ئاپتونوم رايون يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى
شىنجاڭچە زامانىۋى نۇسخىدىكى «فۇچۈنشەن تېغى تۇرالغۇ مەنزىرىسى» بەرپا قىلىنىدۇ
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايون يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇللىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشى، سىنلىق ئۇلىنىشى، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ـ ئۈنۈملەر ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇلۇپ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» «مەدەنىيەتنى يوقىتىش» قاتارلىق يالغان ـ ياۋىداق سۆزلەر ۋە بىمەنە سەپسەتىلەرگە كۈچلۈك رەددىيە بېرىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ تاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ «ئاساسىي قۇرۇلمىسى» بەرپا قىلىنىپ بولدى، كېيىنكى قەدەمدە، 35 مۇستەھكەملەيدىغان، يۈكسەلدۈرىدىغان ناھىيە، 20 ئۈلگە كۆرسىتىدىغان، يېتەكلەيدىغان ناھىيە، 38 مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان ناھىيە بويىچە، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تۈرگە ئايرىپ ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىدۇ، 100 ئۈلگە كۆرسىتىدىغان يېزا ـ بازار، 1000 ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كەنت قۇرۇلۇشى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ لايىھەلەش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شىنجاڭچە زامانىۋى نۇسخىدىكى «فۇچۈنشەن تېغى تۇرالغۇ مەنزىرىسى» بەرپا قىلىنىدۇ.
«كەسىپتىن قىلىنغان كىرىم دېھقانلار ئائىلە كىرىمىنىڭ %67ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى». خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى نەبىجان ئابدۇقادىر كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندا مۇنداق دېدى: خوتەن كەسىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، كارخانىلارنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى تۇرسۇن سەيداق مۇنداق دېدى: قەشقەر باشتىن ـ ئاخىر ئەمگەكچىلەرنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلدى، بۇ يىلدىن بۇيان، جەمئىي 444 مىڭ 900 دېھقان ـ چارۋىچىنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ماھارەت تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.
مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشنى تىلغا ئالغاندا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى بۇپاتىمە مەمەتئىبراھىم مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى يۈزلىگەن، مىڭلىغان ئامما ھەرقايسى جايلاردىكى مەدەنىيەت مەيدانلىرى، مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدا ئۇسسۇل ئوينايدۇ، ناخشا ئېيتىدۇ، كىتاب ئوقۇيدۇ، گېزىت كۆرىدۇ، بىز مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوبراز يارىتىپ، ئەڭ گۈزەل يېزا ـ كەنت بەرپا قىلىۋاتىمىز.
ئالتاي ۋىلايەتلىك يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى مۇقىيات ئوتاي مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالتاي ساياھەت بايلىقى ۋە ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىگە مەھكەم تايىنىپ، مەملىكەت بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق بازار(يېزا)دىن بىرنى، مەملىكەت بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتتىن بەشنى، جۇڭگودىكى ئەڭ جەلپكار ئىستىراھەت يېزا ـ كەنتىدىن بىرنى، جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت يېزا ـ كەنتىدىن ئىككىنى، جۇڭگودىكى گۈزەل قىشلاقتىن بىرنى بەرپا قىلدى.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى جەن گوتەي بۇ ۋىلايەتنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى تونۇشتۇردى.
مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 1 ـ دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى چېن لېي مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش جەھەتتە خىزمەت تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاپپارات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، بەش دەرىجە بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىپ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەسىپلەرنى گەۋدىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن داۋاملىق ياردەم بېرىش ـ يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، مەبلەغ تۈرلىرىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئون تۈرلۈك خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەيدۇ.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كۆپلىگەن سىنلارنى قويۇش ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمى جانلىق نامايان قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئېلىجان ئانايەت مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك، باسقۇچلۇق نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭدىن كېيىن، بىز داۋاملىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئۈمىدكە تولغان كەسىپكە، دېھقان بولۇشنى جەلپكار كەسىپكە، يېزىلارنى خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرىمىز.