تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئاخىرقى چەككە جەڭ ئېلان قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچى قاتاردىكى نەتىجىنى يارىتىش

​− چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولى روھى توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جوۋ يۈەن، فەن شى

70 يىل ئىلگىرى، يېڭى جۇڭگو 40 مىڭدىن ئارتۇق تۆگە بىلەن شىزاڭغا ماددىي ئەشيا توشۇغان، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر كىلومېتىر ئىلگىرىلىگەندە، «قۇملۇق كېمىسى»دىن 12سى چىقىم بولغان.

بۈگۈنكى كۈندە، 1000 چاقىرىمغا سوزۇلغان پولات - تۆمۈردىن پۈتكەن «ئاسمان يولى»دا پويىز بىر كۈندىلا يېتىپ بارىدىغان بولۇپ، قارلىق ئېگىزلىك ئۈچۈن ئاسايىشلىق ئېلىپ كەلدى.

كۆز يەتكۈسىز قارلىق دالا، ھەيۋەتلىك كوئېنلۇن دۇنيا تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى مۆجىزىگە گۇۋاھ بولدى. چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولى «ئاخىرقى چەككە جەڭ ئېلان قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچى قاتاردىكى نەتىجىنى يارىتىش»تىن ئىبارەت چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولى روھىنى بارلىققا كەلتۈردى.

2020 - يىلى 11 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۇەن - شىزاڭ تۆمۈريولىدا قۇرۇلۇش باشلاش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: كەڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشچىلىرى «ئىككى يول» روھى ۋە چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي قۇرۇلۇش قىلىپ، بىخەتەر قۇرۇلۇش قىلىپ، يېشىل قۇرۇلۇش قىلىپ، قۇرۇلۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ۋەتەننى سۆيۈپ ئۆزىنى بېغىشلاش، ئاخىرقى چەككە جەڭ ئېلان قىلىش

«كوئېنلۇن تاغ تىزمىسى بولىدىكەن، تۆمۈريول مەڭگۈ لاساغا يېتىپ بارالمايدۇ.» 20 - ئەسىردىكى ئامېرىكىلىق ساياھەتچى پائۇل تايرۇ «جۇڭگوغا ساياھەت» دېگەن كىتابىدا شۇنداق دەپ يازغان.

تارىخمۇ بۇ ھۆكۈمنى ئىسپاتلاۋاتقاندەك قىلاتتى −

1958 - يىلى 9 - ئايدا، چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولىنىڭ شىنىڭدىن گولمۇدقىچە بولغان بۆلىكىدە ئىش باشلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە گولمۇدتىن لاساغىچە بولغان بۆلىكىدە كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش - ئۆلچەش باشلاندى. لېكىن قۇرۇلۇشنى كېچىكتۈرۈش، ئىشنى توختىتىش، قۇرۇلۇشنى قايتا باشلاشنى باشتىن كەچۈرۈپ، تاكى 1984 - يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن شىنىڭ - گولمۇد بۆلىكى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. ناچار تەبىئىي مۇھىت، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، گولمۇد - لاسا بۆلىكىدە قۇرۇلۇش توختاپ قالدى.

«كوئېنلۇن تېغىغا كەلگەندە، جان تۇمشۇققا كېلىپ قالىدۇ؛ بەش داۋاندىن ئۆتكەندە، ئاتا - ئانىنى كۆرۈشمۇ تەس بولىدۇ؛ فېڭخوشەن تېغىغا چىققاندا، ھايات - ماماتلىق ئۆتكىلى كۈتۈۋالىدۇ.» يەرلىك خەلق قوشاقلىرىدا چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولى بويىدىكى ياشاش مۇھىتىنىڭ خەتەرلىك ھەم ناچار ئىكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن.

گۇرۇپپا - گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلاردا ئېچىنىشلىق ۋە رەھىمسىز رېئاللىق خاتىرىلەنگەن بولۇپ، «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»نىڭ نېمىلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ: 1953 - يىلى چىڭخەي - شىزاڭ تاشيولى ياسىلىۋاتقاندا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر كىلومېتىر يولنى ياساش جەريانىدا بىر ئادەم قۇربان بولغان؛ 1985 - يىلى تاشيول ئۆزگەرتىپ ياسالغاندا، بىر قۇرۇلۇش تارمىقى ئۈچ ئاي ئىچىدە، ئاغرىق توختىتىش تابلېتكىسىدىنلا 130 مىڭ دانىنى ئىشلىتىپ بولغان؛ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان لىنىيە 960 كىلومېتىردىن كۆپرەك بولۇپ، ئىنتايىن سوغۇق بولغاندا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەن...

