تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نان بىلەن لوسىفېن «قۇدىلىشىپ» ئەنئەنىۋىلىككە، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭىلىققا ئىگە بولدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى چېن چياڭۋېي، جاڭ جىلى

12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى نانچىلىق كەسپى يېمەكلىك باغچە رايونى جۇڭگو نان شەھەرچىسىنىڭ 1 - نومۇرلۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىكى پەن تەتقىقات بىناسىدا ئەمدىلا تونۇردىن چىققان ئىسسىق ناننىڭ ھىدى ئەتراپقا تارالغانىدى.

«بۇنى يەنە ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ، پىيازنى چوڭ توغراپ قويغاچقا ياخشى پىشماپتۇ» دېدى ليۇجوۋ لوسىفېن قولدا تەييارلاش ھۈنىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋارىسى نى ياۋياڭ ئۆزى ياققان ناننى يېگەندىن كېيىن، بىر چەتتە تۇرغان قەشقەر تېخنىك شۆيۈەنى ئاشپەزلىك ھۈنەر - سەنئىتى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەمەتئىمىن داۋۇت بېشىنى لىڭشىتىپ، نى ياۋياڭغا يەنە بىرنى يېقىپ سىناپ بېقىشنى ئېيتتى.

خېمىر يۇغۇرۇپ، نان راسلاش جەريانىدا، نى ياۋياڭ بىلەن مەمەتئىمىن نان يېقىش بىلىملىرى توغرىسىدا توختىماي پىكىر ئالماشتۇردى.

«ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەتتە، قانداق قىلغاندا ناننىڭ ساقلىنىش مۇددىتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ؟»

«ناننى ئۇزاقراق ساقلاش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا بەكرەك پىشۇرىمىز».

«پىيازنى ئالدىن چالا پىشۇرۇۋېلىپ، ئاندىن نان ئۈستىگە سېپىپ سىناپ باقساق بولامدۇ».

«ئىلگىرى مۇنداق قىلىپ باقمىغان، بىز سىناپ باقساق بولىدۇ».

...

بۇنداق دىيالوگ يېقىنقى نەچچە كۈن ئىچىدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆپ قېتىم ئېلىپ بېرىلدى.

لوسىفېن ئۇستىسى بىلەن شىنجاڭلىق ئالىي دەرىجىلىك ناۋاي ئۇستام قانداق قىلىپ بىللە نان ياقىدىغان بولۇپ قالدى؟ بۇنى 12 - ئاينىڭ بېشىدىكى بىر قېتىملىق ھەمكارلىقتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نانچىلىق كەسپى تەرەققىيات رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىلەن ليۇجوۋ شەھىرىدىن كەلگەن لوسىفېن كەسپىنىڭ ۋەكىلى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، قەشقەرنىڭ نانچىلىق كەسپى بىلەن ليۇجوۋ لوسىفېن كەسپىنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، لوسىفېن بىلەن ھەمكارلىشىشقا ماس كېلىدىغان نان مەھسۇلاتلىرىنى قاراتمىلىق ھالدا تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى.

كېلىشىم ئىمزالىغاندىن كېيىن، نى ياۋياڭ قەشقەردە قېلىپ، مەمەتئىمىن ۋەكىللىكىدىكى شىنجاڭلىق ناۋاي ئۇستاملار بىلەن بىرلىكتە پىكىر ئالماشتۇردى، ئۆگەندى. «قەشقەر نېنىنىڭ 153 خىل تۈرى بار، قايسى تۈردىكى نان لوسىفېن بىلەن ئەڭ ماس كېلىدۇ، قانچىلىك چوڭلۇقتىكى نان بىرقەدەر مۇۋاپىق، قانداق قىلغاندا ناننىڭ ساقلىنىش مۇددىتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ، ناننى ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش رېتسېپىنى قانداق قىلغاندا تەتقىق قىلىپ ئاچقىلى بولىدۇ قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشتىن بۇرۇن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر» دېدى نى ياۋياڭ.

نەچچە كۈندىن كېيىن، گۇاڭدۇڭ ۋە ۋۇشىدىن كېلىدىغان بىر تۈركۈم يېمەكلىك پىششىقلاش مۇتەخەسسىسلىرى، ئىلىم ئەھلىلىرى بۇ تەتقىق قىلىپ ئېچىش قوشۇنىغا قاتنىشىدۇ، ئۇلار بىرلىكتە بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ.

«نۆۋەتتە، ناننىڭ ساقلىنىش مۇددىتى ئادەتتە 90 كۈندىن 120 كۈنگىچە بولۇپ، لوسىفېننىڭ ساقلىنىش مۇددىتى يېرىم يىلغا يېتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ماسلىشىش دەرىجىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز بۇ مەسىلىنى جىددىي ھەل قىلىشىمىز كېرەك» دېدى قەشقەر نانچىلىق كەسپى يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ جۈن. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نانچىلىق بازىسى − جۇڭگو نان شەھەرچىسىنىڭ تىجارەت كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار بۇ قېتىم لوسىفېنغا مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى، قەشقەر نېنى بىلەن ليۇجوۋ لوسىفېنىنى ھەم تېز، ھەم ياخشى، ئوڭۇشلۇق «قۇدىلاشتۇرۇش» يۈ جۈننىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى.

نى ياۋياڭ مۇنداق بىلدۈردى: 2020 - يىلى ليۇجوۋ لوسىفېن خالتىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، %50تىن ئارتۇق لوسىفېن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىغا سېتىلغان. شىمال تەرەپتىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشتىھاسىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار ئىزچىل لوسىفېنغا ماس كېلىدىغان ئۇن تامىقى ئىزدىدى. كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ناننى لوسىفېن بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى بېكىتتى. قەشقەرمۇ دۆلەت ئىچى بازىرىنى ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئاچالايدىغان كارخانا ئىزدەۋاتقان بولغاچقا، ئىككى تەرەپ ناھايىتى تېز پۈتۈشۈپ، دەرھال كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

«لوسىفېن قىسقىغىنا نەچچە يىلدا مۇشۇنداق كەڭ كۆلەمگە يېتىپتۇ، بۇنىڭدىكى تەجرىبىلەر بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە بەك ئەرزىيدۇ. بىز تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ناھايىتى تېزلا ھەمكارلىق ھاسىل قىلىپ، كېلەر يىلى ئالدى بىلەن چاڭشا، لوياڭدىكى 100 لوسىفېن دۇكىنىدا ماسلاشتۇرۇپ سېتىشنى پىلانلىدۇق. كېيىنكى قەدەمدە بازار ئىنكاسىغا ئاساسەن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، قەشقەر نېنىنىڭ <كېمە ئارىيەت ئېلىپ دېڭىزغا چىقىشى>نى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى يۈ جۈن.

نۆۋەتتە، قەشقەر ۋىلايىتىدە ۋىلايەت دەرىجىلىك نانچىلىق كەسپى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىن ئىككىسى، ناھىيە، شەھەر نانچىلىق كەسپى باغچىسىدىن 14ى بار بولۇپ، نان ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كارخانىسىدىن 55نى كىرگۈزۈپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 201نى تەشكىللەپ قۇردى، 13 مىڭ 320 تونۇر بار. 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنىگىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە ناننىڭ كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارى 10 مىليون 699 مىڭ 200گە يېتىپ، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە نانچىلىق كەسپىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 50 مىڭ 100 كىشىگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.