ئانار بۇلۇت خەۋىرى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، G0711 لوپنۇر-چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ۋە G0612 چاقىلىق-نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، بۇ ئىككى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا قاتناش باشلىنىشى بىلەن، لوپنۇر، نىيە، چەرچەن ۋە چاقىلىق قاتارلىق جايلار يۇقىرى سۈرئەت دەۋرىگە كىردى، بۇ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
G0711 لوپنۇر-چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، لوپنۇر ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، چاقىلىق ناھىيەسىدە ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 357.365 كىلومېتىر. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، كورلىدىن چاقىلىققىچە ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋاقتى ئەسلىدىكى توققۇز سائەت ئەتراپىدىن تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتقا قىسقاردى.
G0612 چاقىلىق-نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، چاقىلىق ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، نىيە ناھىيەسىدە ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 530.2 كىلومېتىر. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، چاقىلىقتىن نىيەگىچە ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋاقتى ئون سائەتتىن تۆت يېرىم سائەتكە قىسقاردى.
2021-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى چەرچەن ناھىيەسىدە سۈرەتكە تارتىلغان G0612 چاقىلىق-نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
2021-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى نىيە ناھىيەسىدە سۈرەتكە تارتىلغان G0612 چاقىلىق-نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى نىيە دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
2021-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى چەرچەن ناھىيەسىدە سۈرەتكە تارتىلغان G0612 چاقىلىق-نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئارقىغا بۇرۇلۇش ئەسلىھەسى. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)

2021-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، چەرچەن ناھىيەسىدە سۈرەتكە تارتىلغان G0612 چاقىلىق-نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش كاتەكچىلەپ ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈش مەنزىرىسى. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
2021-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، نىيە ناھىيەسىدە سۈرەتكە تارتىلغان G0612 چاقىلىق-نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى نىيە ھەق ئېلىش پونكىتى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
2021-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاپتوموبىل G0612 چاقىلىق-نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا كېتىۋاتماقتا. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
2021-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، G0612 چاقىلىق-نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بىلەن خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ قۇملۇقتىكى كېسىشكەن نۇقتىسى. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
2021-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسىدە سۈرەتكە تارتىلغان G0711 لوپنۇر-چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بىلەن G0612 چاقىلىق-نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئۆتۈشمە ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكى. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى