− كارخانىچىلار روھى توغرىسىدا بايان
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تەن موشياۋ
تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى باشتىن - ئاخىر ئۈزلۈكسىز گۈللەپ ياشنىدى، بۇنىڭ ئارقىسىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىشى بار. سانسىزلىغان كۈرەش قىلغۇچىلار ئارىسىدا زور بىر تۈركۈم روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە، مىللىي خاسلىققا، دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە كارخانىچىلار بار، ئۇلار قەلبىگە ئائىلە دۆلەتنى پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تارىخ يۆگىمە رەسىمىگە كارخانىچىلار روھىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن بازار سۇبيېكتىنى ياخشى قوغداپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساسىي كۈچ توپلاش كېرەك».
روھ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتىدۇ، ئارزۇ شانلىق نەتىجە يارىتىدۇ. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان كارخانىچىلار روھى كەڭ كارخانىچىلارنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، يېڭى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.
قەلبكە ئائىلە دۆلەتنى پۈكۈش
يۈننەن ۋەندىڭدا، نەنياڭ خۇاچياۋ ماشىنىستلىرىنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرغانلىق خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇ، 80 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ تىللاردا داستان بولغان قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ئۈن - تىنسىز بايان قىلىپ تۇرىدۇ.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، خۇاچياۋلارنىڭ مەشھۇر رەھبىرى چېن جياگېڭ نۇرغۇن پۇل ئىئانە قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ چاقىرىقى بىلەن 3000دىن ئارتۇق خۇاچياۋ ماشىنىست قەتئىيلىك بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، يۈننەن - بىرما تاشيولىغا بېرىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇدى، 1000دىن ئارتۇق خۇاچياۋ ماشىنىست بۇ تاشيولدا قۇربان بولدى.
تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، دۆلەتنىڭ غېمىنى يېيىش − بۇ، مۇنەۋۋەر كارخانىچىلارنىڭ دۆلەت، مىللەتكە بولغان يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى. ئۇلار دۆلەت خەتەرگە يولۇققان پەيتتە، خەلق ئېھتىياجلىق چاغدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.
ۋاقىت 2020 - يىلىغا كەلگەندە، ۋىرۇس تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يامان ئەلپازدا كەلدى، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بەردى. ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدى، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى.
جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى ئون كۈن، 12 كۈن ئىچىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا خوشېنشەن، لېيشېنشەن دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تاماملىدى؛ جوئېر پاي كونترول قىلىش بىرلەشمە كەسپىي ئاپپاراتى تېز سۈرئەتتە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە كۆپلىگەن دوختۇرخانىلارنى قۇردى؛ جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسپورت گۇرۇھى، جۇڭلياڭ گۇرۇھى، شۇنفېڭ، جىڭدۇڭ قاتارلىق كارخانىلار كېچە - كۈندۈز توختىماي، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئارقا سەپ كاپالىتى جېڭىنى ياخشى قىلدى؛ نېفىت - نېفىت خىمىيە، ئېلېكتىر تورى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق دۆلەت كارخانىلىرى يۇقۇم مەزگىلىدە ئىش توختاتمىدى، ئۇچۇر تېخنىكىسى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق پۇقراۋى كارخانىلار «نۇقتا» ئارقىلىق «زەنجىر»نى يېتەكلەپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى...
كارخانىچىلار روھى چوڭ سىناقتا تاۋلىنىدۇ؛ ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى چېنىقىش داۋامىدا يۈكسىلىدۇ.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى پەيتىدە، جۇڭخۇا مىللىتى يەنە بىر تارىخىي پەيتنى كۈتۈۋالدى − باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە خەلققە ۋاكالىتەن: كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلدى، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى، دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىدى.
بۇ مەيدان نامراتلىققا قارشى تۇرۇش ئۇلۇغ كۈرىشىدە، مۇستەھكەم ئېتىقادقا ئىگە كارخانىلار ئاتاكىدا ئالدىدا تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالدى.
− ئۆز قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىش كۆرۈلدى. مەركەز كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىدىكى 240تىن ئارتۇق نۇقتىلىق ناھىيە بىلەن قوشماقلاشتى ھەم ئۇلارغا ياردەم بەردى، يۆلىدى، پۇقراۋى كارخانىلار «ئون مىڭ كارخانا ئون مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئادەم، مالىيە، ماددىي ئەشيا قاتارلىق بايلىقلارنى ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا توپلىدى.
