□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ
60 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە، بىرەيلەن جوۋ شاۋدۇڭغا بىر ھاسا سوۋغا قىلدى، ئۇ ھاسىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالدى، ھەر قېتىم سىرتقا چىققاندا ئۇنى ئېلىۋالىدۇ. 70 ياشقا كىرگەن شۇ يىلى، ئۇ ھاسىسىنى نەرسە ساقلاش ئۆيىگە تاشلاپ قويۇپ چېچىنى قارىغا بوياپ، باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ دورا ماتېرىياللىرى ئۆستۈرۈشكە باشلىدى، «ھازىر باشقىلار مېنى ياشىنىپ قاپسىز دېمىسىكەن دەيمەن، مەن تېخى ئىگىلىك تىكلەۋاتىمەن».
جوۋ شاۋدۇڭ بۇ يىل 72 ياش، ھازىرقى سالاھىيىتى شىنجاڭ لىڭجىخۇا يىشېڭيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى. ئىلگىرى ئۇنىڭ مول كەچۈرمىشى بولغان − 1996 - يىلى خېنەندىن شىنجاڭغا كېلىپ تىرىشىپ ئىشلەپ، شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆستۈرۈش، سېتىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىگىلىكىنى بارغانسېرى زورايتىپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا ئاز - تولا نام چىقارغانىدى. كېيىن ئۇ ياشىنىپ قالغاچقا، سودىسىنى ئاستا - ئاستا ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى سۈرمەكچى بولغان. ئويلىمىغان يەردىن شىنجاڭغا جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى كەلگەن بىرنەچچە سودىگەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان، كۆپچىلىكنىڭ گېپى بىر يەردىن چىققان. 2019 - يىلى، 70 ياشلىق جوۋ شاۋدۇڭ يەنە بىر قېتىم باش مۇدىر بولۇپ، ئەزەلدىن شۇغۇللىنىپ باقمىغان دورا ماتېرىياللىرى ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش كەسپىدە يەنە بىر قېتىم ئىگىلىك تىكلىگەن.
يېقىندا، سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچە رايونىغا جايلاشقان جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى گۈل دېڭىزى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، مۇخبىر تۈرلۈك دورا ماتېرىياللاردىن ھوسۇل ئېلىنغانلىقىنى كۆردى. جوۋ شاۋدۇڭ كۆز ئالدىدىكى دالىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ناھايىتى ھاياجان بىلەن بايان قىلدى: «سانجى لاۋلۇڭخې رايونى مەيلى كىلىمات جەھەتتە ياكى تۇپراق جەھەتتە بولسۇن، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى باب كېلىدۇ، دورىلىق ئۈنۈمى نۇرغۇن جايلاردىكى ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلاردىن يۇقىرى تۇرىدۇ.» بۇ يىل، ئۇلار بۇ يەردە جەمئىي 5200 مودىن ئارتۇق يەرگە يەتتە خىل سورتلۇق دورا ماتېرىيالىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، «جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى گۈل دېڭىزى» دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى، «كەلگۈسىدە بازىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 10 مىڭ موغا كېڭەيتىلىدۇ» دېدى جوۋ شاۋدۇڭ.
ھازىر، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى گۈل دېڭىزى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا سېلىنغان مەبلەغ نەچچە ئون مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە جوۋ شاۋدۇڭلا 5 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆينى رەنىگە قويۇپ قەرز ئالدى. دوستلىرى ئۇنىڭغا ئېھتىياتچانراق بولۇشنى نەسىھەت قىلدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ ئىلگىرى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۆستۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغانىدى، «مەن 72 ياشقا كىردىم، ئەمدى ۋاقىتنى ئىسراپ قىلسام بولمايدۇ، پۇرسەت بولسىلا چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمەن» دېدى ئۇ.
جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۆستۈرۈش بازىسى سانجى لاۋلۇڭخې توغراقلىق مەنزىرە رايونىغا قوشنا، جوۋ شاۋدۇڭ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى پىلانلىدى − 10 مىڭ مولۇق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، دورا ماتېرىياللىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش بازىسى، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى بويىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىش، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى ساغلاملىق - كۈتۈنۈش بازىسى، سەيلە - ساياھەت... جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۆستۈرۈش كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ ۋە زورايتىپ، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، سېتىش ھەمدە گۈل دېڭىزى ساياھىتى قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈردى.
كەسىپنىڭ دەسلەپكى ئىگىلىك تىكلەش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان جوۋ شاۋدۇڭنىڭ ھەر كۈنلۈك خىزمەت ۋاقتى ئون سائەتتىن كۆپرەك بولسىمۇ، ئۇ ئازراقمۇ جاپا ھېس قىلمىدى، «بەزىلەر بىكار بولغاندا قارتا ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، مەن ھەر كۈنى ھەرخىل ئىشلار بىلەن ئالدىراش، بىكار تۇرغۇم كەلمەيدۇ، بۇ ماڭا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ھۇزۇرلىنىش ۋە چېنىقىش».