تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

قەلبىگە ئىرادە پۈككەن كىشى ئۆز نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ

− «ئۈچ كالا» روھى توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چۈ تىڭ، چېن سۇڭ، يۈەن رۇتىڭ

دېھقانلار كالېندارى بويىچە شىنچوۋ كالا يىلى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئۆزىنى بېغىشلايدىغان كالا روھى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتەك جان تىكىپ ئىلگىرىلەيدىغان كالا روھى، جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشتەك چىدامچان كالا روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولىدىغان، مەغرۇرلۇق، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىدىغان سەگەك كاللىنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەۋپ ـ خەتەردىن قورقمايدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش چىدامچانلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك».

بۇ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيە يەنە بىر قېتىم يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلاردىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى «ئۈچ كالا» روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش: ساداقەتمەنلىك بىلەن «ئۆزىنى بېغىشلايدىغان كالا» بولۇشقا رازى بولۇش

«كوممۇنىستىك پارتىيە نېمە ئىش قىلىدۇ؟ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرىدۇ، شۇڭا بىز داۋاملىق قايسى ئىشلارنى ياخشى قىلىش كېرەكلىكى، قايسى ئىشلارنى جەزمەن قەدەمنى تېز ئېلىپ ياخشى قىلىش كېرەكلىكى ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك، خۇاڭخې دەرياسىنى ياخشى تىزگىنلەش دەل بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئىش».

پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.

«كۈندۈزى چىغ چورۇق كىيىپ ئىنقىلاب قىلىدىغان، كېچىسى تاغ يوللىرىدا يۈرۈپ نامرات دېھقانلارنى زىيارەت قىلىدىغان» سوۋېت رايونى كادىرلىرىدىن تارتىپ «خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن قۇربان بولغان» جاڭ سىدېغىچە، يەنە لېي فېڭ، جياۋ يۈلۇ، كۇڭ فەنسېن، لياۋ جۈنبوغىچە... 100 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داغدام يولىدا پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەڭگۈ چاكارلىق ھېسسىياتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان كالا بولۇشقا رازى بولدى!

«خۇنەننىڭ ئۆگزىسى» دەپ نام ئالغان خۇپىڭشەن تېغىدا، تاغنىڭ چوققىسىغا ياسالغان 19 كىلومېتىرلىق «ئاسمان يولى» بۇلۇت ـ تۇمان ئىچىدە گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەيتتى.

2016 ـ يىلىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، «ئاسمان يولىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ئەترىتىنىڭ باشلىقى» جاڭ جۇڭفۇ ئۆزىنىڭ بۇ يولدا قانچە قېتىم ماڭغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. خۇنەن چاڭدې شىمېن ناھىيەلىك مەدەنىيەت ـ ساياھەت، رادىيو ـ تېلېۋېزىيە ـ تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ جىنخې كەنتىدە تۇرۇشلۇق بۇ ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش كادىرى خەلق ئەھۋالى توغرىسىدا ئون نەچچە خاتىرىنى يېزىپ توشقۇزغىچە، كۆپ مېڭىپ نەچچە جۈپ ئايىغى يىرتىلىپ كەتتى، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، تاغ سىرتىغا تۇتىشىدىغان بۇ «ئاسمان يولى»نى ياسىدى، يەنە پاتقاق يوللارنىڭ «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ» سېمونت يوللارغا ئايلاندۇردى.

تاغ ئېگىز، يول يىراق بولغاچقا، ئۇ بەزىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالاتتى. دائىم ئېسىپ يۈرىدىغان سومكىسى كەنت ئاھالىلىرىگە ئېلىپ كەلگەن «سوۋغات»لار بىلەن لىق تولاتتى: ھەسەل ھەرىسى بېقىش تېخنىكا قوللانمىسى، بالىلارنىڭ ئوقۇش قوراللىرى، ياشانغانلارنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىسى... ئۇ باشلامچىلىق بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان ياۋا چاي، ياۋا ھەسەل، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى قاتارلىق كەسىپلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيلىشىپ، ئىلگىرىكى ئەڭ نامرات بولغان بۇ چەت ـ ياقا جايغا بەخت نۇرى چېچىلدى.

«ئۇ بىزنىڭ سىردىشىمىز، بىز ئۈمىدنى كۆردۇق، بىز ئۇنىڭ بۇ يەردە داۋاملىق قېلىشىغا موھتاج.» جىنخې كەنتى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي شىمېن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى بىر پارچە ئالاھىدە «ئادەم ئېلىپ قېلىش» ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇنىڭغا 76 كەنت ئاھالىسىنىڭ قىپقىزىل بارماق ئىزى بېسىلغانىدى.

قىپقىزىل بارماق ئىزلىرى بىلەن تولغان بۇ سەمىمىي ئىلتىماسقا خەلقنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن جاڭ جۇڭفۇنىڭ كۆز ياشلىرى ئاقتى.

بۈگۈنكى كۈندە، تاغدا قېپقالغان جاڭ جۇڭفۇ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، «يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تېز پويىزىغا قانداق چىقىشنى كۈندە دېگۈدەك ئويلايمەن، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى تىرىشىپ ئاشۇرغاندىن سىرت، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرۇش كېرەك».

خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش − پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئەڭ تۈپ ئاساسى رېڭىنى نامايان قىلدى.

«ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنى بېغىشلايدىغان كالا روھىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەكتە». مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى زېڭ يى مۇنداق دېدى: پارتىيە 7 ـ قۇرۇلتىيىدا «جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»نىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلۈشىدىن پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى «خەلقنى مەركەز قىلىش» تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغىچە، يەنە پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»تە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي تەجرىبىنىڭ خۇلاسىلىنىشىغىچە، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئۆزىنى بېغىشلايدىغان كالا روھى زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى.

يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش: يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتە «جان تىكىپ ئىلگىرىلەيدىغان كالا» بولۇش

كۆپ يىللاردىن بۇيان، شېنجېن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى «بوز يەر ئاچقۇچى كالا»نىڭ مىس ھەيكىلى كىشىلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلىپ كەلدى. ئۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭ دولقۇنىدا «شېنجېن مۆجىزىسى»نى ياراتقان بوز يەر ئاچقۇچىلار، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلغۇچىلار، ئالدىدا ماڭغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تۇراتتى.

باش چۆكۈرۈپ تېز ئىلگىرىلەش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كوممۇنىستلارنىڭ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش قىياپىتى!

شەرقىي شىمال تۇپرىقىدا سوغۇق جاندىن ئۆتەتتى. دالىدىكى 60 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قۇدۇق جازىسىدا «پولات ـ تۆمۈر 1205 ـ ئەترىتى»نىڭ ئەترەت بايرىقى شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى. داچىڭ نېفىتلىكى بۇرغىلاش ـ چارلاش قۇرۇلۇش شىركىتى قۇدۇق بۇرغىلاش 2 ـ شىركىتى 1205 ـ قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتى تۆمۈر ئادەم ۋاڭ جىنشى يېتەكلىگەن قۇدۇق بۇرغىلاش «تۆمۈر قوشۇنى» بولۇپ، يېڭى «جەڭ مەيدانى» ئاسان گۆمۈرۈلىدىغان، ئاسان ئېقىپ قالىدىغان، ئاسان ئېتىلىپ چىقىدىغان سلانېتس نېفىت قۇدۇقى ئىدى. قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ جىڭ قۇدۇق بۇرغىلاش سۈرئىتىگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى، بارلىق ئەترەت ئەزالىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈچلۈك شامالدا جەڭ قىلىۋاتاتتى.

2021 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، داچىڭ نېفىتلىكى گۇلۇڭ سلانېتس مېيى 2 ـ نومۇرلۇق تەجرىبە رايونىدىكى «GY2 − Q1 − H4» قۇدۇق مەيدانىدا، 1205 ـ قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتى بۇرغىلاشنى لايىھەدىكى قۇدۇق چوڭقۇرلۇقى 5156 مېتىرغا يەتكۈزۈپ، قۇدۇق بۇرغىلاشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، قۇدۇق بۇرغىلاش دەۋرىيلىكى 13.77 كۈن بولۇشتەك يېڭى رېكورت ياراتتى!

«20 يىل ئاز ياشىساق مەيلىكى، جان تىكىپ بولسىمۇ چوڭ نېفىتلىكنى بويسۇندۇرىمىز.» 60 نەچچە يىل ئىلگىرى، تۆمۈر ئادەم ۋاڭ جىنشى ۋەكىللىكىدىكى يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرغۇچىلىرى نامرات، ئارقىدا قالغان ھالەتتىن قەدەم ئېلىپ، جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش روھى بىلەن داچىڭ نېفىتلىكى، جۇڭگو 1 ـ ئاپتوموبىلى، قىزىل بايراق ئۆستىڭى، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» قاتارلىق پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى.

مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش «ئۇچقۇن»نى تۇتاشتۇردى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇشتا جان تىكىپ جاسارەت بىلەن يول ئېچىلدى، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا «ئىلىم ـ پەن باھارى»غا ئاتلىنىلدى... جان تىكىپ ئىلگىرىلەيدىغان كالا روھى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار دولقۇنىدا داۋاملىشىپ، ھەيۋەتلىك شەرق رىۋايىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، سىناقلار ئالدىدا، ئىسلاھاتچىلارلا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارلا قۇدرەت تاپالايدۇ، ئىسلاھاتچىلار، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارلا غەلىبە قىلالايدۇ.

جان تىكىپ ئىلگىرىلەيدىغان كالا روھى يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتتىكى «ئادەمسىز رايون»غا باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ كىرىدىغان جۇشقۇن ھېسسىياتنى نامايان قىلماقتا −

جېجياڭ ئورتاق بېيىش ئۈلگە رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇردى، قۇردى، پۇدۇڭ يېڭى رايونى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېتەكچى رايونىنى بەرپا قىلدى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى يەلكەن چىقىرىپ يىراققا يۈرۈش قىلدى... «جان تىكىپ ئىلگىرىلەيدىغان كالا» مۇنبەت تۇپراقلارنى ئېچىپ، كەڭ زېمىن ھازىرلىدى.

جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش: ياشلىق باھارىغا يۈز كېلەلەيدىغان «چىدامچان كالا» بولۇش

632 مېتىر كېلىدىغان شاڭخەي جۇڭشىن سارىيىدا ئۇزۇنلۇقى 60 مېتىر كېلىدىغان ئەينەكتىن ياسالغان شان ـ شەرەپ تېمى بار بولۇپ، ئۇنىڭغا 4000دىن ئارتۇق قۇرۇلۇشچىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان.

«بۇلارنىڭ ھەممىسى قالتىس ئادەملەر!»

ھەربىر يارقىن نەتىجە پارتىيەنىڭ يۈزمىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىدىن كەلگەن. بۇنىڭدىن مۇجەسسەملەنگەن جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداش، ئۈن ـ تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بۈيۈك جۇڭگو زېمىنىغا پۈتۈلدى −

سەھەر سائەت بەش يېرىمدا، تاغ ـ دالىلار تىمتاس ئىدى. دۆلەت روللۇق چانا، چانا مەركىزى مۇز توڭلىتىش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى جۇ يۇڭتاۋ دالا كىيىمى، مۇز تۇتقۇلۇق ئاياغنى كىيىپ، قولىغا مۇز قىرغۇچنى ئېلىپ، نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تاغ شامىلىدا، مۇزغا چىڭ چاپلىشىپ، قولى بىلەن مۇسابىقە يولىنى تۈزلەپ ۋە سىلىقلاپ ئەڭ ياخشى ھالەتكە كەلتۈردى.

پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2022 ـ يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، روللۇق چانا مۇسابىقىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا سائەتلىك سۈرئىتى 130 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان سۈرئەت بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇسابىقە يولىنىڭ ھەربىر ئەگمە يۈزى، بۇلۇڭى ناھايىتى مۇھىم.

100 نەچچە كۈندىن بۇيان، جۇ يۇڭتاۋ ھەر كۈنى ئاسرىغان توڭلىتىلغان مۇزنىڭ كۆلىمى جەمئىي 2 مىليون 800 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئېشىپ كەتتى.

كەچ سائەت 7دە، سوغۇق شامال كۈچلۈك ئىدى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خېيخې شەھىرى ئەيخۇي رايونلۇق ئورمان ئوت مۇداپىئە كەسپى چوڭ ئەترىتى ماشىنا باشقۇرۇش بۆلۈمچىسىنىڭ خىزمەتچىسى خې چېن مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، ماشىنىغا چىقىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ئاتلاندى. بۇ قېتىمقى ئىسمېنىدا، ئۇ ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن سائەت 7گىچە ئىشلەيتتى.

نەچچە ھەپتە داۋاملاشقان جۇڭگو ـ رۇسىيە چېگراسىدىكى شەھەر خېيخېدىكى «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، 37 ياشلىق خې چېن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى يۆتكەپ توشۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ «كۆپىيىشى نۆل» بولغىچە، ئۇ 100دىن ئارتۇق يېقىندىن ئۇچراشقۇچىنى توشۇدى، ئۇزاق ۋاقىت ماسكا تاقىغاچقا ئىككى قۇلىقىنىڭ تېرىسى سۈركىلىپ جاراھەت بولۇپ كەتتى.

چىدامچان كالا روھىنىڭ قىممەتلىك يېرى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەيدىغان، تامچە سۇدەك تاشنى تېشىدىغان ئەمەلىي ئىشلەش پەزىلىتى ۋە مۇستەھكەم ئىرادىدىن ئىبارەت −

«قاقاسلىقنى ئورمان دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇش»تەك جاھان مۆجىزىسىنى ياراتقان سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، تاغلىق رايوندىكى 100 نەچچە مىڭ خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغان «تەيخاڭشەن تېغىدىكى يېڭى يۈ گۇڭ» لى باۋگو، ئىسسىق قېنىنى ئاققۇزۇشقا رازى بولۇپ ۋەتەن زېمىنىنى قوغداۋاتقان چېگرا قوغدىغۇچىلىرى...

«<ئۆزىنى بېغىشلايدىغان كالا>، <جان تىكىپ ئىلگىرىلەيدىغان كالا>، <چىدامچان كالا> بولۇش پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش قاتارلىق شەرەپلىك ئەنئەنىلىرىنىڭ جانلىق ئىپادىسى». زېڭ يى مۇنداق دېدى: «ئۈچ كالا» روھى ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلقنى كۆزلەش، ئالغا ئىلگىرىلەش، كۈرەش قىلىش ئوبرازىنى كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى، كىشىلەر قەلبىنى تەسىرلەندۈردى؛ «ئۈچ كالا» روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىدىكى تۈرلۈك روھلار بىلەن باشتىن ـ ئاخىر تومۇرداش بولۇپ، «زامان ـ ماكاننى بۆسۈپ ئۆتەلەيدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك كۈچ»كە ئىگە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.