تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت داغدام يول ھاسىل قىلدى تۈمەن چاقىرىملىق مۇساپە ھەيۋەت بىلەن باشلاندى

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

«بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش يولىنى ئەسلەپ، ئالدىمىزدىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، بىز جەزمەن پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز، ئۇنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك».

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالغان مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر چىقاردى، بىر قېتىملىق ئالاھىدە ھەم مۇھىم بولغان پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە − پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بۇ يىل پۈتۈن پارتىيەدە قىزغىن قانات يايدۇرۇلۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي مۇساپىگە نەزەر تاشلاپ، تارىختىن ئەقىل ـ پاراسەت قوبۇل قىلىش، تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش.

كەڭ پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت ـ بۇرچنى چىڭىتىپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جاسارەت ۋە كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولدى، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسەتتى −

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى

11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ جىڭشى مېھمانخانىسى يىغىن بىناسىنىڭ 1 ـ قەۋىتىدىكى چوڭ يىغىن زالىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك ھەم قىزغىن ئىدى، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 1 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى.

بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، مۇنداق «ئۈچ چوڭ ئىش»نى نۇقتىلىق تۇتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىغا تەييارلىق كۆردى.

بۇ «ئۈچ چوڭ ئىش»نى باش شۇجى شى جىنپىڭ خېلى بۇرۇنلا ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىغان، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىگەن، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلغانىدى.

بۇ «ئۈچ چوڭ ئىش»نىڭ ھەممىسىدە دىققەت ئوخشاش بىر باش تېمىغا مەركەزلەشتى، ئوخشاش بىر مەقسەتكە قارىتىلدى − تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش.

بۇ «ئۈچ چوڭ ئىش» ئورگانىك ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىر ـ بىرىگە تىرەك بولۇپ، بىر ـ بىرىنى نۇرلاندۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، قىزغىن دولقۇنغا كۆتۈرۈشكە يېتەكلىدى ۋە تۈرتكە بولدى.

تارىخنى ئىگىلىگەندىلا يىراقنى كۆرگىلى بولىدۇ، تارىخنى چۈشەنگەندىلا يىراققا ماڭغىلى بولىدۇ. ھەر قېتىملىق مۇھىم تارىخىي پەيت ۋە مۇھىم، زور ۋاقىت تۈگۈنلىرىدە، پارتىيەمىز ھامان تارىخنى ئەسلەش، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تارىختىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ ـ قۇۋۋەت قوبۇل قىلدى.

ۋاقىت ئىسترېلكىسى 2021 ـ يىلىنى كۆرسەتكەندە، گۈللىنىش ئىرادىسىدىن قايتمايدىغان جۇڭخۇا مىللىتى ئاچقۇچلۇق مۇساپىدىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈنگە يېتىپ كەلدى.

«پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر».

2 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتىشىگە، 95 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىنى قاپلىغان پارتىيە ئىچىدىكى بۇ مەيدان مەركەزلىك تەربىيە باشلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشتىكى مۇھىم نۇقتىلار ۋە خىزمەت تەلەپلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«دەل ۋاقتىدا بولدى، ئىنتايىن زۆرۈر».

پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇقەررەر تەلەپ، ئېتىقاد، ئەقىدىنى چىڭىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇقەررەر تەلەپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاشتىكى مۇقەررەر تەلەپ.

تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى پىلانلىشى، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى، ئۆزى تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە بۇ مەيدان پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە باشلىنىشى بىلەنلا، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تېز سۈرئەتتە قانات يايدۇرۇلدى.

9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، شەنشى يۈلىندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ ياڭجياگوۋ ئىنقىلابىي يادىكارلىق ئورنىغا كەلدى.

كۆز ئالدىدىكى بىرنەچچە گەمە دەل ئەينى يىلى «دېكابىر يىغىنى» ئېچىلغان جاي ئىدى. يادىكارلىق ئورنىنىڭ ئىچىدە، بىر تەرىپىدە جۇڭگو تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ كوللېكتىپ ئوبرازى، يەنە بىر تەرىپىدە يىغىن كۆرۈنۈشى سىزىلغان ماي بوياق رەسىم بار ئىدى. تارىخنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، باش شۇجى ئۇزاققىچە چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.

