تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ھاياتى ئارقىلىق ساقچى روھىنى شەرھلىدى

نۇرتاي ئەنۋەربېك:

ھاياتى ئارقىلىق ساقچى روھىنى شەرھلىدى

□ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

ئاسقار نۇرتاي كىچىك چاغلىرىدا ئۆيىنىڭ تېمىغا ئېسىلغان ساقچى فورمىسى كىيگەن، كۆزلىرىدىن قەيسەرلىك چىقىپ تۇرىدىغان، ئەمما ئىنتايىن ناتونۇش بىر ئەرنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئاپىسىدىن: بۇ كىم؟ دەپ سورايتتى، ئاپىسى ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ: «ئۇ سېنىڭ داداڭ، ئۇ دېگەن قەھرىمان» دەيتتى. ئاپىسىنىڭ كۆزلىرىدىكى قايغۇ-ھەسرەت تاكى بۈگۈنگىچە ئۇنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ.

ئاسقارنىڭ دادىسى نۇرتاي ئەنۋەربېك ھايات چېغىدا سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى بولۇپ، 1991-يىلى 12-ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان. 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلارنى تۇتۇش جەڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، 29 يېشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2-دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دېگەن نام تولۇقلاپ بېرىلگەن.

ئوق تەگكەندىن كېيىنمۇ سەپداشلىرىنى قۇتقۇزۇشنى ئويلىدى

نۇرتاي ئەنۋەربېك قۇربان بولۇشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەن تېخى كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ بىللە سەيلە قىلغانىدى، بۇنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق جەم بولۇشى ئىكەنلىكىنى كىممۇ ئويلىسۇن.

1998-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەھقىقلەش ئارقىلىق، بىرقانچە زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرنىڭ چەت ئەلدىن ئوغرىلىقچە قورال-ياراغ توشۇپ چېگرادىن ئېلىپ كىرىپ، غۇلجا ناھىيەسى ئۈچئۇن خۇيزۇ مىللىتى يېزىسىنىڭ مەمەيۈزى كەنتىدە يىغىلغانلىقىنى ئىگىلىدى.

6-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر سائەت 1دە، نۇرتاي ئەنۋەربېك بىلەن سەپداشلىرى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ، بۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىنى تۇتۇشقا ئاتلاندى. مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلار تېز سۈرئەتتە پايدىلىق ئېگىزلىكنى ئىگىلەپ، ئەتراپنى كونترول قىلدى. ئىككىنچى قەدەمدىكى ھەرىكەت لايىھەسىنى يولغا قويۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئېتىلغان ئوق ئاۋازى تىمتاسلىققا تولغان كېچە ئاسمىنىنى يېرىپ ئۆتتى. ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلغان جەڭدە، سەپداشلىرى ئارقا-ئارقىدىن يارىلاندى، نۇرتاي ئەنۋەربېك قىلچە ئىككىلەنمەستىن زوراۋان-تېرروچى ئۇنسۇرلار تۇرۇۋاتقان ھويلىغا تامدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ، يارىلانغان سەپداشلىرىنى قۇتقۇزۇشقا تەييارلاندى.

تۇيۇقسىز ئىككى پاي ئوق نۇرتاي ئەنۋەربېكنىڭ كۆكرىكىگە تەگدى، ئۇ قولى بىلەن يارا ئېغىزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئىنتايىن تەسلىكتە ئالدىغا قاراپ يۆتكەلدى، ئۇنىڭ كىيىملىرى قىپقىزىل قانغا بويالدى، بۇ چاغدا يەنە بىر پاي ئوق ئۇنىڭ يۈزىگە تەگدى.

ئەينى چاغدا نۇرتاي ئەنۋەربېك بىلەن بىللە ھەرىكەتكە قاتناشقان سەپدىشى مياۋ فەنرۇڭ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدىكى جەڭ ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ئوق توختىماستىن بېشىمىزدىن ئۇچۇپ ئۆتەتتى، نۇرتاي ئەنۋەربېك بولسا ئوق تەگكەندىن كېيىنمۇ زوراۋانلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، سەپداشلارنى قۇتقۇزۇشنى ئويلىدى، بۇ كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ».

ئارقىدىن يېتىپ كەلگەن سەپداشلىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىنىڭ ئاساسلىق جىنايەتچىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، بىراق نۇرتاي ئەنۋەربېك يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.

