تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نانچىلىق كەسپىدە كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى چېن چياڭۋېي، جاڭ جىلى خەۋەر قىلىدۇ: «ھازىر، قەشقەر ۋىلايىتىدە ناننىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىلىش ـ سېتىلىش مىقدارى 10 مىليوندىن ئاشتى.» 12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك نانچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇغېنى سىدىق مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، تەتقىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

قەشقەر ۋىلايىتى بۇ يىل نان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە نانچىلىق كەسپى باغچىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، نانچىلىق كەسپىدە كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن تەرەققىيات بارلىققا كەلدى. 12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، قەشقەر مەپتۇن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، تولۇق ئاپتوماتلاشقان ئۈچ نان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. ئۇن، سۈت قاتارلىق خام ماتېرىياللارنى ئارىلاشتۇرۇش، بولدۇرۇش، راسلاش، يېقىش، سوۋۇتۇش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق، ھەربىر دانىسى 30 گىرام كېلىدىغان ئايرىم ئورالمىلىق سۈت نان تەييارلاشتا، پۈتۈن جەرياندا ئاپتوماتلاشقان، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى.

«كارخانىمىز 2018 ـ يىلى كوللېكتىپ قۇرۇپ تەشكىللەپ نان ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغان، نەچچە يىل مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش، بازار يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، ھازىر تېز تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىردۇق» دېدى قەشقەر مەپتۇن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لياڭ چاۋ.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ شىركەت كۈنىگە تەخمىنەن 300 مىڭ نان ئىشلەپچىقىرىپ، سەككىز ئۈلۈشتىن ئارتۇقىنى سىرتقا سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بازارنى كېڭەيتىش سالمىقىنىڭ زورايتىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ شىركەتنىڭ نان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى پۇختا قەدەمدە ئېشىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

لياڭ چاۋ سېختىكى ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ھەر سېكۇنتتا 80گە يېقىن سۈت ناننى ئىشلەپچىقىرالايدۇ، بۇ، سېتىلىش مىقدارى ئەڭ ياخشى بولغان تۈر. بۇ يىل، شىركەتنىڭ مەھسۇلات تەمىنلىشى ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالدى، بىز ئۈچ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە تېخنىكا ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدۇق. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ھەربىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ھەر سېكۇنتتا 100 نان ئىشلەپچىقىرالايدۇ. شىركەت يەنە يېڭىدىن بىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆپەيتىدۇ، ئون نەچچە كۈندىن كېيىن قۇراشتۇرۇپ تەڭشەشنى باشلايدۇ. شۇ ۋاقىتتا، تۆت ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى كۈنىگە 600 مىڭغا يېقىن نان ئىشلەپچىقىرىدۇ».

قەشقەر ۋىلايىتى نانچىلىق كەسپى تەرەققىيات رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 6 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتىدە ناننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ـ سېتىلىش مىقدارى 4 مىليون 387 مىڭ 800 بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئىچىگە 3 مىليون 940 مىڭ 300ى سېتىلغان، شىنجاڭ سىرتىغا 447 مىڭ 500ى سېتىلغان. 12 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتىدە ناننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ـ سېتىلىش مىقدارى 11 مىليون 220 مىڭ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئىچىگە 8 مىليون 420 مىڭى سېتىلغان، شىنجاڭ سىرتىغا 2 مىليون 800 مىڭى سېتىلغان. يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، بۇ ۋىلايەتتە ناننىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىلىش ـ سېتىلىش مىقدارى %156 ئاشقان.

«بىز نانچىلىق كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەنبەسىنى قاتتىق تۇتۇپ، چوڭ كارخانىلار، چوڭ بازىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سېتىش مەخسۇس گۇرۇپپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارا بازىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، بىرقەدەر مۇقىم بولغان سېتىش يولى ۋە يېمەك ـ ئىچمەك بازىرىنى شەكىللەندۈردۇق.» ئابدۇغېنى مۇنداق بىلدۈردى: «نۆۋەتتە، قەشقەرنىڭ نانچىلىق كەسپى مەھسۇلات سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە بولۇش، ئىستېمالچىلار ئېتىراپ قىلىشتەك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا كىردى».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.