلۇش قىلىشتىكى كۆپ خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جەڭ خەرىتىسى سىزىپ، تۈردە قاتناش باشلاشنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول شەھەر تەرەققىيات سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى چاقىلىق ـ نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تۈرىنىڭ قوماندانى ۋۇ چۇەن.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ھەسەنجان ئەخمەت مۇنداق تونۇشتۇردى: لوپنۇر ـ چاقىلىق، چاقىلىق ـ نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي قىسىم يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى چوڭ يولىنىڭ مۇھىم يول بۆلىكى. بۇ تۈردە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، لوپنۇر، نىيە، چەرچەن، چاقىلىققا يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 ـ دەرىجىلىك) يول چەمبىرىكى پات ئارىدا شەكىللىنىدۇ، بۇ «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش ـ چىقىشنى تېزلىتىش»نى تېز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تاشلانغان پۇختا بىر قەدەم بولۇپ، دۆلىتىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ئارىسىدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي قۇرۇقلۇق يولىنى شەكىللەندۈرۈش، شىنجاڭغا كىرىش ـ چىقىش يولىنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.