ئادەتتە گەپنى ئاز قىلىپ، ئىشنى كۆپ قىلاتتى

نۇرتاي ئەنۋەربېكنىڭ خىزمەتدىشى چى ئېنجيې ئەسلەپ مۇنداق دېدى: نۇرتاي ئەنۋەربېك ئاددىي-ساددا بولۇپ، گەپنى ئاز قىلىپ، ئىشنى كۆپ قىلاتتى، ئۆز ئىش ئورنىدا جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيتتى.

1995-يىلىدىن 1997-يىلىنىڭ بېشىغىچە، نۇرتاي ئەنۋەربېك غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قارا ياغاچ يېزىسى قارا ياغاچ كەنتىگە ۋەزىپە بىلەن كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، دائىم ھەپتە ئاخىرىدىمۇ ئۆيىگە قايتالمايتتى.

قىشتا، چارۋىچىلار 10 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق مال-چارۋىلارنى ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى قىشلاققا ھەيدەپ ئاپىراتتى، 20 نەچچە كۈنلۈك يايلاق كۆچۈش جەريانىدا، نۇرتاي ئەنۋەربېك چارۋىچىلار بىلەن بىللە ئوزۇق-تۈلۈك، سۇدانلارنى ئېلىپ، يول بويى چارۋىچىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدايتتى.

ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنتتە كۆكتات پارنىكى ياسالدى، كۆممىقوناقنى سولياۋ يوپۇق يېپىپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى كىرگۈزۈلدى ھەمدە پۈتۈن كەنتتە كېڭەيتىلدى، ئۇنىۋېرسال سودا بازىرى قۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى.

1997-يىلى نۇرتاي ئەنۋەربېك سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان چاغدا، شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلار ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىش ئورنىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ سەپداشلىرى بىلەن بىللە 40 نەچچە قېتىم جەڭگە قاتناشتى، ھەر قېتىم ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى سۇنۇپ، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

دادىسىنىڭ قولىدىن كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋالدى

«شۇنچە كۆپ يىل ئۆتتى، ھەممەيلەن ئۇنى ئىنتايىن سېغىندۇق» دېدى نۇرتاي ئەنۋەربېكنىڭ ئاكىسى جالېن ئەنۋەربېك.

جالېن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىنىم قۇربان بولۇشتىن ئىلگىرى، خوتۇنى، ئاتا-ئانام، قېرىنداشلارنى ئىلى دەرياسى بويىغا سەيلە قىلىشقا ئاپارغانىدى ھەم بىز سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرغانىدۇق، بۇنىڭ ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ تۇنجى پارچە، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە بىللە چۈشكەن سۈرىتىمىز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.

ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قەلبىدە نۇرتاي ئەنۋربېك ياخشى ئوغۇل، ياخشى دادا، ياخشى ئەر، ياخشى قېرىنداش، تېخىمۇ مۇھىمى ياخشى ساقچى. جالېن مۇنداق دېدى: ئىنىم ئادەتتە ناھايىتى كەم سۆز بولۇپ، كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلەشكە ماھىر ئەمەس ئىدى، بىراق ئۆيدىكى ھەربىرەيلەننىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئېسىدە بولۇپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ كېلەلمەي قالسا، چاقىرغۇ ئارقىلىق تەبرىك ئەۋەتەتتى.

ئاسقار ئەقلىنى بىلگەندىن باشلاپ، كونا سۈرەتلەردىن، كونا ھېكايىلەردىن دادىسىنىڭ سىيماسىنى ئىزدەشكە باشلىدى.

«ئىنتايىن ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە، مەن دادامنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم.» ئاسقارنىڭ ئېيتىشىچە، 2017-يىلى، ئۇ ھەربىي سەپكە قاتنىشىشنى قارار قىلغان. كېيىن بىر قېتىملىق كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەييارلىق كۆرۈش جېڭىدە، جەڭگە تەييارلىق كۆرۈش تىزىملىكىدىن ئۆزىنىڭ ئىسمىنى تاپالمىغان، شۇ پەيتتە، ئۇنىڭ كۆڭلىدە پەقەت بىرلا ئوي پەيدا بولغان: جەڭگە قاتنىشىشقا ئىلتىماس قىلىمەن!

«جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى سۇنغاندا، مەن دادامنىڭ ئەينى يىلى ھەققانىيەت يولىدىن قايتمىغانلىق سەۋەبىنى چۈشەندىم.» ئاسقار مۇنداق دېدى: دادامنىڭ تاللىشى دەل پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش ئىكەن.

«مەن دادامنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋالىمەن.» 2021-يىلى 10-ئايدا قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتىنىڭ پەيجاڭى بولغان ئاسقار مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە مەن دادامنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، يەنە دادامنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىشقا تىرىشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.