بۇ قېتىمقى شىمالىي شەنشى سەپىرىدە، ياڭجياگوۋ ئىنقىلابىي يادىكارلىق ئورنىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سۈيدې ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ يادىكارلىق ئورنىغىچە، «قىزىل نەمۇنە كەنت» خاۋجياچياۋ كەنتىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يول بويى تارىخنىڭ ئىزنالىرىنى ئىزدىدى: «يولدا ياخشى مېڭىش ئۈچۈن، كەلگەن يولنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. ئىلگىرىكى ئەگرى ـ توقايلىقلارغا قاراپ باقايلى، بىز مۇشۇ يەردىن مېڭىپ كەلگەن، ئىش باشلىنىشىدا ئاسان بولغىنى بىلەن، ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا ئىنتايىن تەسلىشىپ كېتىدۇ».

بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخقا بىرلەشتۈرۈپ، رېئاللىقنى كۆزىتىپ بىلدى، چوڭقۇر شەرھلەپ، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 100 يىللىق مۇساپىنىڭ روشەن باش تېمىسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، 100 يىللىق كۈرەشنىڭ شانلىق تارىخىنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش ئۇلۇغ چاقىرىقىنى چىقاردى.

فۇجيەندە، «تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش»نى شەرھلىدى: يەنى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، ماركسىزم نېمە ئۈچۈن يارايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى قاتارلىق داۋلىلارنى چوڭقۇر چۈشىنىش» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىش» «ماركسىزم ھەم ئۇنىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇلغان يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ھەقىقەتلىكلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىش» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ توغرىلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىش».

گۇاڭشىغا بارغاندا، «تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش»نى تەكىتلىدى: يەنى «ماركسىزىم كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادنى كۈچەيتىش» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدىنى كۈچەيتىش» «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىش»تىن ئىبارەت. «ئېتىقاد، ئەقىدە، ئىشەنچ، بۇ، بىزنىڭ بارلىق كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بارلىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ».

چىڭخەيگە بارغاندا، «تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش»نى چۈشەندۈردى: يەنى «كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، يۈكسەك ئەخلاق ـ پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش» «پارتىيەگە سادىق بولۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش» «خەلققە بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت ئومۇمىي ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش» «ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتىن ئىبارەت ئەخلاق ـ پەزىلەتنى ئۇلۇغلاش».

شىزاڭغا بارغاندا، «تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش»كە چاقىرىق قىلدى: يەنى «تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش نەتىجىلىرىنى سۇبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش» «پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش» «خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش» «تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش».

فۇجيەن تۇپرىقىدىن گۇاڭشى يېزىلىرىغىچە، گۈزەل چىڭخەيدىن شىزاڭ ئېگىزلىكىگىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەربىر مەيدان جانلىق ھەم چوڭقۇر بولغان «پارتىيە تارىخى ئوقۇتۇش دەرسى» ئارقىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشىنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

6 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىي كۆرگەزمە سارىيىنىڭ قىزىل زالى ھەيۋەتلىك ۋە تىپتىنچ ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ مەنىۋى سارىيىغا كېلىپ، قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ، ئوڭ مۇشتىنى كۆتۈرۈپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى.

«مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىمەن... كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىمەن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايمەن.» جاراڭلىق ھەم كۈچلۈك قەسەم ئاۋازى زالدا جاراڭلاپ، ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كوممۇنىستلارنىڭ ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ تەنتەنىلىك ئۇسۇلى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەگە شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنى باشلاپ، بېيجىڭ داشۆدىكى قىزىل بىنا ۋە فېڭزېيۈەندىكى يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىغا كېلىپ، ئېكسكۇرسىيە ۋە مۇزاكىرە قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىل بىلەن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 31 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزدى.

«ھەربىر تارىخىي ۋەقە، ھەربىر ئىنقىلابىي قەھرىمان، ھەربىر ئىنقىلابىي روھ، ھەربىر ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ھەممىسى پارتىيەمىز بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپە، قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىنتىلىشىنى، مېھىر ـ مۇھەببىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى، قۇربان بېرىشى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشىنى نامايان قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ قىزىل قان تومۇرىنى مۇجەسسەملىدى».