2001 - يىلى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، كۆپ قېتىم دەلىللەش ئارقىلىق، چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولىنىڭ گولمۇدتىن لاساغىچە بولغان بۆلىكىدە رەسمىي ئىش باشلاندى. 100 مىڭ كىشىلىك يول ياساش چوڭ قوشۇنى تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتەك تولۇپ تاشقان زور ئىرادە بىلەن تېزدىن يىغىلىپ، «دۆلەت تومۇرىنى قۇرۇش، ئالتۇن كۆۋرۈك سېلىش، دۆلەت قۇدرىتىنى نامايان قىلىش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»غا قاراپ قەتئىيلىك بىلەن ئاتلاندى.

قۇرۇلۇش قىلىش زادى قانچىلىك تەس؟

ئەينى چاغدىكى جۇڭگو تۆمۈريول 1 - ئىدارىسى چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولى رېلىس ياتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لى جيەنگو ئەسلەپ مۇنداق دېدى: دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن كۆپرەك ئېگىزلىكتىكى جايدا رېلىس ياتقۇزغاندا، ئىشچىلار ئىككى قات يۇڭ پوپايكا، يۇڭ ئىشتاننىڭ ئۈستىگە يەنە قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن جۇۋا، تېرە ئىشتان كىيىۋالسىمۇ كار قىلمايتتى؛ قۇرۇلۇش ئورنىدا ماشىنا رېمونت قىلغاندا، تۆت - بەش مىنۇتتىلا ئادەم ئالمىشىشقا توغرا كېلەتتى، ئىككى ۋېنتىنى بوشىتىپ بولغۇچە ئادەم توڭلاپ قىمىرلىيالماي قالاتتى.

ئوكسىگېندان بىلەن رېلىس، رېلىس مىخى، شىپال قاتارلىقلار قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان نەرسىلەر. ئىشچىلار دائىم بەش كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى ئوكسىگېنداننى يۈدۈۋېلىپ ئىشلەيتتى، بىئارام بولسا ئازراق ئوكسىگېن سۈمۈرۈۋېلىپ، بىرئاز دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن يەنە ئۇلاپ ئىشلەيتتى. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4600 مېتىردىن ئاشىدىغان كوئېنلۇن تېغى تونېلى قۇرۇلۇش مەيدانىدا، بىر يىل بولمايلا ئىشچىلار تەخمىنەن 120 مىڭ ئوكسىگېنداندىكى ئوكسىگېننى ئىشلىتىپ بولدى.

«جاپا - مۇشەققەت ئالدىدا جاپا تارتىشتىن قورقمايمىز، كۈچلۈك بوران - چاپقۇن ئالدىدا ئىرادىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، ئوكسىگېن كەمچىل بولسىمۇ روھىمىز كەمچىل ئەمەس، دېڭىز يۈزىدىن قانچە ئېگىز بولغانسېرى، تېخىمۇ يۇقىرىغا ئىنتىلىمىز!» تۆمۈريول قۇرۇلۇشچىلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۈچلۈك ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن قەھرىتان سوغۇق، قار - شىۋىرغانغا قارىماي، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى يېڭىپ، ھاياتلىقنىڭ ئاخىرقى چېكىگە جەڭ ئېلان قىلدى.

بەش قىش، بەش ياز ئۇزىدى، قاتار - قاتار پولات رېلىسلار قارلىق ئېگىزلىكنىڭ ئىچكىرىسىگە سوزۇلدى −

2006 - يىلى 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سائەت نۆلدىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە، لاسا ۋوگزالىدا گولمۇدتىن يولغا چىقىپ تۇنجى بولۇپ شىزاڭغا كىرگەن «چىڭ 1» ناملىق نۆۋەتچى پويىز ۋوگزال سۇپىسىغا ئاستا - ئاستا كىرىپ كەلدى. جۇڭگو دۇنياغا: تۆمۈريول لاساغىچە ياسالدى! دەپ جاكارلىدى.

«ئازراق مىدىرلاپ قويسىلا ئوكسىگېندان ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدىغان ئەھۋالدا كىممۇ رېلىس ياتقۇزالايدۇ؟ بۇ تۆمۈريول جۇڭگونىڭ <جۈرئەت قىلىش> روھىنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى.» ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى»دە شۇنداق دەپ يېزىلدى.

ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچى قاتاردىكى نەتىجىنى يارىتىش

جاراڭلىق پارتلاش ئاۋازى بىلەن پەيدا بولغان كۆز ئالدىدىكى مەنزىرە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئىشچىنى ھەيران قالدۇردى: فېڭخوشەن تېغى تونېلىدىن ئېتىلىپ چىققىنى توپا - تاش بولماستىن، پۈتۈنلەي دېگۈدەك مۇز پارچىسى ئىدى.

فېڭخوشەن تېغى تونېلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1338 مېتىر، رېلىسنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 4900 مېتىر بولۇپ، ھەممىسى ئېگىزلىكتىكى مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراق قاتلىمىغا جايلاشقان، بۇنداق گېئو مۇھىت تونېل قۇرۇلۇشىدا «چەكلەنگەن رايون» دەپ قارىلىدۇ.

«ئېگىزلىكتىكى توڭ تۇپراقتا قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ ئاچقۇچى تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش. تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولسا، بېتون قاتمايدۇ؛ تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولسا، قورشىما تاغ جىنىسلىرى ئىسسىقتىن ئېرىپ، تونېل تېمى سىيرىلىپ گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدۇ» دېدى ئەينى چاغدىكى فېڭخوشەن تېغى تونېلىنى قېزىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى رېن شاۋچياڭ.

دۆلەت ئىچى - سىرتىدا بىۋاسىتە پايدىلانغىلى بولىدىغان پىشقان تەجرىبە يوق ئەھۋالدا، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋە قۇرۇلۇشچىلار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجادىي ھالدا چوڭ تىپتىكى تونېل ھاۋا تەڭشىگۈچ گېنېراتور گۇرۇپپىسىدىن ئىككىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، تونېلدا قۇرۇلۇش قىلىش تېمپېراتۇرىسىنى بەلگىلىك دائىرىدە ئېنىق كونترول قىلىپ، قېزىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.

تېيىز توڭ تۇپراقتا تونېل قېزىش، مۇز جىنىسلىرىنى سىلىق پارتلىتىش، توڭ تۇپراقنى سۇ ئۆتمەس، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس قىلىش... ئېگىزلىكتىكى توڭ تۇپراقتا قۇرۇلۇش قىلىشتىكى 20 نەچچە تۈرلۈك دۇنياۋى خاراكتېرلىك قىيىن تېما كەينى - كەينىدىن ھەل قىلىندى، دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز تۆمۈريول تونېلى فېڭخوشەن تېغىدا پۈتۈپ، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولى فېڭخوشەن تېغىدىن ئۆتەلمەيدۇ» دېگەن پەرىزىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

ئېگىز، سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل بولۇش، كۆپ يىللىق توڭ تۇپراق قاتلىمى بولۇش، ئېكولوگىيەسى ئاجىز بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۇنياۋى خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش قىيىن تېمىسى ئالدىدا، بۇ، بىر مەيدان ناچار مۇھىت بىلەن بولغان كۈرەش، تېخنىكا بوغما ھالىتى بىلەن بولغان كۈچ سىنىشىش، تېخىمۇ مۇھىمى بىر مەيدان روھىي جەھەتتىن تاۋلىنىش بولدى.

