تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كەنتتىكى قار-مۇز «كاتتا مەرىكىسى»

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگىس خەۋەر قىلىدۇ) 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتىدىكى داۋچۇەن مۇز تېيىلىش مەيدانىدا ساياھەتچىلەر يەنىلا ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئويناۋاتاتتى، چانا تېيىلىش، مۇز شارقىراتمىسىنى تاماشا قىلىش، مۇز ئۈستىدە سوقما ماشىنا ھەيدەش، خۇشاللىق چېھىرلەردە جىلۋىلەنگەنىدى.

2021-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتىدىكى داۋچۇەن مۇز تېيىلىش مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر قوش كىشىلىك چانا ئوينىماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگىس فوتوسى

  توكلۇق چانا ئويناپ بولۇپ ئارام ئېلىۋاتقان ئاقسۇ شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ شياۋخۇا باش بارمىقىنى چىقىرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كەنتنىڭ مۇز تېيىلىش مەيدانى ناھايىتى ئۆزگىچە ئىكەن، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بەكمۇ خۇشال ئوينىدۇق».

  مۇز تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى قار تېيىلىش رايونىدا، قار ھاسىل قىلىش ماشىنىسىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى توختىشى بىلەن، بىرنەچچە ساياھەتچى قار تېيىلىش چاقىنى سۆرىگىنىچە قار تېيىلىش رايونىغا قاراپ ماڭدى. «بۇ يەردە بالىلار قار-مۇز خۇشاللىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى، بىزمۇ خۇش بولدۇق» دېدى ساياھەتچى پەزىلەت روزى.

2021-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتىدىكى داۋچۇەن مۇز تېيىلىش مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر خۇشال-خۇرام ئوينىماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگىس فوتوسى

    ساياھەتچىلەرگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن داۋچۇەن مۇز تېيىلىش مەيدانى تۇرۇشلۇق تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتى ئۇزاق شال تېرىش تارىخىغا ۋە مول شالچىلىق مەدەنىيىتىگە ئىگە. بۇ كەنت بىكار تۇرغان 49.9 مو شاللىققا سۇ قويۇپ مۇز تېيىلىش مەيدانى ياسىدى، دەرەخكە سۇ پۈركۈپ مۇز شارقىراتمىسى مەنزىرىسى ھاسىل قىلدى، شال پاخىلىدىن ئۆزگىچە كىچىك ئۆي ياساپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

  «يازدا شال باش تېما باغچىسى، كۈزدە مول ھوسۇل باغچىسى، قىشتا قار-مۇز باغچىسى، بۇ يەر تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە ئاۋات، بىز دائىم كېلىپ تۇرىمىز» دېدى ئونسۇ ناھىيەسىدىن كەلگەن ساياھەتچى گۈلزار مەمەت.

2021-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتىدىكى داۋچۇەن مۇز تېيىلىش مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر مۇز شارقىراتمىسى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگىس فوتوسى

  مۇز تېيىلىش مەيدانىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ سول تەرىپىدە ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىر، ئېگىزلىكى سەككىز مېتىر كېلىدىغان سۈنئىي مۇز شارقىراتمىسى بار. «بۇنداق ھەيۋەتلىك مۇز شارقىراتمىسىنى ئۇچرىتىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. مەن سىنغا ئېلىپ دوۋيىندا تارقىتىمەن» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ بىن.

  قار تېيىلىپ كۆڭۈل ئېچىش رايونىدا سوقما شارچە، داۋاندىن تېيىلىش، سوقما شارچە مۇسابىقىسى، قار تېيىلىش يولىدىكى قار تېيىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى ساياھەتچىلەرگە ئېگىزدىن سىيرىلىپ قار تېيىلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇردى.

  مۇز تېيىلىش مەيدانى بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلار ۋە 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى، مەيداندىكى كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنىڭ باھاسى 15 يۈەندىن تۆۋەن بولدى. بۇ كەنت يەنە تۈرلۈك مۇز ئۈستى ساياھەت ئەسلىھەلىرىنى كىرگۈزۈپ، قار تېيىلىش رايونىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتتى.

2021-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتىدىكى داۋچۇەن مۇز تېيىلىش مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر مۇز ئۈستىدە سوقما ماشىنا ئوينىماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگىس فوتوسى

  كەنت ئاھالىلىرى قىشتا ئۆيلىرىدىن چىقىپ، مۇز تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، يېقىن ئەتراپتا تىجارەت قىلىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ پايدىسىنى كۆردى.

  «شاللىق ئالاھىدە مۇز تېيىلىش مەيدانى پۇقرالارنىڭ قار-مۇز تۇيغۇسىنى بېيىتتى، يەنە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پىكىر يولى ئېلىپ كەلدى.» تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى شياۋ خەي مۇنداق دېدى: كەنتىمىز مۇز تېيىلىش مەيدانى ئاچقاندىن بۇيان، بىر قىشتىلا كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇرۇپ، 60 نەچچە ئائىلىلىكنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  كەنت ئاھالىسى تۇراخۇن توخنىياز مۇز تېيىلىش مەيدانىنىڭ يېنىدا يايما ئېچىپ كاۋاپ ساتتى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «كەنتتە مۇز تېيىلىش مەيدانى ئېچىلدى، بىزنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىمىزدىن يەنە بىرى كۆپەيدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.