قەلبتە ئېتىقاد بولسا، يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ؛ ئۆگىنىشتىن چۈشەنچە ھاسىل قىلسا، چىن دىلدىن ئەمەل قىلغىلى بولىدۇ.

ھەر قېتىملىق بىۋاسىتە ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش داۋامىدا ئەقىل ـ پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، پەزىلەتنى تاۋلاش، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى.

«پارتىيەنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ باش تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسى، ئاساسىي ئېقىمى، ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، بايراق روشەن ھالدا تارىخىي ئىنكارچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك» «پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيەنىڭ قالتىس مۇساپىسىدىن ماركسىزمنىڭ قانداق قىلىپ جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتكەنلىكى، دۇنيانى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك»... توغرا پارتىيە تارىخى قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشنى باش شۇجى ئەستە چىڭ ساقلاپ كەلدى.

«پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش» «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخىنى سۆزلەش، ھېكايە سۆزلەش، ھېكايە ئاڭلاش قاتلىمىدا توختاپ قالسا بولمايدۇ» «قىزىل بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىش»... دىققەتنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا مەركەزلەشتۈرۈش جەھەتتە باش شۇجى سەمىمىي تەلىم بەردى.

«ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، قىزىل گېن، ئىنقىلاب مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش» «كەڭ ياشلار ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈشى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئېتىقادىنى ئۇرغۇتۇشى، ئىلھام ئېلىشى، كۈچ قوبۇل قىلىشى كېرەك»... ياش ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلدى، باش شۇجىنىڭ سۆزلىرى سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىشى، ئۆزى تۈرتكە بولۇشى بىلەن، بۇ «پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش» باشتىن ـ ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىش، توغرا ھەرىكەت يۆنىلىشى، ئېنىق ئەمەلىيەت يۆنىلىشىنى بويلاپ پۈتۈن پارتىيەدە چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى.

ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىلدى −

پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەرتىپلىك تەشكىللەپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىدى

قەھرىتان قىش مەزگىلىدە، جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرى كۇەنچېڭ رايونى چاڭشەن گۈللۈكى مەھەللىسىنىڭ يىغىن زالى ئىللىقلىققا تولغانىدى.

«بۇ پارتىيەمىزنىڭ 3 ـ تارىخىي قارارى، ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم، زور» «بۇ <ئوندا چىڭ تۇرۇش> پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى مەخپىي شىفىر» «<ئىككىنى تىكلەش> كىشىلەرنىڭ ئورتاق قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى»... مەھەللىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى.ئاساسىي قاتلام مەھەللىدىكى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن بۇ ئۆگىنىش مەنزىرىسى دەل پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كەڭ قانات يايدۇرۇلغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتىن، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقىچە، قاتلاممۇقاتلام چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلدى، شۇنداقلا بۇ پۈتۈن پارتىيەنىڭ تەشكىللەش كۈچى، سەپەرۋەرلىك كۈچى، ھەرىكەت كۈچىگە قارىتا بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش بولدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا قويۇپ ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىدى.

− لېكسىيە سۆزلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مەركەز مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللىشىنى قارار قىلدى.

3 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، خەلق سارىيىنىڭ كىچىك زالىدا، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ تۇنجى مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى باشلاندى. بېيجىڭدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئورگانلىرىدىكى كادىرلار، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىسىدىن بولۇپ 700دىن ئارتۇق كىشى بالدۇرلا ئورۇن ئېلىپ، نەق مەيداندا لېكسىيە دوكلاتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.

«پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنىڭ قانداق مۇھىم، زور ئەھمىيىتى بار» «ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ»... مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشى نەق مەيداندىكى ئاڭلىغۇچىلارنى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلدى.

بەش كۈندىن كېيىن، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھىرى ماۋېي رايونى بىنجياڭ مەھەللىسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش مەركىزىدە كەيپىيات قىزغىن ئىدى، ئالقىش سادالىرى پات ـ پات ياڭراپ تۇراتتى.

«پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، قانداق قىلغاندا ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ» «قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ھالدا خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگىلى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ»... ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللىرىغا، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئىنچىكە، ئەستايىدىل جاۋاب بەردى.

ئورگاندىكى ئورۇنلاردىن شەھەر، يېزا، كەنتلەرگىچە، مەكتەپ، كارخانىلاردىن سېخ، زاۋۇت، كانلارغىچە، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، مول مەزمۇنلۇق لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنىڭ ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى.