− ئۆز ئارتۇقچىلىقى نامايان قىلىندى. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىقلار ئارقىلىق نامرات ئاھالىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىنىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن كۈچلەندۈرۈلدى؛ پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ياردەم بېرىلىدىغان، يۆلىنىدىغان رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى كاپالەتلەندۈرۈلدى، قوغدالدى...
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىن پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقىچە، يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقىچە، تارىخ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، كارخانىچىلار روھى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلانماقتا، قۇدرەتلىك كۈچ سىجىل ئۇرغۇماقتا.
دادىل باشلامچى بولۇش
1982 - يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، جېجياڭ شياۋشەندە مىڭ كىشىلىك يىغىن ئېچىلىپ مەركەزنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى. سەھنىدە «يېزا - بازار كارخانىلىرى ھۆددىگەرلىك تۈزۈمىنى يولغا قويسا بولىدۇ» دېيىلدى، سەھنىنىڭ تۆۋىنىدە شۇ ھامان بىرەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا: «مەن ھۆددىگە ئالىمەن!» دېدى، ئۇ 37 ياشلىق لۇ گۇەنچيۇ ئىدى.
1983 - يىلى لۇ گۇەنچيۇ يېزىدىن ۋەنشياڭجېي زاۋۇتىنى ھۆددىگە ئالدى، بۇ، ھازىرقى ۋەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ ئاساسى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ۋەنشياڭ گۇرۇھى يىللىق تىجارەت كىرىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان كارخانا بولۇپ تەرەققىي قىلىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنى چوڭقۇر ئورۇنلاشتۇردى.
«دۆلەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن بايلىق يارىتىش كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىش، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ كاتتا تۆھپە.» ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كەڭ كارخانىچىلار دادىل ئويلاپ، دادىل بۆسۈپ ئۆتۈپ، دادىل باشلامچى بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇھىم كۈچ قوشتى.
يېڭىلىق يارىتىش كارخانا تەرەققىياتىدىكى پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانىلارنى «ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن تېزدىن كۈچەيتىش كېرەك» دەپ رىغبەتلەندۈرگەنىدى.
بىر تال گۈرۈچكە 56 خەنزۇچە خەتنى ئويۇش، بىر تال چاچقا يەتتە ھەرپنى ئويۇش... جۇڭۋۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا جىنجوۋ شىركىتى دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى كۆزلەپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دىيامېتىرى 0.01 مىللىمېتىر كېلىدىغان ئىنتايىن كىچىك دىيامېتىرلىق ئويۇش پىچىقىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ سۈپەتنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە زور كۈچ قوشتى.
يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، بىر پارچە زېمىن بەرپا قىلىش − بۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقانلىقىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەرنى ئەسلىسەك، دۆلىتىمىزنىڭ ئېغىر سانائىتى ئاساسەن نۆل ئىدى، يېنىك سانائەت پەقەت ئاز مىقداردىكى توقۇمىچىلىق كەسپى ئىدى، كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا چەت ئەلنىڭ «سەرەڭگە» «كىرسىن» «مىخ»لىرىنى ئىشلىتەتتى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، دۆلىتىمىز مۇستەقىل، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان سانائەت سىستېمىسى ۋە خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى.
يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچ قويۇپ بەردى، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى. ھەربىر سان جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئىسپاتلىماقتا، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىق ئورنىنى نامايان قىلماقتا.
76 مىڭدىن 275 مىڭغىچە! − «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە كۆپەيدى؛
1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەل بۆسۈپ ئۆتۈلدى! − 2021 - يىلى جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى بارغانسېرى ئېشىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سىجىللىقى جەھەتتە تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى؛
يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى ئۇدا توققۇز يىل مۇقىم ئۆرلىدى! − دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ رەت تەرتىپى 2013 - يىلىدىكى 35 - ئورۇندىن 2021 - يىلىدىكى 12 - ئورۇنغا ئۆتكەن؛
...
مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى توختاپ قالمىدى، ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچى بەس - بەستە ئۇرغۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان جۇشقۇن ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى مۇجەسسەملەندى.
باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچى قاتارغا ئۆتۈش
«ۋاقىت پۇل دېمەكتۇر، ئۈنۈم ھاياتلىق دېمەكتۇر.» 1981 - يىلى، بۇ غايەت زور شوئار تاختىسى شېنجېن شېكوۋ سانائەت رايونىنىڭ كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغان يېرىگە تىكلەندى. بۇ 12 خەت روشەن دەۋر ئىزناسىغا ئىگە بولۇپ، كارخانىچىلار روھىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوندىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقتىكى جانلىق نامايەندىسى ئىدى.
يېڭى جۇڭگودىكى كارخانا قۇرغان تۇنجى پاي تۈزۈمىدىكى سودا بانكىسى − سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، يېڭى جۇڭگودىكى كارخانا قۇرغان تۇنجى سودا سۇغۇرتا ئاپپاراتى − پىڭئەن سۇغۇرتىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شېكوۋدا قۇرۇلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تاۋلىشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىككى كارخانا دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىگە كىردى، شېكوۋ شۇ سەۋەبتىن «بىرلىك كۆلەمدە داڭلىق كارخانىلارنى ئەڭ كۆپ يېتىشتۈرىدىغان جاي» دەپ ئاتالدى.
يىللار ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ، ۋارىسلىق قىلىش ئۆزگەرمىدى. جاسارەت ۋە پاراسىتى بار، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىۋاتقان ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردىكى نەتىجىلەرنى ياراتتى.
پاسكىنا سۇ ئارقىلىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىگىلى بولامدۇ؟ ئاڭلىماققا ئادەمنىڭ ئانچە ئەقلى يەتمەيدۇ. ھالبۇكى، بۇ تېخنىكا دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قوللىنىلدى ۋە كېڭەيتىلدى.
كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، خاربىن سانائەت داشۆسى جىنتاۋ پەن - تېخنىكا شىركىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان پاكىز ئېنېرگىيە ساھەسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، شەھەرلەردىكى قويۇپ بېرىلگەن بۇلغىما يىغىلىدىغان غول ئۆستەڭدىكى پاسكىنا سۇدىن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى ئايرىپ ئېلىپ، «ئىللىقلىق»نى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگىچە يەتكۈزدى، نۆۋەتتە نەچچە ئون شەھەرنى ئىسسىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. كۆمۈر ئىشلىتىشكە سېلىشتۇرغاندا، ھەر يىلى كاربون Ⅳ ئوكسىدى، گۈڭگۈرت Ⅳ ئوكسىدى قاتارلىق بۇلغىمىلارنى قويۇپ بېرىش مىقدارى 4 مىليون 700 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئازايدى.
كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ، كۈچى زور بولدى. دۆلەت دەرىجىلىك كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى 4762 «كىچىك گىگانت» كارخانا ئاجايىپ ماھارەتكە ئىگە، بارغانسېرى كۆپلىگەن كارخانا «يەككە تۈر چېمپىيونى» «كەركىدان»غا ئايلىنىپ، بىر گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلدى. چەت ئەل ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2020 - يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى 500دىن ئارتۇق «كەركىدان» كارخانا ئىچىدە، دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدا 112سى بار بولۇپ، سان جەھەتتە 2 - ئورۇندا تۇرغان.
كارخانا چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىلمايدۇ، قىلماقچى بولىدىكەن چوقۇم ئەڭ ياخشى قىلىش كېرەك. «بايلىق» ژۇرنىلىنىڭ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سۈرئىتى ۋە جەسۇرانە ئىرادىسىگە گۇۋاھ بولدى −
20 يىل ئىلگىرى، تىزىملىككە كىرگەن جۇڭگو كارخانىسى ئاران ئون نەچچە ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ سان يىلدىن - يىلغا ئۆرلىدى؛
ئىككى يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كارخانىلىرى 129 كارخانا سانى بىلەن تۇنجى قېتىم تىزىملىكتە چوققا ئورۇنغا چىقتى؛
2021 - يىلى، تىزىملىككە كىرگەن جۇڭگو كارخانىسى 143كە يېتىپ، داۋاملىق ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
بۇ بىر چىرايلىق يۇقىرىغا ئۆرلەش ئەگرى سىزىقى. 1995 - يىلى بۇ تىزىملىك ئېلان قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ھېچقانداق بىر باشقا دۆلەت ۋە رايوندىكى كارخانىلار جۇڭگوغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ تىزىملىكتىكى ئورنىنى بۇنداق تېز سۈرئەتتە كېڭەيتەلمىگەن.
ئادەم ئىرادىلىك بولسىلا، قاتمۇقات توسالغۇ، ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ مەنزىلگە يېتەلەيدۇ. يېڭى مۇساپىدە پۇرسەت بىلەن خىرىس تەڭ مەۋجۇت. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كارخانىچىلار روھىنىڭ ئىلھامىدا، مىليونلىغان بازار سۇبيېكتى مۇقەررەر ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى كۈچلۈك ئورتاق تونۇش ۋە قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىسىنى ئورتاق يارىتىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)