− ئېگىزلىك ۋە قەھرىتان سوغۇق بىلەن جەڭ قىلىش. تۆمۈريول لىنىيەسى بويىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئون كىلومېتىرغا يەتمەيدىغان ئارىلىقتا بىردىن دوختۇرخانا بار بولۇپ، ئىشچىلار ئاغرىپ قالسا يېرىم سائەت ئىچىدە ئۈنۈملۈك داۋالاشقا ئېرىشەلەيدۇ؛ فېڭخوشەن تېغىدا، دۇنيادىكى تۇنجى چوڭ تىپتىكى ئېگىزلىك ئوكسىگېن ئىشلەش پونكىتى قۇرۇلۇپ، دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز جايدا ئوكسىگېن ئىشلەش تېخنىكىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى... 100 مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇن بەش يىل جەڭ قىلدى، بىرمۇ ئادەم ئېگىزلىك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتمىدى. جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋۇ تيەنيى مۇنداق دېدى: «بۇ، جۇڭگو ئېگىزلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش جەھەتتە ياراتقان دۇنياۋى مۆجىزە».

− توڭ تۇپراق بىلەن كۈرەش قىلىش. تۆمۈريول لىنىيەسى بويىدا ئۇدا كۆپ يىل مۇز تۇتۇپ تۇرىدىغان توڭ تۇپراق رايونى 550 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. «توڭ تۇپراق تېخنىكىسىنى ئىگىلەش چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچى.» شۇ چاغدىكى چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى لى جىنچېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇشچىلار قايتا - قايتا سىناق قىلىپ، تۆمۈريول لىنىيەسى بويىدىكى كۆپ يىللىق توڭ تۇپراقنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، «تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش، ئۇلنى سوۋۇتۇش، توڭ تۇپراقنى قوغداش»نى تېخنىكا ئىدىيەسى قىلغان بىر يۈرۈش توڭ تۇپراق قۇرۇلۇشى جۇڭگو ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىرغا يېتىپ، توڭ تۇپراق تۆمۈريولىدا يۈرۈش سائەتلىك سۈرئىتى بويىچە دۇنيا رېكورتى يارىتىلدى، يېڭىلىق يارىتىلغان توڭ تۇپراق پۈتۈن يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇش تېخنىكىسى جۇڭگو تۆمۈريولى 21 - ئەسىردە دۇنيا بىناكارلىق قۇرۇلۇش ساھەسىگە قوشقان مۇھىم تۆھپە دەپ قارالدى.

− ئېكولوگىيەنى قوغداش. چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئاجىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن، مۇھىت قوغداش قۇرۇلۇشىغا تەخمىنەن 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى؛ پەن تەتقىقات خادىملىرى «ئېگىزلىك توڭ تۇپراق رايونىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا بەرپا قىلىش» تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۆمۈريولغا ئىشلىتىلىدىغان يەردىكى ئۆسۈملۈكلەرنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىپ ئەي بولۇش نىسبىتىنى %70تىن ئاشۇردى، بۇ، تەبىئىي ئەي بولۇش نىسبىتىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى بولدى؛ پۈتۈن لىنىيەدە ياۋايى ھايۋانلار ئۆتىدىغان يولدىن 33ى ياسالدى؛ تىبەت بۆكىنىگە يول بېرىش ئۈچۈن، قۇرۇلۇشتا ئىلگىرى ئىككى قېتىم ئىش توختىتىلدى... 2008 - يىلى، چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولى گولمۇد - لاسا بۆلىكى قۇرۇلۇشى «دۆلەت بويىچە مۇھىتى دوستانە قۇرۇلۇش» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان چارلاش - لايىھەلەش، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان قۇرۇلۇش قىلىش تېخنىكىسى، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان قۇرۇلۇش سۈپىتى، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان باشقۇرۇش، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان مۇلازىمەت سەۋىيەسى... چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولى نۇرغۇن «بىرىنچى قاتاردا تۇرۇش» بىلەن دۇنيا تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى.

«قۇرۇلۇش چوڭ قوشۇنى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قەتئىيلىك ۋە ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولغان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئېگىزلىك تۆمۈريولى قۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى لۇ چۈنفاڭ.

داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش، يەنە يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش

بىر «ئاسمان يولى» قارلىق دالىنىڭ ئىچى - سىرتىنى تۇتاشتۇردى، بىر خىل روھ ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇردى.