بىر قاتار مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردا 80 نەچچە مەيدان دوكلات بەردى، تۈرلۈك شەكىلدىكى 100 نەچچە مەيدان ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، بىۋاسىتە ئاڭلىغۇچىلار 90 مىڭغا يېقىنلاشتى، تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، توردا ئۇلاپ تارقىتىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئاڭلىغانلار، كۆرگەنلەر 79 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

− قاتتىق نازارەتچىلىك، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىنىپ، مەركەز روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

بۇ يىل 5 ـ ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 25 مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئون گۇرۇپپا ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولدى، 15 گۇرۇپپا مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، ھەرقايسى مىنىستىرلىق ـ كومىتېتلار، خەلق تەشكىلاتلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، بانكا ـ سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى 18 يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى، ئۇلار مەركەز باشقۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلار، مەركەز باشقۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولدى.

مەركەزنىڭ روھىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش، ياخشى يەتكۈزۈش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى تېزدىن ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىدىغان رايون، تارماق، ئورۇنلارغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ئەھۋالنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، قاتتىق يېتەكچىلىك قىلىپ ئۆتكەلنى ئىگىلەپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا سۆھبەتكە چاقىرىپ ئەسكەرتىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىنى كەم ـ كوتسىز ھالدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

«1 ـ ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەڭ ئاساسىي قاتلامغىچە بېرىپ ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش... ھەرقايسى مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى ئورۇننى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يېتەكچىلىك خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈملۈكلۈكى، ئىلمىيلىكىنى ئاشۇردى.

12 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى ۋە مەركەز باشقۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلار، مەركەز باشقۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرگە بارغان يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى جەمئىي 4182 ئاساسىي قاتلامدىكى ئورۇنغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى؛ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چۆرىدەپ، ئۆلكە ـ مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش تۈر تىزىملىكىنى 776 قېتىم كۆرۈپ چىقىپ، جەمئىي 1053 قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، 7150 پارتىيە ئەزاسى، كادىر، ئامما بىلەن ئىختىيارىي سۆھبەتلىشىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

− چوڭقۇر، ئىنچىكە تەھلىل قىلىنىپ، مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىدا يېڭى كەيپىيات يارىتىلدى، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

«مەن بىر نۇقتىنىلا تىلغا ئېلىپ ئۆتەي، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك كەنت بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت كوچىسىدا يەنە نۇرغۇن ئاق ئەخلەتلەر بار، گۈللۈكنىڭ كۆرۈنۈشى رەتسىز، ھەر كۈنى سىرتتىن كەلگەن نەچچە يۈز ساياھەتچى بۇنى كۆرۈپ قانداق ئويلايدۇ؟» بۇ، بىر كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىدا، بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ياچېيكا شۇجىسىغا بەرگەن تەنقىدىي پىكرى.

تەسىرات سۆزلەپ، ھاسىلات ئۈستىدە توختىلىش، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەرقنى تېپىپ چىقىش، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، سۈپەتنى، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، بۇ يىل «1 ـ ئىيۇل»دىن كېيىن، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ لايىھە تۈزۈپ، مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىدا ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى تەكشۈردى.

ئورگانلاردا، مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى رەھبىرىي كادىرلارنى ئادەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇش، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەسىلىلەرنى ئورتاق تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ ئاساسىي قاتلامدا، مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش «جەڭ مەيدانى» ۋە ئوقۇغۇچى پارتىيە ئەزالىرى ئەمەلىيەت بازىسى قاتارلىق بىرىنچى سەپلەرگىچە ئېچىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

«ئاچچىق تەم»دىكى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنلىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى جەريانىنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا تەنقىد ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ئىستىلىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش جەريانىغا، «زەھەرنى ھەيدەپ كېسەل داۋالايدىغان» «كالتسىي تولۇقلاپ سۆڭەكنى چىڭىتىدىغان» پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.

− شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى، جانلىق ئېلىپ بېرىلىشى، چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

بۇ قېتىمقى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، ھەر قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەنىڭ ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تەجرىبىلىرى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىنىپ، ئۆرنەك قىلىنىپ، مەۋقە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قويۇلۇپ، مەزمۇننى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش ئاساسىدا، ئىجادچانلىققا باي بىر قاتار ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى، ئۆگىنىش ۋاسىتىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى، شەكىللەندۈرۈلدى، كىتابتىن ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆگىنىش، نەق مەيداندا ئۆگىنىش بىرلەشتۈرۈلۈپ، «مەن ئۆگىنىمەن» دەيدىغان جانلىق ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈلدى.

كۆرگىلى بولىدىغان، رەقەملەشتۈرۈلگەن ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىلدى، زور بىر تۈركۈم پارتىيە تارىخى لېكسىيە سىنلىرى قويۇش، كۆرسىتىش، كىنو ـ تېلېۋىزىيە، شىچۈ تىياتىرى، گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا قاتارلىق سەنئەت ۋاسىتىلىرىنى ئۇنىۋېرسال تەتبىقلاش، زور بىر تۈركۈم جانلىق يېڭى تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرى پارتىيە تارىخىنى «كۈندە كۆرۈش» «ھەر ۋاقىت كۆرۈش» «ھەممە جايدا كۆرۈش»تىن ئىبارەت جانلىق مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.

شى جىنپىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدا» «ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر سوئال ـ جاۋابلار» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىسقىچە تارىخى» قاتارلىق تۆت پارچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى «بېكىتىلگەن كىتاب» چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىسقىچە تارىخى» «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ قىسقىچە تارىخى» «سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى» قاتارلىق مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىشتىن ئۈنۈمگە ئېرىشىشى، ئۆگىنىشتىن چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

يېزىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ھەقىقىي تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش ئۈچۈن، ئاساسىي قاتلام بەس ـ بەستە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

پارتىيە ئەزالىرى خاتىرە سارىيى، كۆرگەزمىخانىغا كىرىپ قىزىل ئىزنالارنى ھېس قىلىشقا تەشكىللەندى، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، كىتاب ئوقۇش، ماقالە قوبۇل قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئۇرغۇتۇلدى، قەھرىمان ـ نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى باش تېمىلىق پارتىيە تارىخى دەرسخانىسىغا كىرىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىكى چوڭقۇر تەسىراتلىرىنى ئورتاقلىشىشقا تەكلىپ قىلىندى، كىنو ـ تېلېۋىزىيە پارتىيە دەرسى، مۇزىكا پارتىيە دەرسى، تىياتىر پارتىيە دەرسى تەسىس قىلىندى، «پارتىيە تارىخى مەدەنىيەت تېمى» قاتارلىق ئۆگىنىش ۋاسىتىلىرى تەسىس قىلىندى...

ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەزمۇن، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا قىزغىن ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغاپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئامما ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى، ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى، كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىشتىن تەپەككۇر ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسى يارىتىلدى −

كەڭ پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەسلىي مەقسەتنى ھېس قىلىپ، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى كۈرەش قىلىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى

«قىزىل مېيخۇا گۈلى ئېچىلدى، ھەممىسى قىلدى تەڭ جىلۋە...» بۇ يىل 6 ـ ئايدا، پارتىيەنىڭ 100 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ھارپىسىدا، سىمفونىيەلىك چىڭچاڭ تىياتىرى «جياڭ ھەدە» چىڭخۇا داشۆنىڭ يېڭى چىڭخۇا شۆتاڭىدا قويۇلدى. تىياتىردىكى «جياڭ ھەدە»نىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇش، پارتىيەگە سادىق بولۇش، جان پىدا قىلىشتەك ئىنقىلابىي روھى مەيداندىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچى تىياتىرنى كۆرگەندىن كېيىن تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: «بۇ، بىر قېتىملىق شەكلى جانلىق پارتىيە تارىخى دەرسى بولدى، بۇ بىزنى ئايال قەھرىمان <جياڭ ھەدە>نى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئىستېرېئولۇق چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە بىزنى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئەجدادلارنىڭ روھىغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى».

