تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ تۈرلۈك ئىسلاھات ئارقىلىق «قاتراش تەننەرخى»نى ئازايتتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان «تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش» تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇق چېكىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گاۋ جيەندۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، 100 تۈرلۈك «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، «كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «26 كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئالاھىدە ئەمگەك مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى، ئوتقا چىداملىق ماتېرىياللار، بىناكارلىق سۇ ئۆتمەس يۆگىمە ماتېرىياللىرى قاتارلىق 50 تۈرلۈك سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، خىمىيەۋى ئوغۇت، يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلات قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان تۆت تۈردىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئىجازەتنامە بېرىلىدىغان كارخانىلارغا قارىتا «ئاۋۋال ئىجازەتنامە بېجىرىش، ئاندىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش»نى يولغا قويدى؛ يېمەكلىك، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، سانائەت مەھسۇلاتلىرى، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىجازىتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى؛ «ھۆكۈمەت بىلەن بانكا ھەمكارلىقى» «ھۆكۈمەت بىلەن پوچتا ھەمكارلىقى»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر ئىشىك، بىر قېتىم، بىر تور»دا كىنىشكا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشتىكى «قاتراش تەننەرخى» «ۋاقىت تەننەرخى»نى زور دەرىجىدە ئازايتتى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى بازار سۇبيېكتى ئىجازىتىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىپ، كارخانىلارنى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىش ۋاقتىنى بىر خىزمەت كۈنىگە قىسقارتقان. بازار سۇبيېكتىنىڭ بارلىق تىزىملاش ئىشلىرىنى توردا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىزىملاشنىڭ قولايلىقلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار 496 تۈرلۈك تىجارەت ئىجازىتى ئىش تۈرىنى تولۇق قاپلىغان تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشتىكى «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

11 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىنغان تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىليون 140 مىڭ (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشقان؛ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، 396 مىڭى يېڭىدىن تىزىمغا ئېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.85 ئاشقان.

ئاپتونوم رايون تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئادىل، تەرتىپلىك بازار مۇھىتىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىدىكەن؛ يېمەكلىك، دورا، ئالاھىدە ئۈسكۈنە، سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت «تۆت چوڭ بىخەتەرلىك» تۆۋەن چېكىنى كۈچەپ چىڭ ساقلايدىكەن؛ سۈپەت كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.