دۇنيا تۆمۈريولى بويىچە ئەڭ ئېگىز جاي − تاڭگۇلا رايونىدا، يول ئاسراش ئىشچىسى يۈ بېنفەن گولمۇد -لاسا بۆلىكىدە قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان بۇ يەرنى چىڭ ساقلىدى، «يول مېڭىشمۇ قىيىن» بولغان مۇھىتتا، ئۇ ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئون كىلومېتىر يول يۈرۈپ تەكشۈرۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ باردى. ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، قىلچە بىخەستەلىك قىلماي، ھەربىر سۇڭ رېلىسنى ياخشى ئاسرىدى. «قار - شىۋىرغاندىن قورقمايدىغان ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىمەن» دېدى يۈ بېنفەن.

سىگنال چىرىغىنى ياندۇرۇپ، ئاچال يۆتكەپ، پويىزلارغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىش. شىزاڭدىكى تۇنجى ئەۋلاد زاڭزۇ مىللىتى تۆمۈريول خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۇساڭ «ئاسمان يولى»دىكى سىگنال ئۈسكۈنىسىنى 15 يىل قوغدىدى. «چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولى يۇرتۇمغا بەخت يارىتىۋاتىدۇ، بۇ يەرنىڭ بىر ئىشچىسى بولۇش مېنىڭ ئۆمۈرلۈك شان - شەرىپىم» دېدى پۇساڭ.

پاراۋۇز ئالماشتۇرۇش، قوزغىتىش، سۈرئەتنى كونترول قىلىش، پويىزنى توختىتىش، قول بىلەن ئىشارەت قىلىش، كۆز بىلەن كۆرۈش، چاقىرىش، جاۋاب بېرىش، سەپەر ئۈستىدە كۆزىتىش. ھەر قېتىم يولغا چىققاندا پويىز شوپۇرى شۈ باۋپىڭ ھەربىر ئىنچىكە ھالقىدا نۇقسانسىز مەشغۇلات قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ خېلى بۇرۇنلا خىزمەتداشلىرىنىڭ نەزەرىدىكى «ئۆلچەملىك مەشغۇلاتقا يېتەكچىلىك قىلىش قوللانمىسى»غا ئايلانغانىدى. «جاپالىقلىقى ھەقىقەتەن جاپالىق، لېكىن چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولىدا پويىز ھەيدىسەم، بارلىق تىرىشچانلىقىم ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىلىنىدۇ» دېدى شۈ باۋپىڭ.

روھ ۋارىسلىق قىلىنغاچقا ئۆچمەيدۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد تۆمۈريول قۇرۇلۇشچىلىرى ئاخىرقى چەككە جەڭ ئېلان قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچى قاتاردىكى نەتىجىنى يارىتىدىغان ئىرادە بىلەن، قارلىق ئېگىزلىك تەرەققىياتىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، سىچۇەن - شىزاڭ تۆمۈريولىنىڭ يائەندىن لىنجىغىچە بولغان بۆلىكىدە قۇرۇلۇش باشلاندى، پولات - تۆمۈردىن ياسالغان يەنە بىر «ئاسمان يولى» قارلىق ئېگىزلىككە تۇتىشىدۇ. يېڭىدىن ياسىلىدىغان غول لىنىيەنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1011 كىلومېتىر بولۇپ، 30 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تونېلدىن ئالتىسى، 100 مېتىردىن ئاشىدىغان ئېگىز كۆۋرۈكتىن توققۇزى بار، ياساش قىيىنلىق دەرىجىسى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ.

«90 - يىللاردا تۇغۇلغان» يىگىت جاۋ ۋېيشىڭ سىچۇەن - شىزاڭ تۆمۈريولى لاسا - لىنجى بۆلىكىدىكى زاڭمۇ پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكىنى ياساشقا قاتناشتى، كېيىنكى قەدەمدە سىچۇەن - شىزاڭ تۆمۈريولى يائەن - لىنجى بۆلىكىگە يۆتكىلىپ ئىشلەيدۇ. «پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ روھى بىزنى ئىزچىل رىغبەتلەندۈرۈپ، ئېگىزلىكتىكى تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشۇش ئىشەنچىمىز، ئىرادىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى» دېدى ئۇ.

قەدىمىي ئېگىزلىك، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار يەنە بىر قېتىم تۆمۈريول قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىگە گۇۋاھ بولماقتا. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، ئۇلار جەزمەن يېڭى مۆجىزىلەرنى داۋاملىق يارىتىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.