بۇ، غايە ـ ئېتىقادنىڭ چوڭقۇر تاۋلىنىشى −

ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرى فېيشى ناھىيەسىدىكى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1.1 كىلومېتىر كېلىدىغان، ئاۋات چوڭ يولغا تۇتىشىدىغان يەنچياۋ يولى «توردا ئالقىشلانغان يول»غا ئايلاندى، ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

«بۇ گۈللەنگەن دەۋر، ئارزۇيۇڭلاردۇر سىلەرنىڭ ئوتلۇق، بولۇپ سىلەرنىڭ بىر جۈپ كۆزۈڭلار، سىلەر ئۈچۈن كۆرىمىز تولۇق.» بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىنقىلابىي قۇربان چېن يەننيەن، چېن چياۋنيەنلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان يولنىڭ يول تاختىسى ئاستىدا، دەستە ـ دەستە گۈللەر، سۆز قالدۇرۇلغان كارتىلار قىش ـ ياز ئۈزۈلۈپ باقمىدى.

ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشمۇ قىزىل گېننى داۋاملاشتۇرغانلىق.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئورنىدىن قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىدىكى شياڭجياڭ ئۇرۇشى خاتىرە باغچىسىغىچە، زۇنيى يىغىنىنىڭ يىغىن ئورنىدىن خېبېي شىبەيپوغىچە... تۈركۈم ـ تۈركۈم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما بۇ جايلارغا ئىززەت ـ ئېھتىرام بىلەن ئىزدەپ كېلىپ، تولۇپ تاشقان غايە ـ ئېتىقاد بىلەن قايتتى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى، ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىنى، ئېتىقاد نۇرىنى تاپتى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، قىزىل بايلىقلار جانلاندى، قىزىل شەخسلەر نامايان بولدى، قىزىل گېن تارقالدى. بايلىقنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلاشتا، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، يېڭى جۇڭگونىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، ئېتىقاد ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، مەنىۋى كالتسىي تېخىمۇ يېتەرلىك تولۇقلاندى.

بۇ، ئىدىيە، نەزەرىيەنىڭ چوڭقۇر تاۋلىنىشى −

جياڭشى تۇپرىقى بىر پارچە قىزىل مۇنبەت تۇپراق.

بۇ يىل 3 ـ ئايدا، جۇڭگو جىڭگاڭشەن كادىرلار شۆيۈەنىدە، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات بۆلۈمىدىكى ئوقۇتقۇچىلار «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر سوئال ـ جاۋابلار»نى قولىغا ئېلىپلا، بىرىنچى ۋاقىتتا تەتقىق قىلىپ ئوقۇشقا تەشكىللىنىپ، تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى.

كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇق، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ھەقىقەت ئۇلۇغ كۈچىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇق. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈشتىكى ھاسىلاتلارنى ئوقۇتۇشقا سىڭدۈرۈپ، كۇرسانتلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىگە تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىمىز.

ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئۇدا كۈرەش قىلىش ئىدىيە، نەزەرىيەدىكى چوڭقۇر ئاڭلىقلىقتىن باشلىنىدۇ.

ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، ئەسلىي قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، مەركەزلىك ئۆگىنىش بىلەن ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈش، مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى قاتارلىق شەكىللەردىن ياخشى پايدىلىنىپ ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇتەخەسسىسلەرنى كونسۇلتاتسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىش...

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار بەس ـ بەستە نەزەرىيە ئۆگىنىش يېڭى يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغاپ، چوڭقۇر ئويلىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيە جەھەتتىكى سەگەكلىكى ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتىكى قەتئىيلىكنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى راستچىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش −

100 يىللىق پارتىيە تارىخى خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت ياراتقان تارىخ؛ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبە.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى داۋامىدا، ئەسلىي مەقسەت ھېس قىلىندى، بۇرچ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، رېئاللىقنى كۆزىتىپ بىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى كەسىپ ئەمەلىيىتى ۋە ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە قويۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى.

مائارىپ مىنىستىرلىقى «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تاپشۇرۇقنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى بېسىپ تارقىتىپ، ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقى، ئۇيقۇسى، يان تېلېفونى، ئوقۇشلۇقى، بەدەن سۈپىتىنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت «بەش تۈرلۈك باشقۇرۇش»نى سىجىل كۈچەيتتى؛ خېيلۇڭجياڭ مەۋقەنى شەرقىي شىمال رايونىدىكى ئاممىنىڭ قىشلىق ئىسسىنىش ئېھتىياجىغا قويۇپ، «خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شەھەرنى پار بىلەن تەمىنلەش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئاھالىلەرنى پار بىلەن تەمىنلەشتە ئۆي تېمپېراتۇرىسى ئۆلچىمىنى ئەسلىدىكى 18 سېلسىيە گىرادۇستىن 20 سېلسىيە گىرادۇسقا ئۆرلەتتى؛ قۇرۇلۇش بانكىسى كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي ۋە ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي جەھەتتىكى قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى؛ شاڭخەي قاتناش داشۆسى كۆپلىگەن مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى...

كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىن ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقىچە، ياشانغانلار، بالىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىن مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇرالغۇ كاپالىتىگىچە، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ھەم مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ھەم ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى، ئامما پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

بۇ، كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتىدىغان قايتا ئاتلىنىش −

شياڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى گۇاڭشى گۇيلىننىڭ ماۋجۇشەن كەنتى ئەينى يىلى قىزىل ئارمىيە جەڭ قىلغان جاي بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۈزۈمچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ پۇقرالارنى بېيىتتى.

«بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپ قىزىل ئارمىيە توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولدۇق، قىيىنچىلىق ھەرقانچە زور بولسىمۇ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى ئويلىساق، شياڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى قانلىق جەڭنى ئويلىساق، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق» دېدى ماۋجۇشەن كەنتىدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىسى ۋاڭ دېلى.

ئۇزۇن سەپەر روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ماۋجۇشەن كەنتى ئادىمىيەت بىلەن تەبىئەتتىن ئىبارەت قوش ئېكولوگىيەنى بىرىكتۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ۋەزىيەت ئۆزگەرسىمۇ بوران ـ چاپقۇندىن قورقماسلىق كېرەك. كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يېڭىلمەس قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچى.

مەنىۋى كۈچ زامان، ماكان ھالقىش، ئۆگىنىش جەريانىدا تەسىرلىنىش، تەسىرلىنىش جەريانىدا ۋارىسلىق قىلىش.

يېرىم ئەسىر ئىلگىرى، ئالىم گو يۇڭخۇەي نام ـ شەرىپىنى يوشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يادرو قورالىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا ئاتلانغان، ئۇ ئولتۇرغان ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندە، مۇھاپىزەتچى خادىم بىلەن بىللە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە، مەيدىسى بىلەن ھۆججەت سومكىسىدىكى مۇھىم ھۆججەتلەرنى قوغداپ قالغان.

بۈگۈنكى كۈندە، گو يۇڭخۇەي ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا داشۆسىدە، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» ئالىملىرىنىڭ ئىش ئىزلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد ياش ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بەرمەكتە.

پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشقىچە؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقىچە؛ قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى ياخشىلاشتىن يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكىچە... كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىرادىسى ۋە شىجائىتىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش روھى بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇردى.

مەركەزلىك ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ قەرەلى بار، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ چېكى يوق.

بەش يىل ئىلگىرى، خەلق سارىيى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى مۇنداق ئاگاھلاندۇردى −

«ھەممىدە ئالدىغا قاراپ ماڭساقمۇ، بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ؛ ھەرقانچە يىراققا ماڭساقمۇ، ھەرقانچە پارلاق كەلگۈسىگە يېتىپ بارساقمۇ، بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ».

بەش يىلدىن كېيىن، تيەنئەنمېن راۋىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە مۇنداق دەپ تەنتەنىلىك چاقىرىق قىلدى −

«بىز تارىخ ئارقىلىق رېئاللىقنى يورۇتۇپ، كەلگۈسىگە يىراقتىن نەزەر سېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن بىزنىڭ ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىزنى ئېنىق كۆرۈپ، كەلگۈسىدە بىزنىڭ قانداق قىلغاندا داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك».

تارىخ كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ، كۈرەش ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. تارىختىن قايتا ـ قايتا ئەقىل ـ پاراسەت ۋە جاسارەت قوبۇل قىلغان، قايتا ـ قايتا غەلىبىدىن ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىگە قاراپ ماڭغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى جەزمەن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان ـ شەرەپ قۇچىدۇ!

(مۇخبىرلار جۇ جىچەي، ۋاڭ زىمىڭ، خۇاڭ يۆ، ليۇ شو، شيۇڭ فېڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.